قان سىيىش قانداق كېسەللىكتىن دېرەك بېرىدۇ
قان سىيىش ــ قان ئارىلاش سىيىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا سۈيدۈك چىلان رەڭ بولىدۇ. قان سىيىش كۆپىنچە بۆرەك قاناشتىن بولىدۇ. سۈيدۈكتىكى تاياقچىسىمان قان ئۇيۇتمىسى كۆپىنچە سۈيدۈك يولىدا شەكىللىنىدۇ. ئەگەر سۈيدۈكنىڭ ئاخىرىدا قان بولمىسا، بۇ دوۋساق قانىغانلىق بولىدۇ، دەسلەپتىلا قان ئارىلاش بولسا، بۇ سۈيدۈك يولى قانىغانلىق بولىدۇ.
1. قان سىيىشكە قوشۇلۇپ، قاپاق ۋە پۈتۈن بەدەن ئىششىقغان بولسا، يۇقىرى قان بېسىمى ھەم يۇقۇملىنىش تارىخى بولسا، كۆپىنچە جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىدىن بولىدۇ.
2. پۈتۈنلەي قان سىيىسە ھەم سىيگەندە ئاغرىسا ۋە تاشقى زەىىملىنىشتىن بولغان بولسا، بۇ تاشقى زەخىمدىن بولغان بولىدۇ.
3. قان ئارىلاش سىيگەندە سۈيدۈك قىستاپ كەلسە، ئاغرىتىپ كەلسە ۋە كۆپ قىستىسا، بۇ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تۇبېركۇليوز كېسىلى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
4. قان ئارىلاش ئاغرىپ سىيسە ھەم سۈيدۈك بىلەن تاش چۈشكەن تارىخى بولسا، بۇ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تاش بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
5. قان سىيگەندە ئاغرىمىسا، قورساقتا ئىششىق، مونەكچە بولسا، بۇ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا ئۆسمە بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
6. قان سىيىشكە قوشۇلۇپ قان ئازلىق، سۆسۈن داغ، تال چوڭىيىپ كېتىش كۆرۈلسە، بۇ قان كېسەللىكلىرىدىن بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
7. قان سىيىش كۆرۈلگەنلەردە سولفانىلامىد تۈرىدىكى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش تارىخى بولسا، بۇ دورا تەسىرىدىن بولغان قان سىيىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇڭلاشقا قان سىيگەندە ئۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماي، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.