بۆرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى
1.ھاۋا سوغۇق چاغلاردا قېلىن كېيىنىش ، بەلگە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئامال بار پوتا باغلىۋېلىش .
2 .زەيتۇن يېنى ، قوينىڭكونا دۈمبە يېنى ، بۆرەك يېغى ئارقىلىق بەل ساھەسىنى ياغلاپ بېرىش .
3. زىيادە چارچاپ كەتكەندە تۈز يەردە بىردەم يېتىپ بېرىش ، پات-پات بەل ساھەسىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش.
4. سەۋزە ، چامغۇر ، ئەنجۈر ، خورما ، بانان قاتارلىق مېۋە – چېۋە ، كۆكتاتلارنى ئىستىمال قىلىش ، ئارىلاپ چامغۇر ، سەۋزە سېلىنغان شورپا ئىچىش .
5. ئەنجۈر مۇرابباسى . ياڭاق مۇرابباسى ، زەنجىۋىل مۇرابباسى ، ئۈزۈم شىرنىس، خورما ، لوبو كەبىر ۋە ماددەتۇل ھايات قاتارلىقلار بۆرەكنى ئاسرايدۇ .
6. ئەتىگەندە مۇۋاپىق مىقتاردا چېنىقىپ قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ بەرگەندە بۆرەكنى ياخشى ئاسرىغىلى بولىدۇ .
7. ياڭاق ، بادام ، قىزىل ئۈزۈم قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ ، سوقۇپ ، ئېلىشتۇرۇپ سوقماق قىلىپ ئىستىمال قىلىش بۆرەكنى ئاسرايدۇ.
8. كەكلىك ، بۆدۈنە ، باچكا ، قۇشقاچ ، ئۇلار قاتارلىق قۇشلارنىڭ گۆشىنى يەپ بارسە بۆرەككە پايدىلىق .
9. كۈندە ئەتىگەندە 1 قوشۇق ھەسەلنى قايناق سۇدا ئېرىتىپ ئىستىمال ئىلىپ بەرگەندە بۆرەكنى ئاسرايدۇ .
10. ھايۋانلارنىڭ بۆرىكىنى كاۋاپ قىلىپ ئىستىمال قىلسا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.