مەددە چۈشۈرۈشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى
كاۋا ئۇرۇقى-ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، تەمى، مەززىلىك يېمەكلىك بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇ يەنە مەددە چۈشۈرۈش خۇسۇسىيتىگە ئىگە. ئەگەر تۈتۈ مەددە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار، ئوبدان قۇرۇلغان كاۋا ئۇرۇقىنى تالقانلاپ، قايناق سۇ بىلەن كۈندە ئىككى قېتىمدىن ھەرقېتىمدا بىر قۇشۇقتىن ئۇدا ھەپتە كۈن ئىچىپ بەرسە ئۈچەيدىكى مەددىنى چۈشۈرۋىتىدۇ. تاسما مەددە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار، يۇمشاق سۇقۇلغان يېڭى كاۋا ئۇرۇقىدىن كۈندە بىر سەرنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە ياكى كاۋا ئۇرۇقىدىن ماي چىقىرىپ كۈندە 15-25 تېمىم ئەتراپىدا ئىچىپ بەرسە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. ياكى بولمىسا كاۋا ئۇرۇقىنىڭ مېغىزىنى مەلھەم قىلىپ، ئۇنىڭغا شېكەر سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ناشتىدىن بۇرۇن ئىچسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر تاسما مەددىنى تېخىمۇ تېز چۈشۈرمەكچى بولساق يۇقىردا ئېيتىلغان دورىلارنى ئىچىپ 2-3 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا زىغىر مېيى ياكى سۈرگە دورىسىنى ئىچىۋەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.