بۆرەك كېسەللىكلىرىسەھىپە ئايرىلمىغان

گېمورۇي كېسەللىكىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

بۇ مەقئەتكە ئېغىر بىسىم چۈشۈش ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەقئەت يولىدىكى ئۇششاق قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىدىن ئۈزۈم دانىچىلىرىدەك ئۇششاق پۈۋەكچە پەيدا بولىدىغان مەقئەت كېسەللىكى بولۇپ، ئۇ ئىچكى بوۋاسىر (ئىچكى گىمورۇي) ۋە تاشقى بوۋاسىر(تاشقى گىمورۇي) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. تاشقى گىمورۇي ھەر خىل شەكىلدىكى مونەكچە گۆش ئۆسۈكچىلىرى بولۇش بىلەن بىللە، ئىچكى- تاشقى گىمورۇي مەقئەت قىچىشىش، ئاغرىش، تۇتقاندا مونەكچە پەيدا بولۇش، تەرەت بىلەن قان كېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.

     داۋالاش ئۇسۇلى:

     تۈرىنى ئايرىپ سەۋەبىگە قارىتا چارە قىلىش، سەي-كۆكتاتنى كۆپرەك يىگۈزۈش، ھاراق، لازا-ئاچچىقسۇ، كالا، ئۆچكە گۆشلىرىدىن پەرھىز قىلدۇرۇش، قەۋزىيەت بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ياتقۇزۇپ داۋالىتىش ۋە دەم ئالدۇرۇش كېرەك.

  1 ) قان سەۋدانى تازىلاش، دانىچىلار چىقىۋالغان بولسا، مەقئەت ساھەسىنى گۈل يېغى بىلەن ۋە ئازاراقى يېغى بىلەن ياغلاپ كىرگۈزىۋىتىش كېرەك. قان توختىتىش ۋە كەم قانلىقلىقنى داۋالاش ئۈچۈن، مۇرەككەپ دورىلاردىن ھەببى كەھرىۋا، شەربىتى ئەنجىبار، شەربىتى رۇممانلار بېرىلىدۇ.

    يانتاق يىلتىزىنىڭ قاينىتىلمىسى ياكى يانتاق چېچىكى گۈلقەنتى قاتارلىقلاردىن بىرى بىرىلىدۇ.

   2) يىلان تېرىسى، مۇقىل، بالادۇر، بۆرە سويمىسىنىڭ يىلتىزىدىن تەڭ مىقتاردا ئېلىپ، چوغ قاچىلانغان قاچىنىڭ ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ مەقئەت ئىسلىنىدۇ.

    3) بوۋاسىر تالقىنى بىرىلىدۇ.

     تەركىبى: پىلپىلدىن 36 گرام، قارىمۇچتىن 42 گرام، زەنجىۋىل، زەرچىۋە، ئامىلە پوستى ھەر بىرىدىن 3 گرامدىن، قىزىل قولتۇق پاقىدىن 15 گرام، قۇلىيلىندىن 10گرام، چۇغۇندەك تالقىنىدىن 7 گرام، كىرپە تالقىنىدىن 20 گرام ئېلىپ، سوقۇپ تالقانلاپ، 3 گرامدىن كۈندە 3 ۋاخ ئىچىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button