مەنىي كەملىكنىڭ ئىلاجى
كالا سۈتىنى ھەسەل بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىستېمال قىلغاي.
سەۋزە ئۇرۇقىنى تۇخۇم سېرىقىغا ئارىلاشتۇرۇپ، 10 گىرام زەنجىۋىلنى سېلىپ يۇغۇرۇپ ئالتە گىرامدىن يېگەي؛
33 گىرام چامغۇر ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، تۇخۇمنىڭ ئېقىغا ئارىلاشتۇرۇپ ئۈچ كۈن يېگەي؛
33 گىرام پىلپىلنى سىركە بىلەن نەمدەپ سايىدا قۇرۇتۇپ سوقۇپ، 18 گىرام ناۋات بىلەن 33 گىرام خام سۈتنى بىرلەشتۈرۈپ ئىستېمال قىلغاي؛
ئۆچكىنىڭ ئۆتىنى، چاۋا يېغىنى، خورازنىڭ ئۆتىنى يۇمشاق سوقۇلغان دارچىن، ئاقىرقەرھالار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ ئىستېمال قىلغاي؛
بۇقا چۈيىسىنى قۇرۇتۇپ ئېكەكدەپ، شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاي؛
ئاقىرقەرھا، بېدىمىشكى، خورازنىڭ ئۆتىنى ئارىلاشتۇرۇپ، زەيتۇم مېيى بىلەن قوشۇپ جىنسىي ئەزاغا سۈرتسە مەنپەئەت قىلۇر؛
ھەسەل بىلەن تۇخۇمنى باراۋەر قىلىپ موزاينىڭ چۈيىسىنى كاۋاپ قىلىپ قۇرۇتۇپ سوقۇپ، ئۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ يېسە مەنپەئەت قىلۇر؛
جالىنۇس ھەكىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەم قانچە ياشقا كىرگەن بولسا شۇنچە كۈندە بىر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسا مۇۋاپىق بولغاي؛
ھەمىشە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش تەن سالامەتلىككە زىيانلىقتۇر ھەمدە تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تارقالغاي، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى ئاجىز بولغاي.