بۆرەك كېسەللىكلىرىسەھىپە ئايرىلمىغان

بۆرەك  ياللۇغى – بورمى كوللىيە

تۇنۇش:

بۆرەكنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى يەنى بۆرەك شارچىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەگىرى نەيچىلىرىدە ياللۇغلىنىش زەخمىلىنىش بىلەن كىلىنكىدا ئاقسىللىق سۇيدۇك ، سۇلۇق ئىششىق يۇقىرى قان بىسىم قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىنلىنىدىغان ئەرلەردە ۋە بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان ئومۇمى بەدەن خاراكتىرلىك كىسەللىكتىن ئىبارەت. بۇ بۆرەك  شارچە بۆرەك  ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

كىسەللىك جەرياننىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى ۋەكلىنىك ئىپادىسىنىڭ ئىغىريەنگىنللىكىگە ئاساسەن

 1) ئوتكۇر خاراكتىرلىك بورەك ياللۇغى. 2) سۇزۇلما خاراكتىرلىك بۆرەك  ياللۇغى دەپ 2 گە بۇلىنىدۇ.

سوزۇلما بۆرەك  ياللۇغى

تونۇش :

ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىنىڭ تۇلۇق ساقايماي سۇزۇلما خارەكتىرگە ئۆزگىرىپ كىتىشىدىن كىلىپ چىقىدىغان،كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن،تەكىرار قوزغىلىدىغان ئالامەتلىرى نېبەتەن يەنگل بۇلغان كىلىنكىدا سۇلۇق ئىشىش،ئاقسىللىق سۈيدۈك،يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان سوزۇلما بۆرەك ئىقتىدار تۇلۇق بولماسلىق خارەكتىرلىك كىسەللىك.مەزگۇكىسەللىكنىڭ كىسەللىك جەريانى بىرقەدەر ئۇزۇن بۇلۇپ ئاسەتتە3يىلدىن5يىلغىچە بولىدۇ.كۆپىنچە قۇيۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىنكىلىپ چىققاچقا بۆرەك نىڭسوغۇقتىن بولغان ئىشششىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

كېسەللىك سەۋەپ مىخانىزىمى:

سوزۇلما بۆرەك  ياللۇغنىڭ كېسەللىك مىخانىزىمى بىر قەدەرمۇرەككەپ بۇلۇپ ئاساسلىقى:

1)ئۆتكۈر بۆرەك  ياللۇۈىنىڭ ئاسارىتىدىن بولىدۇ.كىلىنكىدا پەقەت ئاز ساندىكى بىمارلاردا  (%20-%15)ئۆتكۈر بۆرەك  ياللۇغى بىلەن ئاغىرغان تارىخى بولىدۇ.ئۆتكۈر بۆرەك  ياللۇغى تۇلۇق ساقايمىغاندا سوزۇلمىغا ئايلىنىپ كىتىدۇ.

2)بۆرەك  مىزاجىنىڭ بۇزىلىشى ۋە غەيرى تەبئى بەلغەم خلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ: ھەرخىل سەھەپلەر تۈپەيلىدىن بۆرەك تە مادىلىق ياكى ماددىسىز مىزاج بۇزۇلۇش يۈز بەرگەندە بكرەكنىڭ كېسەلگە قارشىتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە زەھەر تازىلاش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ.بۇۋاقىتا بەدەندىكى بۇزۇق خىلىتلار بۇلۇپمۇ غەلىز بەلغەمماددىلىرى بۆرەك تە ئىستىھكام تۇتۇپ بۆرەك نىڭ نورمال ماددا ئالماش تۇرۇش پائاليتىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.نەتىجدە زەھەرلىك  ۋە كېسەل  قوزغاتقۇچى مىكىرو ئورگانىزىملار جاراسىملار بۆرەك تىكى غەيرى تەبىئى خلتلاردىن ئۆزىگە ياشاش موھىتى تېپىپ بۆلنىپ كۆپىيىپ بۆرەك تە يۇقىملىنىش پەيدا قىلىپ سوزۇلما بۆرەل ياللۇغى كەلتۈرىپ چىقىرىدۇ.

3)بەدەندە يۇقۇملىنىش  ئوچىقىنىڭ ئۇزۇن مۇدەت مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىشى

4)سوزۇلما زەھەرلىنىش:ھاراق،سىماپ،قوغۇشۇن،ئېغىر مىتال،كۈمۈش

 پاتولوگيلىك ئۆزگىرىش:

(1)    دەسلەپكى دەۋىرلىك كېسەللىك ئۆزگىرش،بۇ تۆۋەندكىدەك بىر قانچە بولىدۇ

1)بەزىدە بۆرەك تىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىرقەدەر يىنىك بۇلۇپ پەقەت بۆرەك شارچىلىرى قىل قان تۇمۇر ئارلىق ماددىلىردىلا (قان تۇمۇرمىڭ ئارلىق ھۆچەيرىلىرى ۋە ئاساسى ماددىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)يەنگىل دەرىجىدە ئۆسۆپ كۆپىيش بولىدۇ.

2)بەزىدە بۆرەك  شارچىلىرى قىلقان تۇمۇرنىڭ ئارلىق ماددىلىرى كۆرنەرلىك دەرىجىدە كۆپىيىپ ئۆسىدۇ.

3)بەزى كېسەللەردە بۆرەك شارچىلىرنىڭ ئىچىدىكى نىگىز پەردىنىڭ يۈزىدە ياللۇغ بىرىكمە ماددىلىرنىڭ چۆكمىلىرى تۇپلىشىپ چاپلىشىدۇ،نىگىز پەردىنىڭ ئاساسى ماددىسى كۆپىيىپ ئۆسۈپ سىرتقى يۈزىگەتوپىيىپ چىقىش بىلەن مىخسىمان ئۆسۈكچىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،بۇ نىگىز پەردىنى قىلىنلاشتۇرۇىدۇ.

4)بەزى كېسەللىكلەردە بۆرەك بۆرەك توقۇلمىسىنىڭ ئۆزىدە ئۆتكۈر كۆپىيىپ ئۆسۈش خارەكتىرلىك بۆرەك  ياللۇغىنىڭ ئىزلىرى بولىدۇ،بۆرەك  ئارلىق ئادىلىرى ۋەئىچكى ھۆجەيرە ئۆسۈپ كۆپىيىدۇ. بۆرەك  كانالچە مايلىق ئۆزگىرىدۇ.

5) كېسەللىك تەرەققى قىلسا بۆرەك  شارچە قىلقان تۇمۇرلىرنىڭ دىۋارى قىلىنشىپ بوشلىقى تارىيىدۇ ھەتتا پۈتۈنلەي ئىتىلىپ قالىدۇ.

(2)ئاخىرقى دەۋىرلىك كىسەللىك ئۆزگىرشى:

كۆپ قىسىم بۆرەك بىرلىكلىرى بۇزۇلغان بۇلۇپ ساق قىسىمى ئورۇن بېسىپ ئىشلەش خارەكتىرىدە چوڭىيىدۇ قادۇق ساق بۆلىكىدە بۆرەك  شارچىلىرنىڭ ھەجىمى چوڭىيىدۇ كانالچىلىرى كەڭىيىدۇ.بۆرەك  كانالۋە بوشلىغىنىڭئىچىدە ھەرخىل سىلىندىرلار بولىدۇ كېسەللىكنىڭ ئاخىرقى دەۋىرىدە ككز بىلەن تەكشۈرگەندە ئىككى بۆرەك نىڭ ھەجىمى ئالاھىدە كىچىكلەپ ئېغىرلىقى يىنىكلەيدۇ ئاساسى مادىسى قاتتىقلقشىدۇ.

كىلنىك ئىپادىسى:

كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر ئاستا بولۇپ ئالامەتلىرى ئانچەرۇشەن بولمايدۇ،دەسلەپكى دەۋىرىدە ياكى يەنگىللەردە پەقەت بۆرەك شارچىلىرى قىلقان تۇمۇرنىڭ ئارلىق ماددىلىردا ئۆسۆپ كۆپۈيىش بۇلۇپ قان تۇمۇر دىۋارىدىكى ئۆزگىرش ئىنىق بۇلمايدۇ ياكى يىنىك دەرىجىدە ئاقسىللىق سۈيدۈك ياكى قانلىق سۈيدۈك بولىدۇ.بۇ ئادەتتە دىققەت ئىتىبارسىز قارلىدۇ.سۈيدۈكىنى دائىملىق تەكشۈرگەندە ئاندىن كىسەللىك بىلنىدۇ،بۇ كېلىنكىدا يۇشۇرۇن تىپلىق بۆرەك ياللۇغى دىيلىدۇ.كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىغا ئەگىشىپ ئالامەتلەر باغانسىرى ئاشكارلىنپ ماڭىدۇ.يەنى ئاقسىلىق سۈيدۈك،يۇقىرى قان بېسىم،سۇلۇق ئىشىق،قان ئازلىق،ئازوتلۇق قان كېسىلى،يىلىكنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدار بۇزلۇش،ھەتتا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش بولىدۇ.(ئاخىرقى دەۋىرىدە سۈيدۈك بىراقلا كۆپىيىپ،كىچىسى سۈيدۈك كۆپ كىلىش ،سۈيدۈكنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىق دەرىجىسى يۈۋەنلەش بولىدۇ.ۋۈنكى كۆپ قىسىم بۆرەك شارچىلىردا تالالىشىش بولىدۇسۈيدۈك چىقىرىش خىزمىتى پەقەت بىرقىسىم ئورۇن تولدۇرۇش ئىقتىدارى بولغان بۆرەك شارچىلىرى ئارقىلىق ساقلىنىپ تۇرغاچقابۇ ئورىندىن سۈزىلگەن دەسلەپكى سۈيدۈك بىلەن ئۇنىڭ قايتا شۈمۈرۈىش پائاليتىدە تەڭپۇڭسىزلىق يۈزبىرىپ ئاخىردا سۈيدۈك بىراقلا كۆپىيىپ كچىسى كىچىك تەرەت كۆپىيىدۇ) ئۇندىن باشقا بىماردا ئوخشىمغان دەرىجىدە ماغدۇرسىزلىق،چىراي تاتىرىش،بەدەن ئاجىزلاش،ئۇزىقلىنىش ياخشى بولماسلىق ،باش ئاغىرىش،باش قېىش،ئۇيقىسىزلىق بولىدۇ.سۈيدۈك چۆكمىسىدە RBC,WBC  ئاقسىل ۋەسىلندىر بولىدۇ.كۆزتىگىگە قان تولىدۇ.

دىئاگىنۇز قويۇش ئۆلچىمى :

(1)كىسەللىك تارىخى ،يۇقۇملىنىش،ۋە ئۇتكۈر بۆرەك  ياللۈغى بىلەن ئاغرىش تارىخى بۈلىدۈ.

(2)تىپىك ئىپادىلەنگەن كىلىنىك ئىپادىسى؛قان بىسىم،سۈلۈق ئىششىق

(3)لابىراتۈرىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى ؛ئاقسىللىق،قانلىق سۈيدۈك ،سىلىندىر كەلگەندىن باشقا ئاققان ۋە قىزىل قان ھۈجەيرىسى بۈلىدۈ.

سېلىشتۈرما دىئاگىنۈزى:

(1)سۈزۈلما بۆرەك  جامى بۆرەك  ياللۈغى ،بۈنىڭدا سۈيدۈك قىستاش ،سىيگەندە ئېچىشىش،ئاغرىش ئىپادىسى بۈلىدۈ.بەل ئاغرىش تارىغى بۈلىدۈ.سۈيدۈك ئازلاش قان بېسىم،سۈلۈق ئىششىق بۈلمايدۈ ياكى بۆرەك جامىدىكى كېسەللىك تەسىر يەتكۈزگەندە ئاندىن پەيدا بۈلىدۈ . سىلىندىر ۋە سۈيدۈكتە مىكرۈپ بۈلىدۈ .

(2)سۈزۈلما بۆرەك  ياللۈغىنىڭ جىددى قۈزغۈلىشى:بۆرەك  ياللۈغى تارىخى بۈلىدۈ.قانلىق سۈيدۈك بۈلىدۈ.قىززىرىش،قان بېسىم ئۈرلەش،سۇلۇق ئىششىق ئىپادىلىرى بۇلىدۇ.

(3)يۇقىرى قان بېسىم خارەكتىرلىك بورەك زەخمىلنىش؛بىرلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىم تارىخى بۇلىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش:

 بىمارنى ئىسسىق ساقلاش ،زىيادە چارھاشنىڭ ئالدىنى ئىلىش. دەملىش بىلەن ھەرىكەتنى بىرلەشتۇرۇش.، تۇرمۇشىنى تەرتىپكە سىلىش. ئوزۇقلۇنىشنى تەڭشەش ۋىتامىن تەركىبى مول بولغان لەتىف تاماقلار، ۋە تۇزسىز تاماقلارنى بىرىش. ھەرقانداق دورا ئىشلەتكەندە قاتتىق ئىھتىيات قىلىش ،قەرەرلىك تەكشۇرتۇش.

 دورا بىلەن داۋالاش :

 داۋالاش پىرىنسىپى :

 كىسەللىك ماددىسىنى تەنقىيە قىلىش، مۇۋاپىق سۇيدۇك ھەيدەش، ياللۇغ قايتۇرۇش ،ئىششىق ياندۇرۇش ۋە بۆرەك نى كۇچەيتىش پىرىنسىپى بويچە داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى :

غەيرى تەبئى بەلغەم ماددىسنى تەنقىيە قىلىش مەخسىتىدە :ئارپابادىيان 12گىرام،چىڭسەي ئۇرۇقى 12گىرام، تۇخۇمى كاسىنە 12گىرام ،سەرپىستان 15گىرام، ئەنجىر قىقى 10دانا، پۇنۇس خىيارشەنبەر 50گىرام ،قىزىل گۇل 12گىرام بادرەنجى بۇيا 12گىرام، نىلۇفەر 12گىرام، چىلان 15گىرام، ئۇرۇقسىز ئۆزۇم 20گىرام، بىنەپشە 12گىرام، سانا 12گىرام، بىخ سۇس،10گىرام، تۇربۇت 7گىرام ،تەرەنجىبىن 70گىرام قائىدە بويچە مەتبۇخ تەييارلىنىدۇ. تەنقىيە قىلىش ۋە سۇرۇش ئۇچۇن : رەۋەن 4گىرام، تۇخۇمى كىرەپشە 6،قۇشتى شىرىن 6گىرام، مەستىكى 5گىرام دورىلارنى قاينتىپ مەستىكىنى قويچۇپ ھەسەل بىلەن تەييارلانغان گۇلقەنىت بىلەن ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ.

 سۇيدۇك ھەيدەش مەخسىتىدە : ئىزخىر، ئاق لەيلى ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى قاينىتىپ ئىچكۇزۇش، بەل ساھاسىگە تۆۋەندىكى زىماتنى تىڭىش نىڭ ئۆنۇمى ياخشى :گۇل بابۇنە 20گىرام، سىرىق چىچەك 20گىرام، زىغىر 20گىرام، شومشا 20گىرام كۆك بادىيان سۇيى 20گىرام بەل ساھاسىگە تىڭىلىدۇ. قۇستى يىغى بىلەن ياغلاپ بىرىشمۇ پايدىلىق .

مۇرەككەپ دورىلاردىن :

 جىگەرنى كۇچەيتىش مەخسىتىدە : مەجۇنى خۇپسىل ھەدىد،داۋائى مىشكى ،خىمىر گاۋزىبان ،مەجۇنى دەبدىل ۋەرد ،داۋائىل كۆركۇم ،مەجۇنى ئاسانىسىيا لوبوبى كەبىر، جاۋارىش زەرئۇنى ..قاتارلىقلار بىرىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button