جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى ھەققىدە
جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى ئاساسلىقى جىگەر بۇلۇتسىمان قان تومۇر ئۆسمىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كېسەللىك ھامىلە يىتىلىش باسقۇچىدا قان تومۇرنىڭ يىتىلىشى غەيرى بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
كۆپ كۆرۈلىدىغانلىرى جىگەر ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىسى بولۇپ، %42-%45 نى ئىگەللەيدۇ. مەزكۇر كېسەللىك ھەر قانداق ياشلىقلارنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈلىدۇ. ئەمما كۆپ ئەھۋالدا ئوتتۇرا ياشلىقتىن يۇقىرى مەزگىلدە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. ئەر ئاياللاردا كۆرۈلۈش نىسبىتىدە پەرق يوق. ئومۇمەن، مەزكۇر كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىشى ئىچكى ئاجراتما ئامىللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى كۆپ كۆرۈلىدىغان ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ تەندىكى يىتىلىشىدىمۇ ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۇت: كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولۇپ، ھەتتا مەلۇم دەرىجىدە توختاپ قالىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. كلىنىكىدا، ئومۇمەن يەككە دىئامېتىرى 5 سانتىمېتىردىن كىچىك ئۆسمىدە پەقەت داۋاملىق ئۆسۈش ئەھۋالى بولمىسىلا، بەدەنگە چوڭ تەسىرى بولمايدۇ، شۇڭا، كلىنىكىدا ھېچقانداق بىئارامسىزلىق كۆرۈلمىگەن كىچىك تىپتىكى جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسىگە نىسبەتەن داۋالاشنى تەشەببۇس قىلىمايدۇ. ئەمما كۈندىلىك تۇرمۇشتا، چوقۇم كۈچلۈك ھەرىكەت قىلماسلىققا، جىگەر قىسىمنىڭ بىرەر نەرسىگە كۈچلۈك سوقۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ پەقەت ئاز بىر قىسىم جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى مەلۇم ياش دەۋرىدە تويۇقسىز تېز ئۆسۈپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، قان تومۇر ئۆسمىسىنىڭ چوڭىيىشى جىگەرنى بېسىۋالىدىغان بولغاچقا، كلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالنى چوقۇم ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك.
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، كىچىك تىپتىكى قان تومۇر ئۆسمىسىدە كۆپ ئەھۋالدا كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ، چوڭ قان تومۇر ئۆسمىسىدە دائىم ئىششىپ قېلىش ۋە باشقا بېسىلىپ قېلىش كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: ئاشقازان-ئۈچەينى بېسىۋېلىپ ئىشتىھانىڭ تۇتۇلۇپ قېلىشى، كېكىرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ھەزىم ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلار.