كانايچە زىققىسى
تونۇش:
كانايچە زىققىسى كىلاسسىك ئەسەرلەردە رەبۇ دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كانايچە سىلىق يوللۇق مۇسكۇللىرىداسىپازمىلىنىپ تاريىپ ياللۇغلىنىپ كىلىنىكىدا تۇتقاقلىق دەم سىقىلىش، نەپەس چىقىرىش خارەكتىرلىك نەپەس قىيىنلىشىش، يۈتۈلۈش ، ئۆپكە ساھەسىدىن زىققا تاۋۇشى ئاڭلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ، بىر خىل شەكىل بۇزلۇش خارەكتىرلىك كېسەللىك .
سەۋەبى :
1. گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
2. بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپۈيىپ كىتىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
3. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپۈيىپ كىتىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
4. زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا قىلىدىغان ئامىللار تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
5. ئىرسىيەت ئامىلى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
6. روھى- نېرۋا ئامىللىرى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
7. نەزلە سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
قوزغاتقۇچى ئامىللار :
زۇكام بولۇش ، سوغۇق ئۆتكۈزىۋېلىش ، تاماكا چىكىش مۇھىت بۇلغىنىش ، چاڭ- توزان ، ئىس- تۈتەك ، گۈل چاڭلىرى ، سىر پۇرقى ، ھايۋانات ئاجرالمىلىرى ۋە بۇزۇلغان يىمەكلىكلەرنىڭ پۇرقى ، نەم ، زەي ئورۇنلارنىڭ پۇراقلىرى ، روھى جىددىيلىك ، زىيادە چارچاش ، غەم- ئەندىشە قىلىش ، قورىۇش ، ھاياجانلىنىش ، كۆپ ھەرىكەت قىلىش ، ھېيز قالايمىقانلىشىش ، قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئامىللارنىڭ ھەممىسى قوزغاتقۇچى ئامىللاردۇر .
كىسەللىك ئۆزگۈرىشى :
كانايچە سىلىق يوللۇق مۇسكۇلى قېلىنلىشىپ شىللىق پەردىلەرگە قان تولىدۇ ، سۇلۇق ئىششىق بولىدۇ ، كانايچە شىللىق پەردە دىۋارىدىكى شىلىمشىق بەزلەرنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتى ۆۈچىيىپ ، كانايچە بوشلىقى تارىيىدۇ ، ئېغىر بولغاندا كانايچىلار بوشلىقى تارىيىپ توسۇلۇش خاراكتىرلىك ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئالامىتى :
1. كېسەللىك قوزغالغان دەۋىردىكى ئالامەتلەر : بىماردا كۆپىنچە ئالدى بىلەن كۆكرەك قىسمى چىڭقىلىش ياكى تۇنجۇقۇش سېزىمى پەيدا بولۇپ ، تۇيۇقسىز نەپەس چىقىرىش خاراكتىرلىك نەپەس قىيىنلىشىش نەپەس تاۋۇشى ئاڭلىنىش بولىدۇ . نەپەس چىقىرىش دەۋرى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئۇزرايدۇ ، بىمار زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ نەپەس ئالىدۇ . « ئۈچ ئويمانلىنىش بەلگىسى » كۆرىلىدۇ . ئېغىز كالپۇكلىرى كۆكىرىدۇ ، بۇ ئالامەتلەر كۆپىنچە يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىپ بىمار ئاز مىقداردىكى بەلغەم سۇيۇقلىقىنى تۈكۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ .تۇتىشى يەڭگىل ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولىدۇ .
2. داۋاملىىشىش ھالىتىدىكى ئالامەتلەر : زىققىنىڭ تۇتىشى ئېغىر بولۇپ ئادەتتە 24 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشسا ، بۇ زىققىنىڭ داۋاملىشىشى ھالىتى دەپ ئاتىلىدۇ . بۇنىڭدا بىماردا نەپەس قىيىنلىشىش كۆرىنەرلىك بولۇپ كالپۇك ، بارماق ئۇچلىرىدا كۆكىرىش روشەن بولىدۇ ، پۈتۈن بەدەن تەرلەيدۇ ، چىرايى تاتىرىدۇ ، پۇت قوللار سوۋۇپ يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىدۇ ، نەپەس ھەرىكىتى يۈزە ھەم تىز بولىدۇ . نەپەس چىقارغاندا بويۇن ۋىناسى كۆپىدۇ ، كالپۇك ، پۇت- قول بارماقلىرى كۆكۈرىدۇ . كۆكرەك قەپىزى چوڭىيىدۇ . ئۆپكىنى چىكىپ تەكشۈرگەندە زىيادە ئوچۇق تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ ، يۈرەك بوغۇق تاۋۇش دائىرىسى كىچىكلەيدۇ ، ئىككى ئۆپكىدىن غاٍِژ- غۇژ تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ . ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىش بولغاندا ھۆل خىرىپ ئاڭلىنىدۇ ، نەپەس چىقىرىش دەۋرى ئۇزىراپ نەپەس تاۋۇشى بىلەن ئارلىشىپ كىتىپ ئېنىق ئاڭلانمايدۇ . « ئۈچ ئويمانلىشىش بەلگىسى » ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ .
دىئاگنوز ئاساسى :
1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ة كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ .
2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ . 1) قان ئادەتتىكىچە تەكشۈرۈلىدۇ ؛ 2) ئۆپكە رەسىمگە ئېلىنىدۇ ؛ 3) نەپەسلىنىش ئەھۋالى تەكشۈرلىدۇ .
سېلىشتۇرما دىئاگنوزى :
1. يۈرەك مەنبەلىك زىققىدىن پەرقلەندۈرلىدۇ .
2. ھاسىراش تىپلىق كانايچە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرلىدۇ .
3. ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقىدىن پەرقلەندۈرلىدۇ .
ئاقىۋىتى :
ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە بىمارنى زىيادە سىزىمچانلىق پەيدا قىلىدىغان ئامىللاردىن يىراق قىلغاندا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ . ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا سوزۇلما كاناي ياللۇغى ، توسۇلۇش خاراكتىرلىك ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى ، سوزۇلما ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ .
داۋالاش پىرىنسىپى :
1. كېسەللىك قوزغالغاندىكى داۋالاش پىرىنسىپى :
1) جىددىي ئوكسىگىن پۇرتىلىدۇ .
1) زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا قىلىدىغان ئامىللار چەكلىنىدۇ ۋە بىمرنىڭ روھى ھالىتى تۇراقلاشتۇرلىدۇ .
2) سىپازمىنى بوشۇتۇپ نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، بەلغەم بوشۇتۇش ، ئىششىق قايتۇرۇش چارىلىرى قىلىنىدۇ .
2. كېسەللىك ئەھۋالى مۇقۇملاشقاندىكى داۋالاش پىرىنسىپى :
1) زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا قىلىدىغان ئامىللار چەكلىنىدۇ ۋە بىمرنىڭ روھى ھالىتى تۇراقلاشتۇرلىدۇ .
2) خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلىشتىن بولغان بولسا ، شۇ خىلىتقا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
3) سىپازمىنى بوشۇتۇپ نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، بەلغەم بوشۇتۇش ، ئىششىق قايتۇرۇش چارىلىرى قىلىنىدۇ .
داۋالاش ئۇسۇلى :
دەرھال ئوكسېگىن پۇرتىلىدۇ . بىمار زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا قىلىدىغان ئامىللاردىن چەكلىنىدۇ ۋە روھى ھالىتى تۇراقلاشتۇرلىدۇ . مۇۋاپىق ئارام ئالدۇرلىدۇ ، ھەمدە جىددى قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ . كېسەللىك ئەھۋالى مۇقۇملاشقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن بىمار زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا قىلىدىغان ئامىللاردىن چەكلىنىدۇ ۋە روھى ھالىتى تۇراقلاشتۇرلىدۇ . مۇۋاپىق ئارام ئالدۇرلىدۇ .
مەلۇم خىلىتنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان بولسا ، ئۇنىڭ مۇنزىچ ، مۇسھىلى بىرىلىپ ماددا تازىلانغاندىن كېيىن نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، ئىششىق قايتۇرۇش ، بەلغەم بوشۇتۇش ، سىپازمىنى بوشۇتۇش تەسىرىگە ئىگە دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ .