بەلغىمى يۆتەل
تۇنۇش : بەلغىمى يۆتەل-بەلغەم مىزاج كېىشىلەردە بولۇپمۇ بەدىنى ئاجىز كېشىلەردە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقتىن كېلىپ چىققان كىلىنكىدا يوتىلىش،بەلغەم كۆپ بولۇش،كۆكرەكتە خىرىلداش بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى : بەلغەم مىزاجلىق كېشىلەردە جۇملىدىن ياشانغان كېشىلەردە ئاياللار ۋە باىلارنىڭ بەدەنىدە شۇ قاتاردا نەپەس يولىرىدا،ھۆللۇك زىيادىلىشىپ كەتكەنلىكتىن سوغۇق تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئىسسىقتىن بولغان ئىسسىق نەزلىدىن بولغان يۆتەللەرنى توغرا تۇلۇق داۋالاپ ساقايتىۋەتمەي سوزۇلما ھالەتكە كۆچۇپ قېلىش بىلەنمۇ بەلغىمى يۆتەل كېلىپ چىقىدۇ.
ھۆللۇكتىن بولغان يۆتەل (ياكى بەلغەمدىن بولغان يۆتەل)دە ئىسمىغا لايىق خەپرۇك جېق بولسىمۇ لېكىن ئۇفۇنەتلەنگەن يېرىڭلىق ھالەتتىكى خەپرۇك كەلمەيدۇ. ناۋادا ھاۋا ئۆزگەرگەندە چاڭ-تۇزاڭلىق مۇھىتتا ئىشلىگەندە ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا دىققەت قىلماي نەپەسلىنىش يولىرى يۇقۇملىنىپ (ئۇپۇفەنلىنىپ)قالسا خەپرۇك قويۇق يېرىڭلىق كېلىش،يۆتەل ئېغىرلىشش،ئۇمۇمى بەدەندە جۇملىدىن كۆكرەكتە يېقىمسىزلىقلار يۇز بېرىشى مۇمكىن.
ئالامىتى : خەپرۇك كۆپ كىلىدۇ. يېپىشقاق بولۇپ كانايغا چاپلىشىپ ئوڭاي چىقمايدۇ، كۆكرەكتە خىرىلداش بولىدۇ، خىرىلداش ئېغىر بولغاندا ئويغاق چاغدىمۇ خىرىلداپ تۇرىدۇ، ئۇمۇمى بەدەندە بەلغەم غالىپلىق ئالامەتلىرى كۆرۇنىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى : ماددىغا قارىتا مۇنزىچ بېرىش ۋە ماددىنى سۇرۇش يۆتەل پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.