سەھىپە ئايرىلمىغاننەپەس يولى كېسەللىكلىرى

ئىسسىقتىن بولغان زۇكام

تۇنۇش: ئىسسىقتىن بولغان زۇكام-زىيادە ئىسسىقلىق تەسىرىدە خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىدا ئۆزگىرىش يۇز بېرىپ كېلىنكىدا قىزىش،توڭلاپ تىتىرەش،بۇرۇن تۇشۇكلىرى قىچىشش ۋە ئېچىشش،بۇرۇندىن سۇ ئېقىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى: ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا-دەرمەك ۋە يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ زىيادە تەسىرى ئىسسىق مۇھىتلاردا يۇرۇش ۋە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش قاتارلىقلار تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: ئىسسىقتىن بولغان زۇكامدا گال، يۇتقۇنچاق قۇرۇق كۆپۇشكەندەك ئاغرىيدۇ، چۇشكۇرىدۇ، دىماغ پۇتۇپ بۇرۇندىن سۇ ئاقىدۇ.(دەسلەپتە سۇزۇك ئاخىرىدا قۇيۇق سىرلىق سۇ)بۇرۇن چاناقلىرى قىزىرىدۇ. ئاۋازى پۇتۇدۇ، بۇلارغا قوشۇلۇپ بىماردا ئۇسسۇزلۇق پەيدا قىلىدۇ. جۇغ-جۇغ بولۇپ يەڭگىل دەرىجىدە قىزىتما بولىدۇ.( تىمپىراتۇرىسى ℃38 تىن ئاشمايدۇ)قۇرۇق يۆتىلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى : كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەپكە قارىتا تەڭشەش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button