نەپەس قىيىنلىشىش قانداق كېسەللىكلەردىن دېرەك بېرىدۇ
نەپەس قىيىنلىشىش ئورگانىزىمدىكىمەلۇم كېسەللىكنىڭ پاتولوگىيىلىك ئىپادىسى ياكى ئورگانىزىمنىڭ جىددىي ھەرىكەتلىنىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان فىزىئولوگىيىلىك ئالامەت بولۇپ، پەقەت نەپەس قىيىنلىشىشنىڭ سەۋەبلىرىنى توغرا ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن ئۈنۈملۈك ۋە جىددىي قۇتۇلدۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللانغىلى بولىدۇ.
كېسەللىك سەۋەبلىرى ۋە دىئاگنوز قويۇش
نەپەس قىيىنلىشىش كېسەللىك سەۋەب لىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى بەش تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1. ئۆپكە مەنبەلىك ۋە كېكىردەك مەنبەلىك نەپەس قىيىنلىشىش.
1) نەپەس ئېلىش خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش (كېكىردەك ياكى يۇقىرى نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەپەس ئېلىش خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش). بۇ كېكىردەك سۇلۇق ئىششىقى، كېكىردەكتە ياد ماددا تۇرۇپ قېلىش، تۇغما، ئۆسمە، ئۆتكۈر يۇتقۇنچاق كەينى يىرىڭلىق ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ھاۋا شوراشنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ، ھاۋا شوراش قىيىنغا توختايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نەپەس ئېلىش خاراكتېرلىك كېكىردەك ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ، لېكىن تىنىق چىقىرىش ئاسان بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا قۇرۇق يۆتەل ۋە خىرقىراش قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئېغىر بولغانلاردا ئۈچ ئويمان ( ئوقۇرەك سۆڭەك ئۈستى ئويمىنى، تۆش سۆڭىكى ئۈستى ئويمىنى، قوۋۇرغا ئارسى ئويمىنى) ياكى تۆت ئويمان ئالامىتى ۋە كۆكىرىش قاتارلىق ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
2) نەپەس چىقىرىش خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش. ئۆپكە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئېلاستىكىلىق كۈچى ئاجىزلاپ كېتىش، ھەمدە كىچىك كانايچە تارىيىپ قېلىش تۈپەيلىدىن نەپەس چىقىرىش قىيىنلىشىدۇ. بۇنىڭغا ئۆپكە يەللىك ئىششىقى، كانايچە زىققىسى، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئىنچىكە كانايچە ياللۇغى قاتارلىقلار سەۋەب بولىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەر ئاغزىنى ئېچىپ نەپەسلىنىش، بۇرۇن چانىقى يەلپۈنۈش، تاغىقى كۆتۈرۈلۈش، كۆكرەك قەپىسى كېڭىيىش، نەپەس چىقىرىش ۋاقتى ئۇزاق بولۇش، نەپەسلىنىش نىسبىتى كۆپىيىش، نەپەس چىقارغاندا ئاۋاز چىقىش قاتارلىقلارنى ئالاھىدىلىك قىلىدۇ.
3) ئارىلاشما خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش. بۇنىڭدا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر ئېغىر ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە كېڭىيەلمەسلىك، كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇيۇقلۇق يىغىلىش، ئۆزۈلكىدىن يۈز بەرگەن يەل كۆكرەك، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى قاتارلىقلاردۇر. بۇ خىل نەپەس قىيىنلىشىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ئادەم نەپەس چىقارغان ۋە ھاۋا شورىغاندا كۈچىيىدۇ، نەپەس تېيىز ھەم تېز بولىدۇ.
2. يۈرەك مەنبەلىك نەپەس قىيىنلىشىش
يۈرەك مەنبەلىك نەپەس قىيىنلىشىش يۈرەكنىڭ ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق (يۈرەك زەئىپلىشىش) كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆپكىگە قان قېيىۋېلىش، ئۆپكىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك قاتارلىقلار نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى نەپەس تېز ھەم چوڭقۇر بولىدۇ، ئوڭدا ياتقاندا تېخىمۇئېغىرلىشىدۇ، ئولتۇرغاندا پەسىيىدۇ، بەزىدە يېرىم كېچىدە تۇتقاقلىق نەپەس قىيىنلىشىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل نەپەس قىيىنلىشىش ئارىلاشما خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش تۈرىگە كىرىدۇ.
3. زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش
ئېغىر دەرىجىدىكى ھەرخىل زەھەرلىنىشلەر نەپەس قىيىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالاھىدىلىكى: پەقەت زەھەرلىنىش تارىخى بولسىلا ياكى بۆرەك كېسەللىكى، قەنت سىيىش كېسەللىكىدىن، شۇنداقلا كىسلاتادىن زەھەرلەنگەندلا بولسا نەپەس ئېلىش چوڭقۇر ھەم ئاستا بولىدۇ. سۈيدۈكتىن زەھەرلەنگەن كېسەللەرنىڭ نەپىسىدىن سېسىق سۈيدۈك پۇرىقى كېلىدۇ. قەنت سىيىش كېسىلى بىلەن ھوشسىزلانغان كېسەللەرنىڭ تىنىقىدىن مېۋە-چېۋە پۇرىقى پۇرىغىلى بولىدۇ.
4. قان مەنبەلىك نەپەس قىيىنلىشىش
ئېغىر دەرىجىدىكى قان ئازلىق ياكى قاندىكى ئاقسىلغا مەلۇم زەھەرلىك ماددىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى قاندىكى ئوكسىگېننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، نەتىجىدە يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىپ، نەپەس تېز ھەم چوڭقۇر بولىدۇ. بۇ خىل نەپەس قىيىنلىشىش قان مەنبەلىك نەپەس قىيىنلىشىش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئېغىر دەرىجىدىكى قاناش ياكى شوك قان ئازلىقنى ياكى قان بېسىمىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نەپەس مەركىزى غىدىقلىنىپ نەپەس قىيىنلىشىش كېلىپ چىقىدۇ.
5. روھىي خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش
بۇ خىل نەپەس قىيىنلىشىش ئاياللاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.
بۇنىڭغا كۆپىنچە روھىي ئامىللار سەۋەب بولىدۇ. ئالاھىدىلىكى: ئىپادىلىرى ھەر خىل، نەپەس تېيىز ھەم تېز، چوڭقۇر، نەپەس ئېلىش نىسبىتى 80 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولۇشتۇر. نەپەس ئېلىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، كاربون تۆت ئوكسىدى كۆپلەپ يوقىلىش نەتىجىسىدە نەپەس ئېلىش خاراكتېرلىك ئىشقاردىن زەھەرلىنىش ۋە پۇت-قول تارتىشىپ قېلىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل كېسەللەردە كۆپ ھاللاردا ھىستېرىيە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا روھىي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى
1) تىنچ ھەم يېرىم يېتىپ ئارام ئېلىش شارائىتىنى قولغا كەلتۈرۈش.
2) كۆكىرىش كۆرۈلسە دەرھال ئوكسىگېن بېرىش، يۈرەك ياكى ئۆپكە مەنبەلىك نەپەس قىيىنلىشىشنى ياخشى پەرقلەندۈرەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، مورفېننى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك لازىم.
ئەگەر ئېغىر دەرىجىدە كېكىردەك توسۇلغان بولسا دەرھال كاناينى كېسىش ئوپېراتسىيىسىنى ئىشلەش كېرەك. ئەگەر ئېغىر دەرىجىدىكى كۆمۈر گازدىن زەھەرلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان نەپەس قىيىنلىشىش كۆرۈلسە، سۈنئىي نەپەس ئالدۇرۇش بىلەن بىرگە كاناينى كېسىش ئوپېراتسىيىسىنى ئىشلەش لازىم. ئەگەر نەپەس ئېلىش مەركىزىي تورمۇزلىنىش خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش كۆرۈلسە مۇسكۇلدىن كورامىن ئوكۇلىدىن 1~2ml ئۇرۇش لازىم.