سەھىپە ئايرىلمىغاننەپەس يولى كېسەللىكلىرى

ئاۋاز پۈتۈش

تۇنۇش: ئاۋاز پۇتۇش-ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن مىزاج بوزۇلۇش،زۇكام نەزلىسى ساقىيىش،گالنىڭ قورغاقلىقى ئېشىپ كېتىش،سىرىتتىن سوغۇق ۋە زىيادە غىدىقلىغۇچى ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كېلىنكىدا گال ئىچى قىزىپ قېچىشش ۋە قۇرۇش،بەزىدە گال قوشۇلۇپ ئاغرىش،سۆزلىگەندە ئاۋاز تۇلۇق چىقماي خىقىراپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى:ھۆللۇك،سوغۇقلۇق ياكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن يۇتقۇنچاقنىڭ ياللۇغلىنىشى، يوقۇملۇق تارقىلىشچان زۇكامدا پەرھىزگە دىققەت قىلماي ياغلىق تاماقلارنى يېيىش،قاتتىق ئەمگەك قىلىش ياكى تەنھەركەت قىلىپ تۇرۇپ قىزىغان ۋاقىتتا مۇزدەك سۇ ئېچىپ يۇتقۇنچاققا سوغۇق ئۆتۇپ قېلىش،ئاۋاز پەردىلىرىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق ئېسىلىشى يۇقۇرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتىش،قاتتىق ۋاقىراپ يىغلاش،قاتتىق كۇچەپ نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىقلار سەۋەبىدىنمۇ بولىدۇ. ئۇندىن باشقا بوس چاڭ-تۇزان،ئىس-تۇتەك،غىدىقلىغۇچى گاز ھەددىدىن ئارتۇق چىكىلگەن تاماك تەسىرىدىنمۇ ئاۋاز بوغۇلۇپ قالىدۇ.

ئالامىتى : باشلىنىش ۋاقتىدا گال ئىچى قىزىرىپ قىچىشىدۇ ۋە قورۇيدۇ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئاۋاز بوغۇلۇپ بەزى چاغلاردا پۇتۇنلەي ئۇن چىقماي قالىدۇ. تېخىمۇ ئېغىرلاشقاندا گال ئاغرىشمۇ قوشۇلۇپ قالىدۇ، يۇتقۇنچاق شىللىق پەردىلىرىنىڭ غىدىقلىشى باشلانغان چاغدا كېسەل كېشىنىڭ گېلى قىمىلداپ خۇددى قوي يۆتەلگەندەك يۆتىلىدۇ. خەپرۇك ئاز چىقىدۇ، ئاۋاز  بوغۇلىدۇ، قىزىتما يۇز بېرىدۇ، گەپ سۆز كۇسۇلداپ چىقىدۇ،ئۇخلىغاندا غىقىراپ ئۇغلايدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى : كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەپىنى يۇقىتىش،ياللۇغ قايتۇرۇش،ئىششىق ياندۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button