سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى
سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى-كانايچە شىللىق پەردىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشى بولۇپ كېلىنكىدا كېسەللىك جەريانى ئاستا بولۇش ئۇزۇن مۇددەت تەكرار قوزغىلىش،يۆتكىلىش،بەلغەم تۇكۇرۇش،ھاسىراش ۋە ياللۇغلىنىش رىئاكسىيەلىرى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى
كېسەللىك سەۋەبى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان ئامىللار تۆۋەندىكىچە بىر نەچچە خىل :
ئۇزۇن مۇددەت تەكرار-تەكرار جاراسىملار بىلەن يۇقۇملىنىش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك سەۋەبىدىن ئىبارەت.
فېزىكا-خېمىيلىك غىدىقلاش، مەسىلەن:ئۇزۇن مۇددەت چاڭ-تۇزاڭ ۋە زىيانلىق گازلانى سۇمۇرۇش ۋە ئۇزۇن مۇددەتكىچە كۆپ مىقداردا تاماكا چىكىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا سوزۇلما كانايچە ياللۇغىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
قوشۇمچە كانايچە زىققىسى:كانايچە يوللىرىنىڭ كېڭىيشى،ئۆپكە سىلى،ئۆپكىدە قان قېيىش قاتارلىقلاردا پەيدا بولىدۇ.
سەزگۇرچانلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىش رىئاكسىيسىمۇ كانايچە ياللۇغىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. سەزگۇرچانلىقنى ئاشۇرغۇچى سەۋەپلەر ھاۋا ئارقىلىق سۇمۇرلىشى مۇمكىن ياكى باشقا يوللار ئارقىلىق ئادەم تىنىگە كېرىش مۇمكىن، يەرلىك ئورۇندىكى سەزگۇرچانلىق رىئاكسىيسى كانايچە خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى كەلتۇرگەنلىكتىن كۆپىنچە قوشۇمچە ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىش بولىدۇ.
سوزۇلما خاراكتېرلىك بادامسىمان بەز ياللۇغى، قوشۇمچە بۇرۇن كاۋاك ياللۇغى ۋە سوغۇق تىگىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا قوشۇمچە ئامىل.
ئالامىتى
ئاساسلىق ئىپادىلىرى ئاستا خاراكتېرلىك قايتا-قايتا تۇتىدىغان ۋە ئۆزلۇكسىز ئېغىرلىشىدىغان يۆتەل،بەلغەم تۇكۇرۇش ۋە ھاسىراشلار بولۇپ كۆپۇنچە سوغۇق پەسلىدە قوزغىلىپ ھاۋا ئىللىغاندا ياخشىلىنىدۇ. يەڭگىللىرىدە ئەتىگەن-ئاخشامدا يۆتىلىشتىن تاشقىرى باشقا بەلگە ئانچە بولمايدۇ. ئېغىرلىرىدا كېسەللىك بەلگىلىرى يىل بويى ئۇزۇلمەيدۇ.يۆتەل بولۇپمۇ ئەتىگەن ئاخشامدا ئېغىر بولىدۇ. كۆپۇنچە ئاق كۆپۇككە ئوخشاش شىلىمشىق بەلغەم چىقىرىدۇ بەزىدە بەلغەمدىن قان بولىدۇ. قوشۇمچە يۇقۇملانسا ،يېرىڭلىق بەلغەم تۇكۇرۇش بىلەن بىللە قىزىتىش قاتارلىق بەلگىلەر بولىدۇ. يۇقۇملىنىش ئېغىر بولسا نەپەس قىينلىشىدۇ. مۇنداق بولىشى كانايچىلار تەكرار-تەكرار ياللۇغلىنىشنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن شىللىق پەردىلەر ئېشىپ،كانال دىۋارلىرىدا تالالىق توقۇلمىلارنىڭ ئۆسۇشى يۇز بېرىپ ھاۋا ئۆتۇشنىڭ راۋان بولماسلىقىدىن يەنە بىر قىسىم كېسەل كېشىلەردە كانايچىلارنىڭ يۇقۇملانغان مىكروپ زەھەرلىرىگە قارىتا سەزگۇرچانلىقى ئاشقانلىقتىن سىلىق يوللۇق مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىۋىلىشىدىن ھاسىراش بارلىققا كېلىدۇ. ئەمما تىپىك ھالدىكى تۇتقاقلىق قوزغۇلۇش ئىپادىسى بولمايدۇ، دائىم كانايچىلاردىكى يۇقۇملىنىشنىڭ يەڭگىللىشىگە ئەگىشىپ يېنىكلەپ بارىدۇ. بۇ زىققا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ.
بەدەن تەكشۇرۇش:دەسلەپكى دەۋرىدە كېسەل كېشىلەرنىڭ ئۆپكە قىسمىدا كۆپۇنچە كۆرۇنەرلىك بەلگە بولمايدۇ، ئادەتتە ئىككى تەرەپ ئۆپكىنىڭ ئاستى قىسمىدىن تاۋۇش ئوخشاش بولمىغان قۇرۇق ۋە ھۆل خىرىلداشلارنى ئاڭلاشقا بولىدۇ. بۇلارنىڭ چىقىش ۋاقتى ھەم ئورنىمۇ تۇراقلىق بولمايدۇ. بۇ خىرىلداشلار دائىم يۆتەلدىن ھەم بەلغەم چىقارغاندىن كېيىن ئازىيدۇ ياكى يوقىلىدۇ، كانال بوشلىقىدا ئاجرالمىلار كېڭەيگەندە ياكى ئىككىلەمچى يۇقۇملانغاندا خىرىلداشلار ئېنىق ھەم كەڭ دائىرلىك بولىدۇ. كونا كېسەللەردە قوشۇمچە ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقىنىڭ بەلگىلىرى بولىدۇ. زىققا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىدا خىرىلدىغان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى
ياللۇغ قايتۇرۇش ،يۆتەل پەسەيتىش،نەپەس راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.