ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى ئادەمگە ئىسسىق كېلەمدۇ؟
بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىسسىق، جىگەرگە زىيانلىق دەپ قاراپ، ئۇيغۇرچە دورىلارنى ئىچىشتىن قورقىشىدىكى سەۋەپ، بەلكىم ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىسسىقلىق دورا يەپ زىيان قىلغان ياكى ئىسسىق كەلدى دەپ داتلىغانلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلىغان كەچۈرمىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئىسسىق بولغاچقا ھەم تېۋىپلار سوزۇلما خاراكتىرلىك نۇرغۇن كېسەللىكنى سوغۇق يەلدىن بولىدۇ دەپ قارايدىغان بولغاچقا، كۆپىنچە بىمارلارغا ئىسسىقلىق دورا بېرىدۇ. بولۇپمۇ، ياللۇغقا، يەلتاشما ۋە تەمرەتكىگە، قان ئازلىققا، بۆرەك ئاجىزلىققا، ھەر خىل ئۆسمىلەرگە، ئەرلەر ۋە ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان جىنسىي ئاجىزلىق، جىنسىي ئەزالاردىكى يارا- ياللۇغلارغا ئۇزۇن مۇددەت ئىسسىقلىق دورا ئىشلىتىلىدۇ-دە، بىمارلارنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان مىزاجىنى توغرا ئىگەللەپ تۇرمىغاندا، بەدەننى بارا-بارا ئىسسىقلىق قاپلايدۇ. يەنە كىلىپ، ئىسسىقلىق بەدەنگە تېز تەسىر قىلىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئىسسىقلىق تەسىرى بەدەن ئەزالىرىدا ئۇزۇنغىچە ساقلىنىپ قالىدۇ.
يەنە بىر مۇھىم سەۋەپ بولسا، سوغۇق دورىلار بەدەننى سەل بوشاشتۇرۇپ، سۈيدۈكنى كۆپەيتىپ قويۇشتىن باشقا ئالاھىدە زىيانلىق تەسىر بەرمىگەن بىلەن، ئىسسىق دورىلار ئىسسىق كىلىپ قالغاندا، بىر قەدەر جىددى ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. سەۋەبىنى ئاددىي ئېيىتقاندا، بەدەندىكى يۈرەك، مېڭە، جىگەر قاتارلىق رەئىس دەپ قارىلىدىغان، زىلراق ۋەزىپىنى ئۆتەيدىغان ئەزالارنىڭ ئىسسىقلىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئاجىز. مېڭىدە قىلدام تومۇرلار كۆپ بولغاچقا، ئىسسىقلىق تەسىرىدىن قىزىغان قان مېڭە ئىچكى بېسىمىنى كۈچەيتىپ، قان بىسىمنى ئۆرلىتىپ قويىدۇ. يۈرەك ھەرىكىتى قىزىغان قان سەۋەبىدىن تېزلىشىپ، نەپەس يىتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىدۇ. جىگەر ھارارىتى تېخىمۇ ئېشىپ، جىگەرنىڭ زەھەرسىزلەندۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سۈيدۈك تۇتۇلۇپ، قاننىڭ تەركىبى ئېغىر بۇزۇلىدۇ. بۇنداق بولىشىمۇ كۆپچىلىك بىمارلاردا ئىسسىق دورىلاردىن قورقۇش پىسخىكىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەت خام دورىلىرىنىڭ كىلىش مەنبەسى ئۆسۈملۈك، ھايۋانات ۋە تۇپراق. پىششىق دورا ياساش ئۈچۈن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان، تۈرى نەچچە يۈز خىلغا يىتىدىغان بۇ خام دورىلارنىڭ تەڭدىن تولىسى راستىنلا ئىسسىق تەبىئەتلىك بولسىمۇ( خام دورىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسسىق بەلباغدىن كىلىدۇ)، شۇنىڭلىق بىلەن پۈتۈن دورىلارنى ئىسسىقلىق دەپ ئويلاپ، ئىسسىق كىلىشتىن قورقۇپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر ھەممىلا دورا ئىسسىقلىق بولغىنىدا، ئۇيغۇر تېبابىتى ئىسسىقتىن بولغان كېسەللىلەرنى قانداقمۇ داۋالىيالىسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرەك، جىگەر، ئۆت قاتارلىق مىزاجى يۇقىرى دەرىجىدە ئىسسىق بولغان ئەزالارنىڭ ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئۆز تېبابىتىمىز دورىلىرىنىڭ شىپاسى ناھايىتى يۇقىرى.
مەسىلەن، ئىلگىرى خوتەندە يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى تارقالغان ۋە سەھىيە ئورۇنلىرى قاتتىق دەكە-دۈككىگە چۈشكەندە، تېۋىپلىرىمىز كاسىنە دەيدىغان، ئېرىق بويلىرىدىن تاپقىلى بولىدىغان بىر خىل سوغۇق تەبىئەتلىك ئاددىي دورىلىق چۆپ بىلەنلا كېسەللىكنى تىزگىنلىگەن. شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋال خاتىرىلەنگەن ماتېرىياللاردا، ھۆكۈمەتنىڭ بىر نوپۇزلۇق ئادىمىنىڭ شۇ كاسىنە دەيدىغان دورىدىن بىر باغلام كۆتۈرۈپ، ھىجاراپ چۈشكەن سۈرىتى بار.
يۈرەك كېسەللىكلىرىگە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سەندەل، مەرۋايىت، قىزىلگۈل، گاۋزىبان، كەھرىبا، تاباشىر، زىرىق، ئامىلە قاتارلىقلارمۇ سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلاردۇر. يۈرەك- قان تومۇر كېسەللىكىگە ئىشلىتىلىدىغان خېمىرى مەرۋايىت دېگەندەك سوغۇققا مايىل پىششىق دورىلارنىڭ ئۈنۈم جەھەتتىن داڭقى بار. جىگەر-ئۆت كېسەللىكىگە كەلسەك، كاسىنە تەركىپلىك دورىلار، سوغۇق تەبىئەتلىك بۇزۇرى شەربىتى ناھايىتى شىپالىق.
قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە تېگىشلىككى، مەيلى غەرىپچە ياكى خەنزۇچە دورىلار بولسۇن، ئاشقازان، ئۆت، جىگەر ياللۇغى ۋە ئاجىزلىقى بىرگە كەلگەن ئەھۋال ئاستىدا، ھەممە ياللۇغنى تەڭ قايتۇرۇشقا ماس كەلمەيدۇ. ئاشقازانغا ئىشلەتكىنى جىگەر ياكى ئۆتكە، ئۆتكە ئىشلەتكىنى ئاشقازانغا ياقماي قالىدۇ. چۈنكى ئاشقازان كىسلاتا خۇسۇسىيەتلىك، ئۆت ئىشقار خۇسۇسىيەتلىك سۇيۇقلۇق ساقلايدۇ. ئەمما ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئۈچ ئەزادىكى ياللۇغنى ياخشىلاپ، ئۈچلا ئەزاغا قۇۋۋەت بېرەلەيدىغان سوغۇققا مايىل دورىلاردىن خىلى كۆپ بار. مەسىلەن: نارپىننە شەربىتى، ئامىلە جەۋھەرى، كاسىنە جەۋھەرى، يالپۇزجەۋھەرى، دىنارجەۋھەرى ۋە بۇزۇرى جەۋھەرى دېگەندەك. ( ئۈچ ئەزاغا پايدىلىق ئىسسىققا مايىل دورىلاردىن مەجۈنى نانخۇا، ئىسسىق تەبىئەتلىك بۇزۇرى جەۋھەرى، رەيھان جەۋھەرىلەر بار.)
دېمەك، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىسسىق تەبىئەتلىك بولمايدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتى كېسەللىكلەرنى مىزاج ۋە خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭسىز بولۇشىدىن كىلىپ چىقىدۇ دەپ قارايدىغان تۇرۇقلۇق، ھەر خىل مىزاجلارنىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقىغا ئەھمىيەت بەرمەي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئىسسىقلىق ئېشىشمۇ مەلۇم خىل كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى بولغانىكەن، سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلارغىمۇ تايانماي بولمايدۇ. قان ۋە سەپرادىن بولغان كېسەللىكلەرگە ئومۇمەن سوغۇقلۇق ۋە سوغۇققا مايىل دورىلار داۋا بولسا، بەلغەم ۋە سەۋدا خىلىتلىرىنىڭ تەبىئىي بولمىغان ئۆزگىرىشلىرى ئاستا خاراكتىرلىك كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ ھەم ئۇزۇنغىچە ئىسسىق دورىلارنى بېرىشكە توغرا كىلىدۇ. پەقەت تېۋىپنى ياخشى تاللاپ، پات-پات كۆرۈنۈپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، دورىلارنىڭ ئىسسىق كىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.