تېرىنى كۆرۈپ تەكشۈرۈپ كېسەل تونۇش
تېرىنىڭ چىڭ- بوشلىقى، بولۇپمۇ رەڭگى، تېرە ئەسۋىلىرى، تېرەك يۈزىدىكى زەخىم ئىزلىرى، ئىششىقلار كېسەلگە باھا بېرىشتە خېلى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. مەسىلەن: تېرە ۋە قاپاق، كالپۇك، چىش مۈلۈكلىرىنىڭ كۆكۈرۈپ قېلىشى، قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بەزىدە قورقۇپ كەتكەن، باش ئايلىنىپ يېقىلغان، ئىچكى ئەزالار قانىغاندىمۇ كىشىنىڭ چىرايى تۇيۇقسىز تاتىرىپ كېتىدۇ. قان تومۇرلىرى تارتىشىپ، تېرە ئىششىغاندىمۇ تېرەك تاتىرىپ كېتىدۇ. جۈدەك كەتكەن كېسەللەردە تېرە توپا رەڭدە بولۇپ كۆرۈنىدۇ. قىل قان تومۇرلار كېڭەيگەن. قىزىتمىسى بار كىشىلەردە تېرەك قىزىرىپ قالىدۇ. مەسىلەن: ئۆپكە سىلى بىلەن كېسەللەنگەن ئادەملەر ئادەتتە چۈشتىن كېيىن سۇس قىزىپ، مەڭزى قىزىرىپ خۇددى ئەڭلىك سۈرىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ بەلگە، ئۆپكە سىلى كېسەللىگىگە باھا بېرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يۈز بۇرۇن ياكى باشقا جايلار چەكلىك ھالدا قىزىرىپ ئوتۇقۇپ قېلىشى، تىلما ( ماشىرا) كېسىلىنىڭ بەلگىسى بوۇلپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ چاغدا تېرە چىڭقىلىپ سەل ئاغرىيدۇ. مەڭزىدە ئۆمۈچۈك تورىدەك قىزىل سىزىقلرنىڭ پەيدا بولۇشى جىگەر كېسەللىكلىرىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تېرىنىڭ بولۇپمۇ كالپۇك، قول ئۇچلىرى، ئېغىز چۆرىسىنىڭ كۆكۈرۈپ قىزىل رەڭە كىرىپ قېلىشى يۈرەك زەئىپلىشىپ، ئۆپكىدە ھاۋا ئالمىشىش ياخشى بولمايۋاتقانلىغى ياكى يۈرەك ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. قانغا سەپرا (ئۆت) ئارىلاشقاندا، مەسىلەن: سېرىق كېسەلدە تېرە ۋە كۆزنىڭ ئېقى سارغىيىپ كېتىدۇ. بەزى كېسەللىكلەر مەسىلەن: (چالاش كېسىلى) قۇبا كېسىلىدە يۈز، قول ۋە كۆكرەكنىڭ ئوچۇق قالغان جايلىرىدىكى تېرىلەردە قارا داغ پەيدا بولىدۇ.
ئاق كېسەللىكتە تېرىگە ھەرخىل چوڭلۇقتىكى ئاق داغلار چۈشىدۇ. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يۈزىگە خومرەڭ داغ چۈشىدۇ. ئەمچەك ئايلانمىسى ۋە كىندىك ئاق سىزىغىنىڭ بويىغى قېنىقلىشىدۇ. كىچىك بالىلار ئىسسىتمىلىق كېسەك بىلەن ئاغرىپ ساقايغاندا، تېرىنىڭ كېپەكلىشىپ چۈشىشى، قىزىلچا ( ھازىرقى زامان تېببىي ئىلمىدىكى ئىسكارلاتىنا) بىلەن كېسەللىنىپ ساقايغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تېرە چىققان تاشما ( ئەسۋە)لەرنمىڭ شەكلى، رەڭگى ۋە چىقىش تەرتىپىمۇ كېسەلگە باھا بىرىشتە بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. مەسىلەن: قىزىل كېسىلىنىڭ ئەسۋىسى تېرىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. ھەمدە ئۇششاق داغ شەكلىدە بولۇپ، كىچىككىنە ئۆسىگى بولىدۇ. ئەسۋە دەسلەپ يۈزدىن باشلىنىپ 2-3 كۈندە بويۇن، غول ۋە ئاياقلارغا تارقىلىدۇ.
باسقاندا يوقىلىدىغان ھال رەڭلىك ئۇششاق ئەسۋەلەر، كۆپرەك ئۈچەي گېزىگىدە كۆرىلىدۇ. چوڭ- چوڭ ياپىلاق تاشمىلار، يەل تاشما ( ئېشەك يېمى ) چىققاندا كۆرۈلىدۇ. بەزى دورىلار، يېمەك- ئىچمەكلەر خىل كەلمىگەندىمۇ بۇ خىل ئەھۋىلەر كېلىپ چىقىدۇ. بويۇندىكى تارتۇقلار، ئىلگىرى چاشقان يارىسى ( بەز سىلى ) بىلەن كېسەللەنگەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ.
تېرىدىكى ئىششىق ۋە ئۇنىڭ ئورنى كېسەللىككە باھا بېرىشتە چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. مەسىلەن: بۆرەك كېسەللىگى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىششىق يۈز ۋە قاپاقتىن باشلىنىدۇ. تېرە تاتارغان بولۇپ پارقىراپ تۇرىدۇ. تېرىدە قورۇق قالمايدۇ. بارماق بىلەن بېسىپ قويۇۋەتسە خېمىرغا بارماق پاتۇرغاندەك ئىز ئۇزاققىچە ئۆز ئەسلىگە كەلمەيدۇ. يۈرەك كېسەللىگىدە ئىششىق، ئادەتتە بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىن بولۇپمۇ پۇتتىن باشلىنىدۇ. ئەگەر كېسەل تولاراق ئوڭدىسىغا ياتسا، ئىششىق توققۇز كۆزدىن باشلىنىدۇ.
يوقارقىلاردىن باشقا يەنە، ئومۇمىي بەدەننىڭ سەتھىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرى ۋە باشقا غەيرى نورمال ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. شۇڭا تېرىگە قاراپ ۋە تېرىنى تۇتۇپ تەكشۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.