چىراينى كۆزدىن كۆچۈرۈش ئارقىلىق كېسەل تونۇش
يۈزنىڭ تاتىرىپ كېتىشى قۇۋۋەتسىزلىك، قان ئازلىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ، سوزۇلما بۆرەك ئىششىقلىرى ۋە ئېغىر كەمقانلىقلاردا كۆرۈلىدۇ. چىراينىڭ سېرىقلىغى سەپرا مىزاجدىن دېرەك بېرىدۇ. تال، ئاشقازاننىڭ زەئىپلىگىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ كۆپىنچە ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىش، سوزۇلما ئىچ سۈرۈشلەردە كۆرۈلىدۇ. چىراينىڭ نەم ۋە قىزىللىغى، يۇقىرى ئىسسىتمادىن دېرەك بېرىدۇ. كۆپىنچە ئۆپكە ئىششىغى ( زاتىلىرىيە ) ياكى ئۆپكىنىڭ يىرىڭلىق ئىششىقلىرىدا كۆرۈلىدۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك تۆۋەن قىزىتما ئۆپكە سىلىدە كۆرۈلىدۇ. يۈز كالپۇكنىڭ كۆكۈرۈپ كېتىشى، قان قايغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، كۆپىنچە يۈرەك زەئىپلىشىش، زاتىلىرىيىدە كۆرۈلىدۇ. چىرايى، كۆز ئېقى ۋە تېرىلىرى سارغىيىپ كېتىشى، قىچىشىشى، جىگەر، ئۆت كېسەللىكلىرىدە يۈز بېرىدۇ. چىراينىڭ قارىيىپ كېتىشى، يۈرەك، ئۆپكە، جىگەر، بۆرەك خىزمىتى ناچارلاشقان، جىگەر قاتقان، سۈيدۈك زەھىرى تارقاپ كەتكەندە كۆرۈلىدۇ.
كېيىنكىسى بەدەننىڭ تۇرۇش ھالىتىگە قاراپ كېسەل تونۇش.
داۋامىغا دىققەت قىلىڭ.
ئۇيغۇرتېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.