روھىي ھالىتىنى كۆزىتىش ئارقىلىق كېسەل تونۇش
كېسەللىك ۋاقتىدا كىشىنىڭ روھىي ھالىتى، ئەس- ھوشىدا خىلمۇ- خىل ئۆزگۈرۈشلەر بولىدۇ. مەسىلەن: بىئاراملىق، قورقۇش، جۆيلىش، ھۇشىسىزلىنىش قاتارلىقلار. مەسىلەن: بىئاراملىق، قورقۇش، جۆيلىش، ھۇشسىزلىنىش قاتارلىقلار. ئادەتتە روھى تىتىك، چىرايى ئوچۇق، كۆز نۇرى روشەن، ئەس- ھۇشى جايىدا، سۆزلىرى ئېنىق، ئاۋازى جاراڭلىق بولسا كېسەلنىڭ ئانچە ئېغىر ئەمەسلىگىنى بىلدۈرىدۇ. روھى سۇنغان، چىرايى خۇنۇك، كۆزلىرى نۇرسىز، سۆزلىرى ئېگىز- پەس، ئەس- ھوشى جايىدا بولماسلىق، ئورۇقلىغان ھالەتلەر كۆرۈلسە كېسەلنىڭ ئېغىرراق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇيقۇنىڭ كۆپلىگى سوغاقلىق ۋە ھۆللۈكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئۇيقۇسىزلىق ئىسسىقلىق ۋە قۇرۇقلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئېغىر بېسىقلىق، قورقۇنچاقلىق، جىمغۇرلىققا ئائىت ئىشلارنىڭ ھەممىسى سوغاقلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. روھىي ھالەتنىڭ قوزغىلىشچانلىغى، تەسىرلىنىشچانلىقى، مىجەز- خۇلىقىنىڭ يەڭگىللىگى، مەنمەنلىگى، ئالدىراڭغۇلىقى ۋە تولا گەپ قىلىش، تېز سۆزلەش، ھاياسىزلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىسسىقلىتىن دېرەك بېرىدۇ. ئاسان قوزغىلىپ ۋە پەسىيىپ قېلىش ھۆللۈكنىڭ ئالامىتىدۇر.
كېيىنكىسى چىراينى كۆزدىن كۆچۈرۈپ كېسەل تونۇش…
داۋامىغا دېققەت قىلىڭ.
ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.