ئاساسىي نەزەرىيەسەھىپە ئايرىلمىغان

ئېغىز ئىچى، تىلى ۋە گېزىگە قاراپ كېسەل تونۇش

ئېغىز ئىچىنى تەكشۈرگەندە تەكشۈرتىدىغان جاي يورۇق بولۇشى، ئېغىزىنى چوڭراق ئاچقۇزۇپ تىلىنى سىرتقا چىقارغۇزۇپ ئېغىز ئىچى، كىچىك تىل، گال ئەتراپلىرىدا غەيرى بەلگىلەر بار- يوقلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم. گال ئاغرىقلىرىدا كىچىك تىل ۋە گال ئەتراپىدىكى بەزلەر قىزىرىپ، ئىششىپ قالىدۇ. بوغما كېسەللىگىدە ئاق پەردىلەر كۆرۈلىدۇ. بوۋاقلاردىكى ئاددى ئېغىز ئىچى ئاغرىقلىرىدا ئېغىز ئىچى شىللىق پەردىلىرى ئاق پىشلاقتەك بولۇشتەك كېسەللىك ھالەتلەر بولىدۇ.

    ساغلام كىشىنىڭ تىلى ئاچ قىزىل رەڭدە، ھەرىكىتى ئەركىن، نەم كېلىدۇ. تىلنىڭ قىزىرىپ كېتىشى ئىسسىقلىقنىڭ غالىپلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.  تىلنىڭ قىزىرىپ كېتىشى ئىسسىقلىقنىڭ غالىپلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تىلىنىڭ يىرىكلىگى ۋە قۇرۇقلىغى سەپرادىن دېرەك بېرىدۇ. تىل توق قىزىل بولۇپ پاقىراقلىغى يوقالغان بولسا ئۆپكە، يۈرەك ئاجىزلىقى، بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى ئازايغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ كۆپرەك ئىسسىقلىق ئېشىپ كەتكەن چاغدا ۋە قۇرۇتقۇچى كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ. تىلدا كۆكۈش ياكى ھۆسۈن رەڭدە داغلارنىڭ بولۇشى، قان قېتىپ بەدەندە توسۇلۇش ( سۈددە) ھاسىل بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ كۆپىنچە يۈرەك كېسىلى ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك قان كېسەللىكلەردە ئۇچرايدۇ. تىلنىڭ قېتىپ قېلىپ ئەركىن ھەرىكەت قىلالماسلىقى، مېڭىگە قان چۈشكەن ( پاكەچ) دە، كېزىكلەردىكى تۇتقاقلىق ۋە قان ئازلىقتا كۆرۈلىدۇ.
     تىلدىكى گەزلەر، كېسەللىكلەرنى تونۇشتا ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە؛ تىل گېزىنى تەكشۈرگەندە ئۇنىڭ رەڭگى، گەزنىڭ قېلىن- نېپىزلىگى، قۇرغاق- نەملىگى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىش لازىم. ساغلام كىشىلەرنىڭ تىل گېزى، نەملىگى نورمال، نېپىز بىر قەۋەت تەكشى تارقالغان ئاقۇش بولىدۇ. كېسەللىكلەردە بولسا ھەرخىل گەزلەر كۆرۈلىدۇ.
    ئاق گەز: نورمال ھالەتتىكىدىن روشەنرەك بولغان ئاق گەز، تاشقى مىزاجنىڭ سوغاقلىقىدىن ياكى قېرىن، ئۈچەي سوغاقلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاق ھەم قېلىن گەز، ئاساسلىق تال زەئىپلىگىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، نەپەس يوللىرىنىڭ كېسەللىكلىرى ۋە سوزۇلما ئىچ سۈرۈشلەردە كۆرۈلىدۇ.
    سېرىق گەز: تولاراق ئىچ مىزاجنىڭ ئىسسىقلىقىغا مەنسۇپ بولۇپ سېرىقلىق قانچە توق بولسا، ئىسسىقلىقنىڭ شۇنچە غالىپلىغىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق گەز، بەزىدە كېزىكلەردىكى يۇقىرى ھارارەت ياكى ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ كېسەللىكلىرى ( قېرىن، ئۈچەي، جىگەر ئىششىقلىرى ) دىمۇ كۆرۈلىدۇ.
     كۈلرەڭ قارا گەز: كۈلرەڭ، قارا ۋە قورغاق گەز، ھارارەت ئۆرلەپ، بەدەندىكى سۇيۇقلىغى ئازايغانلىقنىڭ بەلگىسى بولۇيپ كېزىكلەر ئەۋج ئالغان چاغلاردا كۆرۈلىدۇ. كۈلرەڭ، قارا ھەمدە ياغلىشاڭغۇ گەز، ئۈچەي ۋە باشقا ئىچكى ئەزالاردا سۇيۇقلۇقنىڭ غالىپلىغىنى بىلدۈرىدۇ. كۆپىنچە ئىچ سۈرۈش، سوزۇلما بۆرەك ئىششىغى، جىگەر قاتقاندا كۆرۈلىدۇ.
     قورغاق گەز: بەدەن سۇيۇقلىغى يېتىشمەسلىك، ھارارەت ئۆرلىگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. كۆپىنچە ( قىزىتما ) يۈز بەرگەن چاغلاردا ئۇچرايدۇ.
      پاقىراق، گېزى سويۇلغان، يېرىلغان گەز: بۇ بەدەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كۆپلەپ خوراپ كەتكەنلىكنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، ئىسسىتمىلىق كېسەللەرنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ۋە سوزۇلما كېسەللىكلەردە ئۆپكە سىلى، ئاشقازان يارىسى، قەنت سىيىش كېسىلىدە كۆرۈلىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.

كېيىنكىسى روھىي ھالەتنى كۆزۈتۈپ كېسەل تونۇش…

داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز…

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button