ئاساسىي نەزەرىيەسەھىپە ئايرىلمىغان

كېسەلنى قاراپ تەكشۈرۈش

    1) شەكلى تۇرقىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش

    بەدەننىڭ قاۋۇل ياكى قاۋۇل ئەمەسلگى، كۈچلۈك – ئاجىزلىقى، ئورۇق- سېمىزلىگى كۆ۔دىن كۆچۈرۈلىدۇ. مەقسەت- كېسەل كىشىنىڭ جىسمانىي تەرەققىياتىنى كۆزىتىش ئارقىلىق چېنىقىش، ئوزۇقلىنىش ئەھۋاللىرىدىن تەخمىنەن بىر تەسەۋۋۇر ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت.
    تېنى قاۋۇل، بەدەن تەرەققىياتى ئوزۇقلىنىشى ياخشى. تېنىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى بىردەك تەرەققىي قىلغان، گۆشلىرى چىڭ، كۆكرىگى كەڭ، يۈزلىرى قىزىل، مايلاشقان، ئاۋاز كۈچلۈك بولسا سالامەتلىكنىڭ ياخشىلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. ئەكسىچە ۋىجىك، بەدىنى ئورۇق، تېرىلىرى قورغاق، چىرايى تاتىرىپ سارغايغان، ئاۋازى تۆۋەن، كۆكرىكى تار بولسا سالامەتلىكىنىڭ ئاساسى بوشلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ. دېمەك: كىشىلەرنىڭ بەدەن تۈزۈلىشىدىكى پەرقلەرگە قاراپ، ئۇ كىشىنىڭ مىزاجى ۋە قانداق كېسەللىكلەر پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بارلىغىنى تەخمىنەن مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىلەردىن قارىغاندا ئورۇق، يۈزى سوزۇنچاق، بوينى ئۇزۇن ۋە ئىنچىكە، كۆكرەك قەپىزى تار ۋە ياپىلاق، قورسىغى كىچىك ئەمەس. قول- پۇتلىرى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، گۆشلىرى بوشراق، تېرىسى قورغاق ۋە قاراراق كەلگەن كىشىلەرنىڭ مىزاجى كۆپىنچە قۇرۇق مىزاج بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا پۈتۈن بەدەن ئاجىزلىقى، ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكلىرى ( ئاشقازان ئېچىشىش، ئاچچىق سۇ ياندۇرۇش، ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىقلار ) ، ئۆپكە سىلى ، بۆرەك كېسەللىكلىرى بىلەن كېسەللىنىدۇ. ئەكسىچە سىمىزرەك، يۈزى كەڭ، بوينى قىسقا ۋە يوغان، كۆكرەك قەپىزى كەڭ، قورسىغى يوغان، قول- پۇتلىرى قىسقا ۋە چوڭ، تېرىسى ئاقۇش كەلگەن ئادەملەر كۆپىنچە ھۆل مىزاج كېلىدۇ. كۆپىنچە يۈرەك كېسىلى، قان تومۇر قېتىش، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش كېسىلى، جىگەر كېسەللىگى ۋە شېكەر سىيىش كېسەللىكلىرى بىلەن ئاسان كېسەللىنىدۇ. يەنە بەزى ئەھۋاللار مەسىلەن: بەدەننىڭ ئاقلىغى كۆپىنچە سوغۇقلىتىن، بەدەندە ياغنىڭ كۆپلىگى ھۆللۈكتىن، ئازلىغى قۇرۇقلۇقتىن، قارىلىغى ئىسسىقلىتىن دېرەك بېرىدۇ. قىزىللىغى قان ماددىسىنىڭ ئارتۇقلىغىدىن، بۇغداي رەڭ ۋە ساغۇچ رەڭلىگى سەپرادىن، كۆكۈش رەڭلىگى سەۋدادىن دېرەك بېرىدۇ. تۈكنىڭ كۆپلىگى، يىرىكلىگى، كىپەكلىگى ۋە قارىلىغى كۆپىنچە ئىسسىقلىق ۋە قۇرۇقلۇقتىن دېرەك بېرىدۇ قاتارلىقلار. بۇ خىل ئەھۋاللار گەرچە مۇتلەق بولمىسىمۇ تەجرىبىلەردىن قارىغاندا كۆپىنچە شۇ دائىردىن چىقىپ كەتمەيدۇ.

ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button