روھى كەيپىيات
روھىي كەيپىياتتىكى ھەرخىل ئۆزگىرىشلەر — غەزەپلىنىش، غەم – قايغۇ، سىقىلىش (دىققەتچىلىك)، خىجالەتلىك، قورقۇش، ھۇزۇرلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ھەرخىل دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياخشى روھىي كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، زىيانلىق روھىي كەيپىياتلارنى يوقىتىش تېۋىپلار ۋە بارلىق تېببىي خادىملارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. شۇنىڭدەك تېبابىتىمىز ئاساسىي نەزەرىيىلىرى قاتارىدا تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەزمۇنلاردىن بېرى. بىز تۆۋەندە بۇ ھەقتە قىسقىچە سۆزلەيمىز؛
غەزەپلىنىش:
ئادەم ئۆزى مۆلچەرلىگەن ۋە ئۈمىد قىلغان ئىشلار ئەمەلگە ئاشمىغاندا ياكى بىرەر شەخسنىڭ ئىززەت -نەپسى، مەنپەئىتى باشقىلارنىڭ ھاقارەتلىشى، خورلىشى ياكى زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغاندا غەزەپ پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل ئاچچقىلىنىش )غەزەپ( كىشىلەر ئىنتىقام ئېلىش، ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىرادىسىگە كېلىش ۋە مۇداپىئەلىنىشلىرىدە قوزغىلىدىغان تەبىئىي كەيپىيات بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭمۇ مۇۋاپىق ۋە نورمال بولۇشى شەرت. قاتتىق غەزەپلەنگەندە ئادەم بەدىنىدىكى روھ سىرتقا تېپىدۇ. قاتتىق غەزەپلىنىش قۇرۇق ئىسسىق مىزاج ئادەملەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇ، روھنىڭ بىر خىل »ئوت ئېلىشى« بولۇپ بۇنىڭ بىر نەچچە خىل دەرىجىلىرى بولىدۇ. قاتتىق غەزەپلەنگەندە يۈرەك قىسقىرىش )ئىنقىباز( بىلەن يۈرەك قېنىنىڭ سىرتقا تېپىشى كۈچلۈك بولۇپ، مېڭە ۋە يۈرەك قان تومۇرلىرىدا بېسىم ۋە ھەرىكەتلەر كۈچىيىپ، ئۇنىڭدىن بىر خىل بۇخار ئاجرىلىدۇ دە، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش بىلەن ئىنساننىڭ ئەقىل ۋە مۇھاكىمە قۇۋۋىتى تەڭپۇڭسىزلىنىپ، ئۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپ پارتلىشى كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق غەزەپ ئوتىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان ۋەز – نەسىھەت ۋە تەسەللىي بېرىشلەر ھېچقانداق تەسىر قىلماستىن، ئۇنى تېخىمۇ قوزغايدۇ. ئىنسان تەلۋە يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئوڭاي غەزەپلىنىشكە ئادەتلەنگەن ئادەملەر ئۆزىگە ۋە يېقىن كىشىلىرىگە ئورۇنسىز زۇلۇم قىلىدۇ. ئازغىنە ئىشلارغا ئورۇنسىز غەزەپلىنىش ئادىتى ئىنسانلارنىڭ تەن – سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق. تاماكا، نېشە قاتارلىق نەرسىلەرنى چېكىپ ئادەتلەنگەنلەرنىڭ مىزاجى بارغانسېرى قۇرۇق ئىسسىقلىققا ئۆزگىرىپ تېز غەزەپلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئادەملەرنى كىشىلەر »بەڭگە مىزاج« دەيدۇ. ھاراق ئىچىپ ئەسەبلىرى زەھەرلەنگۈچىلەردىمۇ غەزەپلىنىش ئوڭايلا يۈز بېرىدۇ. تېز غەزەپلىنىدىغانلار ئۈچۈن ھۆل – سوغۇق نەرسىلەر، سوغۇق ھاۋا، سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇنۇش، تاغ يايلاق ۋە باغۇ – بوستانلاردا ساياھەت قىلىش ناھايىتى پايدىلىق.
خۇشاللىق:
ئىنسان قاتتىق خۇشال بولغان چاغلاردىمۇ روھىي ھايۋانى )ھاياتلىق روھى( سىرتقا تېپىدۇ. ئىنسان ئۆزى ئارزۇ ئۈمىد قىلغان نەرسىلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۇنى خۇشاللاندۇرىدۇ. لېكىن بەزى ئادەملەردە تاساددىپىي پەۋقۇلئاددە خۇشاللىق يۈز بەرگەن چاغدا، يۈرىكى كېڭىيىپ كېتىش ياكى تارايماي قېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىپ ئۆلۈپ كېتىش ئېھىتماللىرىمۇ بار. بۇ ئادەتتە خۇشاللىقتىن »ئۆلۈش« )شادى مەرگ( دەپ ئېيتىلىدۇ. خۇشاللىق بىلەن قايغۇلۇقنىڭ ئەينى بىر ۋاقىتتلا يۈز بېرىشى تېخىمۇ خەتەرلىك. ھېسسىياتى بەك ئۆتكۈر بولغان ئادەملەردە بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. ئەقلىي كۈچى ھېسسىياتىنى بېسىۋالالايدىغان ئاقىل ئادەملەر بۇنداق ئىشلاردا ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدۇ. بەزى ئادەملەر غەزەپلىك ياكى خۇشاللىق كەيپىيات ئىچىدە يۈرۈشنى خالىغاچقا، خۇشاللاندۇرغۇچى نەرسىلەرنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىدۇ. بۇ سالامەتلىك ئۈچۈن زىيانلىق. ئىنسان ھەمىشە قوزغالغان ھېسسىيات، ئارزۇ، ئىشقى – مۇھەببەت ۋە شەھۋانىي خاھىشلارغا بېرىلىپ كەتسە، ئۇ كۆپىنچە ئەقلىدىن ئازىدۇ. ئوبيېكتىپ دۇنيانى توغرا ھېس قىلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەقىل ۋە تەپەككۇر بىلەن ئىش كۆرۈش، يۇقىرىقىدەك ھېسسىياتلارنى ئەقىلگە بويسۇندۇرۇش لازىم. شۇنداق ئادەملەر مۆتىدىل مىزاج، سوغۇق قان، ئېغىر – بېسىق بولىدۇ، ئەسەبىي كېسەللەردىن خالىي بولالايدۇ، تېنى ساغلام بولۇپ، ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرۈشىمۇ مۇمكىن.
غەم – قايغۇ، قورقۇش، خىجالەتچىلىك، دىققەتچىلىك:
بۇنداق روھىي ئامىللارمۇ سالامەتلىك بىلەن زور مۇناسىۋەتلىك. بۇنداق ھالەتلەر ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى تەبىئىي جەريانىغا )فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىگە( بىۋاسىتە تەسىر قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن: قان ئايلىنىش، تاماق ھەزم قىلىش، تەپەككۇر پائالىيەتلىرىگىمۇ زىيانلىق تەسىر قىلىدۇ. گاھى نازۇك تەبىئەتلىك سەزگۈر ئادەملەردە دىققەتچىلىك ۋە خاپىلىق يۈز بەرگەندە، پۇت -قولى تارتىشىپ چىشى كىرىشىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ يۈز بېرىدۇ. بۇ ئىش بولۇپمۇ ئاياللاردا كۆپرەك پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن روھىي قوزغىلىشلار ۋە روھىي زەربە ۋە ئىچ پۇشۇقلاردىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش لازىم. سۈكۈت )جىملىق( ۋە خاتىرجەم ياشاش ئادەمنىڭ تېنىنى ساق، ئۆمرىنى ئۇزاق قىلىدۇ. ئۆز ئىقتىدارى ۋە ماددىي ۋە مەنىۋىي شارائىتقا مۇۋاپىق غايە ۋە نىشان تاللىماستىن، خىيالىي غايە ۋە ئارزۇ ھەۋەسلىرىنى قوغلىشىپ يۈرگەن، ئەمما ئۇ مەقسەتكە يېتەلمىگەنلەر يۇقىرىقىدەك ئىللەتلەرگە مۇپتىلا بولىدۇ. بەزى ئادەملەر ئۆز ھاياتىدا ياكى تۇرمۇش شارائىتىدا ئۆزى ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە يېتەلمەي ياكى رېئال تۇرمۇشقا نارازى بولۇپ، داۋاملىق دىققەتچىلىك ۋە ئۈمىدسىزلىك ھالەتتە يۈرگەنلەر بۇنداق روھىي ئازابتىن »قۇتۇلۇش« ئۈچۈن داۋاملىق مەست قىلغۇچى نەرسىلەر – نېشە، تاماكا، ھاراق، ئەپيۇن ۋە باشقا ئۇخلاتقۇچى دورىلاردەك زەھەرلىك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشقا ئۆزىنى مەجبۇر قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئەقلىي، ئەخلاقىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تۈرلۈك كېسەل ۋە بەختسىزلىككە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تېبابىتىمىزدە روھىي ئۆزگىرىشلەر )روھنىڭ ھەرىكىتى ۋە سۇكۇنى( نى سالامەتلىككە زۆرۈر بولغان ئامىللار )سىتتە زۆرۈرىيە(قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.