ئاساسىي نەزەرىيەسەھىپە ئايرىلمىغان

ئوغۇل تۇغۇلۇش ۋە قىز تۇغۇلۇشنىڭ سەۋەبى

ئوغۇل تۇغۇلۇشنىڭ سەۋەبى بولسا ئەرنىڭ مەنىيسىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسسىقلىقى ۋە مىقدارىنىڭ كۆپلۈكى، ئايالنىڭ ھەيزدىن پاك بولغان دەل ۋاقتىغا جىمانىڭ مۇۋاپىق كېلىشى، مەنىينىڭ ئوڭ تەرەپتىن قۇيۇلۇشى (چۈنكى ئوڭ تەرەپتىن كەلگەن مەنىي ئىسسىقراق بولىدۇ)، مەنىينىڭ قويۇق بولۇشى سەۋەبچى بولىدۇ. بۇ ھارارىتى يۇقىرى مەنىي ئوڭ بۆرەكتىن ئېلىنىدۇ. ئوڭ بۆرەك ئېگىزرەك جىگەر تەرەپكە يېقىنراق بولغانلىقى ئۈچۈن سول بۆرەكتىن قىزىقراق بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ مەنىي بالىياتقۇنىڭ ئوڭ تەرىپىگە چۈشسە شۇنىڭدەك ئايالنىڭ مەنىيسى ئوڭ تەرىپىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە مۇناسىپ كەلسە، ھامىلە ئوغۇل بولىدۇ.

سوغۇق شەھەرنىڭ مۇھىتى، سوغۇق پەسىلنىڭ ھاۋاسى، شىمال تەرەپتىن چىققان سوغۇق شامال قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئوغۇل ھامىلىنىڭ بولۇشقا ياردىمى بولىدۇ. چۈنكى سوغۇقنىڭ تەسىرىدە تەبىئەت تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىققا مۇھتاج بولىدۇ، كۆپ ئىسسىقلىق سەرپ قىلىدۇ، بۇ سوغۇقنىڭ ئۆزىگە قارشى بولغان ئىسسىقلىقنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىدۇر. تېخى قورامىغا يەتمىگەن ئوغۇل بالا ۋە ياشانغان كىشىلەردىن باشقا تولۇق يېتىلگەن ياشلاردىن چىققان مەنىيمۇ ھامىلىنىڭ ئوغۇل بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ. مەنىي ئەرنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ئايالنىڭ ئوڭ تەرىپىگە چۈشسە ئوغۇل ھامىلە، سول تەرىپىدىن چۈشسە قىز ھامىلە بولىدۇ. ئەگەر ئەرنىڭ سول تەرىپىدىن ئايالنىڭ ئوڭ تەرىپىگە چۈشسە ئوغۇل مىجەزلىك قىز ھامىلە بولىدۇ. ئەگەر ئەرنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ئايالنىڭ سول تەرىپىگە چۈشسە قىز مىجەزلىك ئوغۇل ھامىلە بولىدۇ.

 بىر قىسىم قارىسىغا سۆزلەيدىغانلار مۇنداق دەيدۇ: ئاياللار ھەيزدىن پاك بولۇپ يۇيۇنغان تۈنجى كۈنىدىن باشلاپ بەشىنچى كۈنىگىچە بولغان ھامىلە ئوغۇل بولىدۇ. ئالتىنچى كۈنىدىن سەككىزىنچى كۈنىگىچە بولغان ھامىلە قىز بولىدۇ. ئون بىرىنچى كۈنىگىچە بولغان ھامىلە ئوغۇل بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بولغان ھامىلە قوش جىنسلىق (قوش جىنىس مىجەزلىك) بولىدۇ. ئوغۇلغا ھامىلىدار بولغان ئايالنىڭ قېنى قىزغا ھامىلدار بولغان ئايالنىڭ قېنىدىن قىزىقراق بولىدۇ.

ئوغۇل ۋە قىز ھامىلىنىڭ ئالامەتلىرى

ئوغۇلغا ھامىلىدار بولغان ئايالنىڭ چىرايى نۇرلۇق، كەيپىياتى جۇشقۇن، تېرىسى سۈزۈك، ئىشتىھاسى ياخشى بولىدۇ. ھامىلىدارلىقتا يۈز بېرىدىغان ئىككىلەمچى كېسەللىكلەر كۆرۈلمەيدۇ. ئايال ئوڭ تەرەپتە ئېغىرلىق ھېس قىلىدۇ. ھەقىقەتەن كۆپ ھاللاردا بالىياتقۇنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ئوڭ تەرىپىگە ئېتىلىپ چىققان مەنىيدىن ئوغۇل بالا ھاسىل بولىدۇ، بەلكى ئوغۇل ھامىلىدە ئوڭ تەرەپنىڭ قوبۇل قىلىشىغا نىسبەتەن قىزىقىش بولغانلىقى ئۈچۈن ياكى ئىتتىرىشنىڭ ئوڭ ئۇرۇقداندىن بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ.

ئوغۇل تۆرەلمە ھەرىكەتلەنسە، ئوڭ تەرەپتىن ھەرىكەتلىنىدۇ. ئوغۇلغا ھامىلىدار بولغان ئايالنىڭ ئەمچىكىنىڭ ئوڭ تەرىپى يوغىنايدۇ. ئوڭ تەرىپىنىڭ رەڭگىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. بولۇپمۇ ئوڭ تەرەپنىڭ توپچىسى يوغىنايدۇ. ئوڭ تەرەپكە سۈت ئاۋۋال كېلىدۇ. سۈت ئاۋۋال ئوڭ تەرەپتىن ئاقىدۇ، ئۇ ئايالنىڭ ئەمچىكىدىن سېغىلغان سۈتى قويۇق، شىلىمشىق، سۈزۈك بولىدۇ. ھەتتاكى ئوغۇلغا ھامىلىدار بولغان ئانىنىڭ سۈتىدىن ئەينەككە بىر تامچە تېمىتىلىپ، كۈن نۇرىدا سۈتكە قارالسا، ئۇ سۈت سىماب تامچىسىدەك ياكى مەرۋايىت تامچىسىدەك پارقىراپ، ھەرىكەتلەنمەي، ئېقىپ كەتمەي تۇرىدۇ. ئوغۇلغا ھامىلىدار بولغان ئايالنىڭ ئەمچەك توپچىسىنىڭ ھارارىتى ئارتۇق بولىدۇ. ئانچە قارىداپ كەتمەيدۇ. ئۇ ئايالنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ تومۇرلىرى قىزىرىپ كېتىدۇ. قارىدىمايدۇ. ئوڭ تەرەپنىڭ تومۇرى قاتتىق تولۇپ، ئارقىمۇ ـ ئارقا سوقىدۇ. ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئوغۇلغا ھامىلدار بولغان ئايال ئورنىدىن قوپسا ئاۋۋال ئوڭ پۇتى ھەرىكەتلىنىدۇ، بۇ تەجرىبىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئورنىدىن تۇرسا ئوڭ قولىغا تايىنىدۇ. ئوڭ كۆزىنىڭ ھەرىكىتى يېنىكرەك ۋە تېزرەك بولىدۇ، ئوغۇل ھامىلە ئۈچ ئايدىن كېيىن ھەرىكەتلىنىدۇ. قىز ھامىلە تۆت ئايدىن كېيىن ھەرىكەتلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button