ئىنسانلار تەپەككۈرى بىلەن ھايۋانلار تەپەككۈرنىڭ پەرىقى
تەپەككۈر ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلارنى ئايريىدىغان بىردىن –بىر بەلگە ئەمەس، نۇرغۇن ئالىي دەرىجىلىك ھايىۋانلاردا ئاددى تەپەككۈر، بەلگىلىك ھېسسي ئىنكاس ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتدارى بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ مېڭسى بار .
ئادەملەر بىلەن ھايىۋانلار تەپەككۈرنىڭ پەرىقى
بىرىنچى، ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈرى ئېنىق مەقسەتچانلىققا ئىگە. ئىنسانلار ياشاش ،تەرەققىي قىلىش ،تېخىمۇ ياخشى ياشاش ئۈچۈن تەپەككۈر قىلىدۇ .ھايۋانلار ئاددي تەپەككۈرى بولسا كۆپىنچە تەبىئىي ئىنكاستىن بۇلۇپ ، مەقىسدى بولمايدۇ .ئايرىم ھايۋانلارنىڭ ئاددي ھىسپلاش ئىقتدارىمۇ ئىنسانلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت كۆندۈرشى تەربىيەلشى بىلەن بولغان .
ئىككنىچى، ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈرى ناھايتتى زور ئاڭلىقلىققا ئىگە ۋە كونتروللۇققا ئىگە . ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈر پائاليىتى ئىختيارى بولىدۇ .كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ .يەنى قايسى دەرىجىدە تەپەككۈر قىلش ، قايسى مەزمۇنلارنى تەپەككۈر قىلىش ئنساننىڭ ئۆز ئىختىيارىدا بولىدۇ . ئەمما ھايىۋانلارنىڭ رەتسىز ، ئاڭسىز بولىدۇ .
ئۈچۈنچى، ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈرىدا تىل بولىدۇ.تىل بولسا ئاۋازلىق تىل ۋە ئاۋازسىز چىراي ئىپادىسى ،بەدەن ھەركىتى قاتارلىقلارنىڭ ئۇچۇر بۇلۇپ ئىپادلىنشى بۇلۇپ ،تەپەككۈر تىل ئېلىپ ماڭغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بىۋاستە تەپەككۈر بۇلۇپ پششقلاپ ئشلىنىدۇ .ئەمما ھايۋانلارنىڭ تەپەككۈرىدا تىل يوق .
تۆتىنچى، ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈرى ئىجىتمائى پائالىيەتتۇر ، تەپەككۈر پەيدا بولغان ۋاقىتتا تەپەككۈر بىر خىل ئاددي جامائەت ھەركىتى بولغان ،ئەمما ھايۋانلارنىڭ تەپەككۈرىدا ئىجتمائى خاسلىق يوق .
بەشىنچى، ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈرىغا ۋارسلىق قىلغلى بولىدۇ . ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈرى ئېغىز ، قۇلاق ئارقىلىق تارقىلىدۇ ، شۇ دەۋىرىدە باشقىلارغا ، كېيىن بولسا كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا تارقىلىدۇ ، بۇ ئىنسانلار بىلىمىنىڭ توپلنىشنىڭ ئاساسى شەرتى . ھايۋانلار تەپەككۈرىدا بۇ خىل ئالاھىدىلىك يوق .
ئالتىنچى ، ئىنسانلار تەپەككۈرنىڭ تەرەقىياتى تىز ، تەپەككۈر ئۇسۇلى ئۆزلىكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ . تەپەككۈر ئۇسۇلىمۇ كۆپ خىل ،مەزمۇنى يېڭىلىنىپ بېيىپ تۇرىدۇ . تەپەككۈرنىڭ تەرەققياتنىڭ تېزلىكى ئىنسانلار بىلىمىنىڭ جۇغلانمىسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ .ھايۋانلارنىڭ تەپەككۈر تەرەقىياتنى ئىنسانلارنىڭكى بىلەن سېلشتۇرغاندا بىر ئىزدا توختاپ قالغان دېسەك توغرا بولىدۇ .