ئاساسىي نەزەرىيەسەھىپە ئايرىلمىغان
ئادەم بەدىنىگە ھۆللۈك پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر
ھۆللۈك پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر 10 خىل بولۇپ:
1) تەنھەرىكەت ياكى ئەمگەك قىلماي بىكار يېتىش ئارقىلىق يېگەن تاماق ھەزىم بولماي، ھۆللۈك پەيدا بولىدۇ؛
2) تولا ئۇخلاش؛
3) ئستىفراغ (چىقىرىش) قا ئادەتلەنگەنلەر ئارىدا بىراقلا تاشلىۋېتىش؛
4) سەپرانى كۆپ ئىستىفراغ قىلىش؛
5) قالايمىقان كۆپ تاماق يېيىش؛
6) دائىم مەست بولۇش؛
7) سۈت، قېتىق، شاپتۇلغا ئوخشاش ھۆل مېۋە ۋە ئوزۇقلۇقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش؛
8) قورساق توق ۋاقتىدا مۇنچىغا كىرىپ يۇيۇنۇش؛
9) ھاۋا كىلىماتى سوغۇق بولغان جايلاردا تۇرۇش؛
10) نورمال ھاۋالىق جايلاردا تۇرۇش.