ﻣﻪدەن ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى
ﻣﻪدەن ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯜز ﭘﻪﺳﻠﯩﺪە ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻳﯘﻳﯘپ، ﻗﯘرۇﺗﯘپ ﺋﻪﻳﻨﻪك ﻗﺎﭼﯩـلاردا ﺳﺎﻗـلاش ﻛﯧﺮەك. ﺳﺎﻗـلاﺷﺘﺎ ﻣﻪدەن ﺟﯩﻨﯩﺴﻠﯩﻖ دورﯨـلارﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﯩﻨﯩﺴﺘﯩﻜﻰ دورﯨـلار ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎرﯨـلاﺷﺘﯘرۇپ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ؛ ﺑﻪزى زەﮬﻪرﻟﯩﻚ دورﯨـلارﻏﺎ زەﮬﻪرﻟﯩﻚ دەپ ﺋﻪﺳﻜﻪرﺗﯩﺶ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﺎﮔﺎﮬـلاﻧﺪۇرۇپ ﻗﻮﻳﯘش ﻛﯧﺮەك. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن؛ ﺳﻪﻧﮕﯩﻴﺎ، زەرﻧﯩﺦ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘـلار.
دﯦﻤﻪك، ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﺘﻪ ﺋﺎددﯨﻴﺪەك ﻛﯚرۈﻧﺴﯩﻤﯘ، ﻛﻠﯩﻨﻜﯩﺪا ﻛﯧﺴﻪل داۋالاﺷﺘﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻢ رول ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪۇ.
ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك دورﯨـلارﻧﯩﯔ ﻗﯘۋۋەت ۋە ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن دورﯨـلار ﻛﻪﻧﺖ ۋە ﺑﺎﻏـلاردﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن دورﯨﻠﺮﻏﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ﮬﻪم ﺗﻪﺳﯩﺮى ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﻗﯘرۇق، ﺋﯧﮕﯩﺰ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ زﯦﻤﯩﻨـلاردﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎن دورﯨـلارﻧﯩﯔ ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ۋە ﺗﻪﺳﯩﺮى ﻧﻪم، ﭘﻪس، ﻳﯘﻣﺸﺎق زﯦﻤﯩﻨـلاردﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎن دورﯨـلارﻧﯩﯔ ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ۋە ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﻛﯜﭼﻠﯜك ۋە ﺋﺎرﺗﯘق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺧﺎم دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﺳﺎﻗـلاﺷﻘﺎ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮەك، ﺋﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪا دورﯨـلارﻧﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ، داۋالاش ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ.