ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺧﺎم دورﯨﻠﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى
ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺧﺎم دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻧﺒﻪدﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﯩﯔ ﺗﯜرﯨﻤﯘ ﻛﯚپ، ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﻮرﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ئۆز ۋاﻗﺘﯩﺪا، ﺋﯚز ﭘﻪﺳﻠﯩﺪە ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﮬﻪﻣﺪە ﺳﺎﻗـلاﺷﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﻪرﻣﯩﺴﻪ، ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺗﯚۋەﻧﻠﻪپ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ ﺧﺎم دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﺳﺎﻗـلاﺷﺘﺎ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟـلارﻏﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮەك.
ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﯩﯔ ﺗﯜرى ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘپ، دورﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻤﯘ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
1) ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎق، ﮔﯜل – ﭼﯧﭽﻪك ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ
ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎق، ﮔﯜل – ﭼﯧﭽﻪك ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﺎ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﺋﻮﺑﺪان ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎق، ﮔﯜل – ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮى ﭘﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚزﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ، ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﭘﯘرﯨﻘﻰ، رەﯕﮕﻰ، ﺗﻪﻣﻰ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﮬﯘﺷﻴﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﺎرﯨـلاﺷﻤﺎ ﻣﺎددﯨـلارﻧﻰ ﺗﺎزﯨـلاپ، ﻳﯘﻳﯘپ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻨﯩﺪۇ.
ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎق، ﮔﯜل – ﭼﯧﭽﻪك ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻗﯘرۇﺗﯘﺷﺘﺎ، ﺳﺎﻳﯩﺪا، ﮬﺎۋا ﺋﯚﺗﯜﺷﯜپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﭘﺎﻛﯩﺰە ﺋﻮرۇﻧﺪا ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﻗﯘرۇﺗﯘش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﭼﺎڭ – ﺗﻮﭘﯩـلاردﯨﻦ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎرﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﻪﻛﻤﯘ زۆرۈر.
ﺑﻪزى ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎق، ﮔﯜل ۋە ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﻪر ﺑﺎرﻛﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯘۋۋﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﺘﺎپ زەرەر ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎق، ﮔﯜل – ﭼﯧﭽﻪك ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎز ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﻗﻴﯘپ ﻗﯘرۇﺗﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎق، ﮔﯜل – ﭼﯧﭽﻪك ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﺳﺎﻗـلاﺷﺘﺎ، دورﯨـلار ﺋﻮﺑﺪان ﻗﯘرﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻧﻪﻣﻠﯩﻚ ۋە ﮬﯚﻟﻠﯜﻛﺘﯩﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺟﺎﻳﺪا ﭘﺎﺧﺘﺎ رەﺧﺘﺘﯩﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎرلاﻧﻐﺎن ﺗﺎﻏﺎر ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﭘـلاردا ﺳﺎﻗـلاش ﻛﯧﺮەك. ﺋﯚﺗﻜﯜر ﻛﯜن ﻧﯘرى ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎن ﺟﺎﻳﺪا ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، رەﯕﮕﻰ، ﭘﯘرﯨﻘﻰ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك.