ئاساسىي نەزەرىيەسەھىپە ئايرىلمىغان

ماددىسىز باش ئاغرىقى

ماددىسىز باش ئاغرىقى ئەرەبچە سوۋدائ سازەج دېيىلىدۇ. ئۇ ماددىسىز ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى ۋە ماددىسىز سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

 (1). ماددىسىز ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى- بۇنىڭ سەۋەبى ئىككى خىل بولىدۇ:

ئىچكى سەۋەب: زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكنى يېيىش، زىيادە ئىسسىقلىقنىڭ تەسىر قىلىشى.

تاشقى سەۋەب: سىرتىدىن ئىسسىقلىقنىڭ تەسىر قىلىشىدىن ۋە ئىسسىق تەبىئەتلىك مايلارنى سۈركەشتىن پەيدا بولىدۇ.

ئالامىتى: باش لوقۇلداپ ئاغرىش، ئېغىز، بۇرۇن قۇرۇش، بەزى ئادەملەردە ئۇسسۇزلۇق پەيدا بولۇش، سوغۇق ھاۋا ۋە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەردىن راھەتلىنىش.

بەدەن بەلگىسى: باش ۋە پېشانە قىسمى قىززىق بىلىنىدۇ.

دېئاگنوزى: كېسەللىك تارىخىنى سۈرۈشتۈرگەندە، سەۋەب ۋە ئۇچراشقان تارىخى بولىدۇ. ھەم ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

سېلىشتۇرما دىئاگنوزى: قاندىن ۋە سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى بىلەن سېلىشتۇرۇلىدۇ.

داۋالاشتا: سوۋۇتۇش چارىسى قوللىنىلىدۇ.

ئاق سەندەلنى سىركە بىلەن تاشقا سۈركەپ باشقا چاپسا باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ؛ بىنەپشە، كافۇر، كۆك ئالمىنى پۇرىسا باش ئاغرىققا پايدا قىلىدۇ؛ گۈل يېغىنى بۇرۇنغا تېمىتسا باش ئاغرىققا پايدا قىلىدۇ؛ قاپاق مېغىزىنى شېكەر سۈيىدە ھالۋا ئېتىپ بەرسىمۇ پايدا قىلىدۇ.

ئوزۇقلاندۇرۇشتا: قاپاق ئېشى ئېتىپ بېرىلىدۇ ھەم ھۆل ئوتياشلاردا غىزا تەييارلاپ بېرىلىدۇ.

پەرھىزى: ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

 (2). ماددىسىز سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى

ئىچكى سەۋەب: سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش.

تاشقى سەۋەب: سوغۇقلۇقنىڭ تەسىر قىلىشى.

ئالامىتى: باش ئاغرىش، ئىسسىق ھاۋا ياكى ئىسسىق تەبىئەتلىك نەرسىلەردىن راھەتلىنىش.

بەدەن بەلگىسى: باش سوغۇق بىلىنىدۇ، باش ئېغىر بولىدۇ.

دىئاگنوزى: كېسەللىك تارىخىدا سەۋەب بىلەن ئۇچراشقانلىق تارىخى بولىدۇ ھەم ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

داۋالاش: ئىسسىق ئۆتكۈزۈش يەنى كېپەك ۋە تۇزنى قىزىتىپ تېڭىش؛ سەۋسەن يېغى، ياسىمەن يېغى سۈركەش؛ زىغىر، سەرپىستان، ئەنجۈر، تەرەنجىبىن بىلەن كاشكاپ تەييارلاپ بېرىلىدۇ.

ئوزۇقلاندۇرۇشتا: شورپا، كەكلىك، پاختەك، باچكا گۆشىنى يېيىش.

پەرھىز: سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىك ۋە ئىچمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ

.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button