روھسەھىپە ئايرىلمىغان

روھ  ( ئەرۋاھ )

روھ –تەبىئىي خىلىتلارنىڭ لەتىف ئۇچۇچان قىسىمى بىلەن ھاۋايى نەسمى ( ساپ ھاۋا) نىڭ بىرىكىشىدىن يۈرەك سول قېرىنچىسىدا پەيدا بولىدىغان، قۇۋۋىتى ھايۋانىنىڭ مىقدارچىسى بولۇپ، ھەرگىزمۇ پەلسەپەۋىي كىتابلاردا ئېيتىلغان ‹‹ئاڭ›› ‹‹ جان›› ‹‹ روھ›› دېگەن ئاتالغۇلار بىلەن ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئەمەلىي ماددا ئۆز ئىچىگە ئالغان بىئوخېمىيىلىك ئېنىرگىيەدىن ئىبارەت بولۇپ، روھىي ھايۋانى، روھى نەپسانىي، روھىي تەبىئىي دىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولۇپ، ئۇلار ئاۋالقى روھلار دەپ ئاتىلىدۇ.

ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقانداق رەئىس ياكى خادىمىي ئەزالارنىڭ ھەممىسىدىكى فىزىئولوگىيلىك خىزمەتلەر مەلۇم روھلارنىڭ تۈرتكىسىدە پەيدا بولغان قۇۋۋەتلەر ئارقىلىق بېجىرىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button