ھېسسىيات، ئەقىل
ئەقىل
تەپەككۇرنىڭ جەريانى ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى توغرىسىدا سېلىشتۇرۇش، تەھلىل قىلىش، يەكۈنلەش خۇلاسىلەش ئارقلىق ھاسىل بولغان ئەقلىي بىلىشنىڭ كونكرېت جەريانى ــــ ئەقلى دېيىلىدۇ.
ئەقىل ــــ تەپەككۇرنىڭ مەركىزىدە بولىدۇ. تەپەككۇر قۇۋۋىتى ئارقىلىق بېجىرىلىدۇ. ئەقىل ئاڭ سىستېمىسىدىكى پائالىيەت.
ھېسسىيات
شەيئىلەرگە قارىتا ھەر كۈنى ۋە ئوبيېكتىپ دۇنياسىغا بولغان تونۇشقا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھېسسىيات دەپ ئاتىلىدۇ.
ھېسسىيات كۆپىنچە ئەقلىي بىلىشتىن كېيىن شەكىللىنىدىغان بىر خىل پائالىيەت شەكلى. ئورنى تەپەككۇر مەركىزىدە.
ھېسسىياتنىڭ تۈرلىرى
ھېسسىيات بەش تۈرلۈك بولىدۇ.
(1) ھېسسىياتنىڭ كۈچۈنۈشى: شەيئىلەرنىڭ ئاكتىپ تەرەپلىرىدىكى ئىنكاسىغان قارىتا ھەرىكەت ھالىتى ۋە پوزىتسىيىسىدىن ئىبارەت.
(2) ھېسسىيات سۇسلىشىش: شەيئىلەرنىڭ پاسسىپلىق تەرەپلىرىدىكى ئىنكاسلىرىغا قارىتا ھەرىكەت ھالىتى ۋە پوزىتسىيىسىدىن ئىبارەت.
(3) ھېسسىياتنىڭ تۇراقسىز بولۇشى: شەيئىنىڭ ئاكتىپلىق ۋە پاسسىپلىق تەرەپلىرىدىكى ئىنكاسى بولسۇن، ئۇنىڭغا قارىتا داۋالغۇشتىن ئىبارەت.
(4) ھېسسىياتنىڭ تېرىككەكلىك ھالىتى: تەكرارلانغان ئىنكاسلارغا قارىتا قوپال ھالەتتىكى ھەرىكەت ھالىتى ۋە پوزىتسىيىسى ياكى ئىنكاسلارغا قارىتا نوقۇللۇق خاراكتېرىدىكى ھەرىكەت ھالىتىدىن ئىبارەت.
(5) كەيپىيات ئېشىش خاراكتېردىكى ھېسسىيات يۇقىرىلاش
ئىرادە:
مەلۇم ئوبيېكتىپ ئىنكاسلارغا قارىتا ئۇنىڭ ئايرىم تەرەپلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلىش ۋە ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى بويسۇندۇرۇش جەريانىدىن ئىبارەت. مەلۇم مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن پەيدا بولغان مېڭىدىكى ھەرىكەت ھېسسىيات ئىرادە دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىرادە ئۈچ تۈرلىك بولىدۇ.
1) ئىرادىنىڭ كۈچىيىشى؛ 2) ئىرادىنىڭ تۆۋەنلىشىشى؛ 3) ئىشارەتچىلىكنىڭ ئېشىشى.
قۇۋۋىتى ھىمە (گۇمان قىلىش كۈچى)
ھاسىل بولغان ئەقلىي بىلىشنىڭ ياكى ئەقلىي بىلىش ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ زىيانلىق تەرىپىدىن قوغدىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىدىن ئاكتىپلىق بىلەن پايدىلىنىش خىزمەتلىرىنى بېجىرگۈچى قۇۋۋەت ــــ گۇمان قىلىش قۇۋۋىتى دەپ ئاتىلىدۇ.
مەسىلەن: ئوتنىڭ بەدەننى كۆيدۈرۈپ زەخىملەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇش قاتارلىقلار.
ئورنى: چوڭ مېڭە پوستلاق ئاستى تەپەككۇر قۇۋۋىتىنىڭ ئارقا تەرىپىدە.
قۇۋۋىتى ھاپىزە (ئەستە ساقلاش قۇۋۋىتى)
تەپەككۇر جەريانى ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئايرىم خۇسۇسىيەتلەر ياكى بىر قانچە خۇسۇسىيەتلەر توغرىسىدىكى ئەقلىي چۈشەنچىلەر ۋە ئەقلىي بىلىش قاتارلىق تۇيغۇلارنى ساقلاش پائالىيىتى ــــ ئەستە تۇتۇش دېيىلىدۇ.
ئەستە ساقلاش پائالىيىتى ئەستە ساقلاش قۇۋۋىتى ئارقىلىق بېجىرلىدۇ.
ئورنى: چوڭ مېڭە پوستلاق ئاستى ئارقا قىسمىغا جايلاشقان.
تەپەككۇر ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئەقلىي خۇلاسىلەرنى كېيىنكى پائالىيەتلەر ئۈچۈن ۋاقىتلىق مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدا ساقلاش پائالىيىتى ــــ ئەستە ساقلاش دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەستە ساقلاش ئۈچ تۈرلۈك جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1) ئەستە ساقلاشنىڭ كۈچىنىشلىكى: ھاسىل بولغان ئەقلىي خۇلاسىلەرنىڭ تەپەككۇرنىڭ مۇكەممەل ھالىتى ئۈچۈن قايتا سەرپ قىلىنىشىدۇر.
2) ئەستە ساقلاشنىڭ كەمتۈكلۈكى: ھاسىل بولغان ئەقلىي خۇلاسىلەر ئىچىدە مۇلۇم قىسىملارنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىش ھالىتىدۇر.
3) مول تەسەۋۋۇر خاراكتېرلىك ئەستە ساقلاش: ئەقلىي خۇلاسىلەردىن پايدىلىنىپ خىيال ۋە تەپەككۇر پائالىيىتىنى قايتا بېجىرىش ئارقىلىق ئەستە ساقلاش پائالىيىتىدىكى بېجىرىلىشىدىن ئىبارەت.
تەسەۋۋۇر:
ئەستە تۇتۇش قۇۋۋىتى ئارقىلىق ساقلانغان ئەقلىي چۈشەنچىلەرنى قايا ئەسلەشكە خىيال قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق شەكىللەرنى قايتا ئىنكاس قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئەقلىي پائالىيەتنىڭ نامى ــــ تەسەۋۋۇر قىلىش دېيىلىدۇ. تەسسەۋۋۇر تەپەككۇر قۇۋۋىتى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. تەسەۋۋۇر ئۈچ خىل جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1) سېلىشتۇرۇش تەسسەۋۇرى: ھازىرقى ئىنكاسلارغا قارىتا ئۆتكەنكى ئەقلىي خۇلاسىگە قايتىش ئارقىلىق شەيئىي ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىدۇر.
2)تەسسەۋۋۇر كىچىكلەش: ئوبيېكتىپ شەيئىلەر توغرىسىدا ھاسىل بولغان ئەقلىي خۇلاسىلەردىن مۇكەممەل پايدىلىنالماسلىق ھالىتى: تەسەۋۋۇرنىڭ كىچىكلەش ھالىتى دېيىلىدۇ.
3) تەسسەۋۋۇر كۈچۈنىش: بۇرۇنقى ئەقلىي خۇلاسىلەردىن پايدىلىنىپ شەيئىلەر توغرىسىدا ئوخشىمىغان ھېسسى بىلىشلەرنى شەكىللەندۈرۈش ھالىتىدىن ئىبارەت.
دىققەت كۈچى:
كىشىلەرنىڭ روھىي پائالىيەت جەريانى بەلگىلىك نىشاننى تاللانغان ھالدا مەركەزلىشىشى ــــ دىققەت كۈچى دېيىلىدۇ.
دىققەت كۈچى قوغدىنىش كۈچىنىڭ بىر خىل پائالىيەت جەريانى. دىققەت پائالىيىتى ئەستە ساقلاش، گۇمان قىلىش مەركىزىدە.
دىققەت كۈچىنىڭ تۈرلىرى
1) دىققەت كۈچى كۈچىنىش: شەيئىلەرنىڭ ئاكتىپلىق ياكى خاس پاسسىپلىق ئىنكاسلىرى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت.
2) مۇھىتقا قاراپ كۈچىنىش: پاسسىپلىق ۋە ئاكتىپلىق ئىنكاسلاردىن ئەتراپلىق پايدىلىنىش ھالىتىدۇر.
3) دىققەت كۈچىنىڭ سۇسلىشىشى: شەيئىلەرنىڭ خاس بىرلا تەرىپىدىكى ئارتۇقچىلىقىغا قارىتا نىشان، بەلگىلىيەلمەسلىك ھالىتىدىن ئىبارەت.
4) دىققەت دائىرىسى تارىيىشى: ئىنكاسلارغا قارىتا نىشان تۇتۇقلىشىش ھالىتىدىن ئىبارەت.
كەيپىيات
مەلۇم ئوبيېكىتىپ ئىنكاسلار توغرىسىدا ھاسىل بولغان روھىي قىياپەت ئۆزگىرىشى ۋە بىلدۈرگەن ئىپادىسى ــــ كەيپىيات دېيىلىدۇ.
كەيپىيات ھېسسيات ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
كەيپىياتنىڭ جەريانى ۋە تۈرلىرى ھېسسىيات بىلەن ئوخشاش. شۇڭا كەيپىياتمۇ بەش تۈرلۈك بولىدۇ.