سەھىپە ئايرىلمىغانقۇۋۋەت

تەپەككۇرنىڭ تۈرلىرى

1) ئىجادىيەت شەكلى: مەلۇم شەيئى تورىسىدا مۇكەممەل ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ۋە ئۇنىڭدىن ئاكتىپلىق بىلەن پايدىلىنىش ھالىتىنى بىلدۈردىغان تەرىپى ــــ ئىجادىيەت تەپەككۈرى دېيىلىدۇ ياكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇر بولمىغان ئەقلىي خۇلاسىلەرنى ھاسىل قىلىش جەريانى.
2) تەپەككۇرنىڭ كۈچىنىشى: شەيئىنىڭ بىر نەچچە خۇسۇسىيىتىنىڭ ئاكتىپ تەرىپىنى سۇبيېكتىپ ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەپەككۇر پائالىيىتىدىن ئىبارەت.
3) تەپەككۇرنىڭ بۆلىنىشى: مەلۇم شەيئىنىڭ بىر ياكى بىر قانچە ئىنكاسلىرى توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلارنى چىقىرىش (روھىي كېسەللەردە كۆرۈلىدۇ) بىر ئىنكاسنىڭ ياكى بىر قانچە ئىنكاسنىڭ تەپەككۇر جەيانىنىڭ ئەقلىي بىلىشكە يىتىلمىگەن ئوخشاش ھالىتىدىن ئىبارەت.
4) تەپەككۇرنىڭ چېكىنىشى: شەيئىنىڭ بىر قانچە تەرەپلىرىدىن ئوخشاش بولمىغان يەكۈن چىقىرىش ۋە ئۇنىڭدىن توغرا يەكۈن چىقىرالماسلىق ھالىتى ــــ يەنى ئەقلىي بىلىشنىڭ چېكىنىشى ۋە كامالەتكە يېتەلمەسلىكى؛ مەسىلەن: شەيئىنىڭ بىر قانچە خىل خۇسۇسىيىتىنى بىلىش ئۇنىڭ ئوبيېكتىپ ماھىيىتىنى تونۇپ ئالالماسلىق.
5) تەپەككۇرنىڭ كەمتۈكلۈكى: بۇ تەپەككۇرنىڭ داۋالغۇشى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ چوڭ مېڭە پائالىيىتىدىكى ھېسسىي بىلىش پائالىيىتىنىڭ ئىنكاسچانلىقىنىڭ تەرتىپسىزلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
6) مەجبۇرى چۈشەنچە: كۆپ ھاللاردا تەپەككۇرنى مەلۇم ئەقلىي خۇلاسىلەر توغرىسىدا مەجبۇرىي چىقىرىلغان ئەقلىي بىلىش ياكى مەلۇم ئەقلىي خۇلاسىلىرىگە بېقىنىش خاراكتېرلىك ئەقلىي بىلىش.
7) توختاپ كېتىش خاراكتېرلىك تەپەككۇر: تەپەككۇرنىڭ مۇكەممەللىشىش شەكلىدىن ئىبارەت. ئىنكاس قىلىنغان شەيئىنىڭ ئەقلىي يەكۈنلىرىنى بۇرۇنقى ئەقلىي يەكۈن بىلەن سېلىشتۇرۇش، خۇلاسىلەش، يەكۈن ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدىغان مۇكەممەل ئەقلىي خۇلاسە.
8) تار مەنىدىكى تەپەككۇر: شەيئى ئىنكاسىنىڭ بىرلا تەرىپى توغرىلىق ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش.
9) تەپەككۇرنىڭ خام − خىيال شەكلى: كىلىنكىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان جەريان بولۇپ، روھىي كېسەللەردە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىنكاس قىلىنغان ئەقلىي يەكۈنلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەپەككۇرنىڭ ئەقلىي يەكۈندىن چەتنەش خاراكتېرلىك شەكلى.
بۇ تۋەندىكىدەك يەتتە خىل بولىدۇ:
① زىيانكەشلىككە ئۇچراش خام – خىيالى؛
② باشقۇرۇش خام – خىيالى؛
③گۇمانلىنىش خام – خىيالى؛
④ كۈنلەش خام – خىيالى؛
⑤ مەپتۇن قىلىش خام – خىيالى؛
⑥ مۇناسىۋەت خام – خىيالى؛
⑦ جىنايەتلىك خام – خىيالى؛ قۇۋۋەت ھەققىدە چۈشەنچە

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button