سەھىپە ئايرىلمىغانقۇۋۋەت

قۇۋۋەتلەرنىڭ تۈرلىرى

قۇۋۋەتلەر ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بىرلەمچى قۇۋۋەت (ئولا)، ئىككىلەمچى قۇۋۋەت (سانىيە) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. 

ئاۋۋالقى كۈچلەر ئۆزىنىڭ مەركىزىي ئورنى، خىزمەت تەقسىماتىغا ئاساسەن ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ.
1. قۇۋۋىتى ھايۋانىي (ھاياتلىق كۈچى) ئورنى يۈرەكتە.
2. قۇۋۋىتى نەپسانىي (سەزگۈ – ھەرىكەت كۈچى) ئورنى مېڭىدە.
3. قۇۋۋىتى تەبئىي (تەبئىي كۈچلەر) ئورنى جىگەردە.
ئەگەر يۇقىرىقى ئۈچ خىل كۈچتىن بىرەرسى ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ئىشلەشتىن توختىسا، ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ كۈچلەرنى ئالدىنقى كۈچ، بىرلەمچى كۈچ ياكى قۇۋۋىتى ئۇلا دەپ ئاتايمىز. قۇۋۋىتى سانىيە بولسا مۇشۇ بىرلەمچى قۇۋۋەتلەر مەۋجۇت بولغاندا ئاندىن مەۋجۇت بولىدىغان كېيىنكى كۈچ ئىككىلەمچى كۈچتۇر.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button