ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﻪﻟﻐﻪم ﺧﯩﻠﯩﺘﻰ
ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﻪﻟﻐﻪم ﺧﯩﻠﯩﺘﻰ ﺑﻪدەﻧﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪن ﺋﻮزۇﻗﻠﯘﻗـلار ۋە ﮬﯚﻟﻠﯜﻛﻠﻪردﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﻐﺎن، ﭘﯜﺗﯜن ﺑﻪدەﻧﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﻪزا ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻠﯩﺮى ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗـلاردا ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺗﯘﺧﯘم ﺋﯧﻘﯩﺴﯩﻤﺎن ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘق ﺑﻮﻟﯘپ، ﺟﯩﮕﻪردە ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ زاﭘﺎس ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯚﭘﻜﯩﺪە ﮬﻪر ﺑﻪدەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗـلاردا ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪۇ.
ﺑﻪﻟﻐﻪم ﺧﯩﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﮬﯚل ﺳﻮﻏﯘق ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﮬﯚﻟﻠﯜﻛﻰ ۋە ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮزۇق ﻣﺎددﯨﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯜﺗﯜن ﺑﻪدەﻧﮕﻪ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ روﻟﻰ داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪە ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻮزۇﻗﻠﯘق ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮى، ﺳﻪﭘﺮاﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯚﺗﻜﯜر ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻣﺎددﯨـلارﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﯩﻠﯩﺘـلارﻧﻰ ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﻪ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﺎرﭼﯩـلاپ، ﺑﯘزۇﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗـلاﻳﺪۇ ۋە ﺋﺎدەم ﺑﻪدﯨﻨﯩﺪە ﻏﻪﻳﺮى ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪر ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ. ﺳﻪۋداﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﭼﯚﻛﻤﻪ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺧﯩﻠﯩﺘﻠﺮﻧﯩﯔ ﺗﻮﺧﺘﺎۋﺳﯩﺰ ﻳﯜرۈﺷﯜپ، ﺑﻪدەﻧﻨﯩﯔ زۆرۈر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻪدەر ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮرۇن ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﯩﻖ رول ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪۇ. ﻳﯜرەك ﻗﯧﭙﻰ، ﻛﯚﻛﺮەك ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ، ﺑﻮﻏﯘم ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜزۈك ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘق (ﺑﻪﻟﻐﯩﻤﻰ زوﺟﺎﺟﻰ) لارﻣﯘ ﺑﻪﻟﻐﻪم ﻣﺎددﯨﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﯘلار، ﺑﯘ ﻳﻪرﻟﻪردە ﺳﯜرﻛﯩﻠﯩﺶ، ﻏﯩﺪﯨﻘﻠﯩﻨﯩﺸـلارﻧﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ روﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪۇ.
ﺑﻪﻟﻐﻪم ﺧﯩﻠﯩﺘﻰ ﭘﯜﺗﯜن ﺑﻪدەﻧﻨﻰ ﮬﯚﻟﻠﻪﺷﺘﯜرۈپ، ﻳﯘﻣﺸﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ، ﺑﻪدەﻧﮕﻪ ﺋﻮزۇﻗﻠﯘق ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﯩﮕﻪﻧﺪە ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎن ۋە ﺑﻪدەن ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﯩﺮى ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا، ﻗﺎﻧﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜپ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪۇرﯨﺪۇ. ﻗﺎﻧﻐﺎ ﺷﯩﺮە ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪزالارﻧﻰ ﮬﯚﻟﻠﻪﺷﺘﯜرۈﺷﯩﻪە ﻳﺎردەم ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﻪﻟﻐﻪم ﺧﯩﻠﯩﺘﻰ ﺋﯚزى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜرﮔﻪن ﺳﻪﭘﺮا، ﻗﺎن، ﺳﻪۋدا ﺧﯩﻠﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻮزۇﻗﻠﯘق ﻣﺎددﯨـلارﻧﻰ ﺑﻪدەﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ۋە ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜزۈش، ﺋﯘ ﻳﻪردﯨﻜﻰ ﻣﺎددا ۋە ﻗﯘۋۋەت ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺶ ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯧﺮەﻛﺴﯩﺰ، ﺗﺎﺷـلاﻧﺪۇق ﻣﺎددﯨـلارﻧﻰ ﺋﯚزى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯧﻘﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻧﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ، ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟـلار ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻪدەن ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ رول ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪۇ. ﺑﻪﻟﻐﻪم ﺧﯩﻠﯩﺘﻰ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪت ۋە ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ «ﺳﯘ» ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺳﯘ ﻣﺎددﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪدەﻧﺪﯨﻜﻰ ۋەﻛﯩﻠﻰ دەپ ﺗﻪرﯨﭙﻠﯩﻨﯩﺪۇ.
ﺑﻪﻟﻐﻪم ﺧﯩﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﭘﯧﺸﻘﻪدەم ﮬﯚﻛﯜﻣﺎﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﯩﺸﻤﯩﻐﺎن ۋە زۆرۈر ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻧﺪا ﻗﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺧﺎم ﻗﺎن دەپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎن.
ﺑﻪﻟﻐﻪم ﺧﯩﻠﯩﺘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﯩﺰاﺟﻰ ﮬﯚل ﺳﻮﻏﯘق ﺑﻮﻟﯘپ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻣﯘﻧﺪاق ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮاﻳﻰ، ﻛﯚز ﺋﯧﻘﻰ ۋە ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜزى ﺋﺎق ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺑﻪدﯨﻨﻰ ﺑﻮش، ﺧﺎم ﺳﯧﻤﯩﺰ، ﺋﯧﻐﯩﺮ – ﺑﯧﺴﯩﻖ، ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﻰ ﻛﯚﭘﺮەك، ﺋﯧﻐﯩﺰدﯨﻦ ﺷﯚﻟﮕﻪي (ﺷﺎﻟﯟات) ﺋﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺗﻮﻣﯘرى ﭼﻮڭ، ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪۇ. ﺳﯜﻳﺪۈﻛﻰ ﻛﯚپ، رەﯕﮕﻰ ﺋﺎق ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر «ﺑﻪﻟﻐﻪم ﻣﯩﺰاﺟﻠﯩﻖ» ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪۇ.