تۇپراق ھەققىدەسەھىپە ئايرىلمىغان

تۇپراقنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى 

سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سېستىمىسىدىكى ئەزالارنىڭ شەكلى خىزمىتىگە ناھايتى ماسلاشقان، ئۇنداق شەكىلدە بولىشى يەنىلا تۇپراقنىڭ شەكىل ساقلاش رولىدىن بولغاندۇر. بۆرەكنىڭ سۈزۈش شارچە ھەم نەيچىلىرىمۇ مۇئەييەن تېرەڭلىككە ئىگە بولۇپ، بۇنى ساقلىغۇچى دەل تۇپراقتۇر. ئۇندىن باشقا تۇپراق ئۇ سېستىمىدىكى ئەزالارنى بىر ماددا سۈپىتىدە تۈزىدۇ. ھەم مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ. بۆرەكتە تۆت قۇۋۋەتنىڭ ھەممىسى بار. لېكىن نورمال خىزمىتىدە جازىبە ۋە دافىئە قۇۋۋىتى ئالاھىدە رول ئوينىغان بولغاچقا، بۇ قۇۋۋەتنىڭ نورماللىقىنى ساقلىغۇچى يەنىلا تۇپراقنىڭ كەيپىياتىدۇر .

ھەكىم مۇھەممەت ئەكبەر ئەرزانى ‹‹ مۇپەررىھۇل قۇلۇب ›› ناملىق كىتابىدا ئەزالاردا بولىدىغان تۆت خىل قۇۋۋەت توغرىسىدا سۆزلەپ ‹ سۈمۈرۈش قۇۋۋىتى بىلەن ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى كۆپىنچە ھۆل سوغۇق كەيپياتتىن ئاجىزلىشىدۇ، تۇتۇش قۇۋۋىتى ھۆللۈك سەۋەبىدىن ئاجىزلىشىدۇ. چىقىرىش قۇۋۋىتى قۇرۇقلۇق سەۋەبىدىن ئاجىزلىششىدۇ › دەيدۇ . 

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى تۇپراقتىكى قۇرۇقلۇق بۆرەكنىڭ سۈزۈش ئىقتىدارىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۆرەك خىزمىتىگە ماسلاشقان ئاساسىي قۇۋۋەتلەر چىقىرش قۇۋۋىتى بىلەن تۇتۇش قۇۋۋىتى، يەنى بۆرەك قاندىكى بۇزۇق ماددىلارنى چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنى سۈزىدۇ. (دىئالىز قىلىدۇ) بۇزۇق ماددىلارنى چىقىرىشى دافىئە قۇۋۋىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. تۇتۇش قۇۋۋىتى بىرخىل ۋاستىچى قۇۋۋەت بولۇپ سۈزگۈچى نەيچىلەردىن ۋە بۆرەك شارچىلىرىدىن ئۆتەلمىگەن ماددىلارنى (ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ) چىقارماي تۇتۇپ قېلىشى، توسۇپ قېلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىغان قارىتىلغان. لېكىن بۆرەكنىڭ ئۆزىدە سۈمۈرۈش قۇۋۋىتى ناھايتى ئاجىز بولىدۇ. بۇنداق بولىشى قان جىگەردىن بۆرەككە بۆرەكنىڭ سۈمۈرۈش كۈچى سەۋەبىدىن ئەمەس جىگەرنىڭ دافىئە يەنى چىقىرش كۈچى سەۋەبىدىن مەجبۇرى كېلىدۇ. بۇنداق بولىشى يەنىلا ئۇنىڭدىكى تۇپراقنىڭ رولىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مانا بۇ تۇپراقنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت. 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button