تۇپراقنىڭ كۆپىيىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
كۆپىيىش سېستىمىسى ئىنساننىڭ نەسلىنى داۋام قىلغان سېستىما بولۇپ تۇپراقنىڭ ئۇ سېستىمىدىكى ئەزالار بىلەن تۆۋەندىكىدەك مۇناسىۋىتى بار .
تۇپراق كۆپىيىش سېستىمىسىدىكى ئەزالارنى بىر ماددا سۈپىتىدە تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. بىز يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك تۆت چوڭ ماددا بىر بىرىگە بولغان ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ۋە نىسبى تەسىرلىرى ئارقىلىق ئۆز ئارا تۇتىشىپ ئالەم جىسىملىرى ۋە ئادەم بەدىنىدىكى ھەممە ئەزالارنى تۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى نورمال فىزىئولوگىيلىك خىزمىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئەۋلادنىڭ ئەجدادقا ئوخشاش ئۇدۇم (ئېرسىيەت) ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىشتا روھ قۇۋۋەت ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە دەپ تەرىپلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۇدۇم ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا ھەكىم سۇلتان ئەلى ‹‹ دەسترولئىلاج ›› ناملىق كىتابىدا، ‹ مەنىي ۋە تۇخۇمدا پۈتكۈل ئەزالارنىڭ قۇۋۋىتى بار، شۇڭا ئۇلار ئەۋلادنىڭ پۈتكۈل ئەزالىرىنى ئەجدادقا خاس شەكىللەندۈرىدۇ › دەپ بايان قىلغان. يەنى ئۇلارنىڭ شۇنداق ئۇدۇم ھالەتتە ساقلىنىشى تۇپراق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى تۇپراق ‹‹ ھەرقانداق ماددىنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلىغۇچى بىردىنبىر ماددىدۇر ››. كۆپىيىش سېستىمىسى ئادەم بەدىنىدىكى ئىقتىدار ۋە تۈزۈلۈش جەھەتتىن باشقا سېستىمىلارغا قارىغاندا ئالاھىدە سېستىما بولۇپ ئۇنىڭ شۇنداق بولىشى باشقا ماددىلارنىڭ ‹‹ خەمىرە ۋە نېرۋىلارنىڭ›› تەڭشىشى ئاستىدا بولىدۇ. بولۇپمۇ نېرۋىلارنىڭ تەڭشىشى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ يەنىلا نېرۋا خىزمىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇ يەنىلا بەدەندىكى تۇپراقنىڭ زاھىرى بولغان سەۋدا خىلىتىنى تەڭشىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان رولىدىن ئىبارەت . كۆپىيىش ئەزالىرى ئاجرىتىپ چىقارغان ھەرخىل خەمىرەلەر يەنىلا تۇپراق خۇسۇسىيەتلىك ئېلمىنتلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
ئومۇملاشتۇرپ ئېيتقاندا، تۇپراق كۆپىيىش سېستىمىسىدىكى ئەزالىرىنى بىر ماددا سۈپىتىدە تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ.ھەم ئەۋلادنىڭ تۇراقلىق داۋاملىششىدا ئۇنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلايدۇ. ھەم ئۇ سېستىمىدىكى ئەزالارنىڭ فىزىئولوگىيلىك خىزمىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ. مانا بۇ تۇپراقنىڭ كۆپىيىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت .