تۇپراقنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىس بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
ھەزىم قىلىش سېستىمىسىغا تەئەللۇق ئەزالار ، ئېغىزدىن تارتىپ تاكى مەقئەتكىچە بولغان ئەزالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ئۇلارنىڭ شەكىل ھالىتى يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا ئالاھىدە ماسلاشقان. بۇنىڭ شەكىل ھالىتىنى شۇنداق خىزمەتكە ماسلاشتۇرغىنى تۇپراقتۇر. ھەكىم مۇھەممەت ئەكبەر ئەرزانى ‹‹ مۇپەررىھۇل قۇلۇب ›› ناملىق كىتابىدا ‹ سەۋدا خىلىتى ئاشقازاننىڭ كىرىش ئېغىزىغا قويۇلۇپ ئىشتىھا پەيدا قىلىدۇ. چىقىش ئېغىزىدا قويۇلۇپ ئاشقازان چىقىش ئېغىزىنىڭ ئېچىلىشىنى پەيدا قلىدۇ › دەيدۇ .
تۇپراق ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. ھەزىم قىلىش ئەزالىرىدىن تۇپراق بىلەن مۇناسىۋىتى ئەڭ قۇيۇق بولغان ئەزا ـ ئاشقازان بولۇپ، بەدەندىكى تۇپراقنىڭ ۋەكىلى بولغان سەۋدا خىلىتى ئاشقازاننىڭ كىرىش ئېغىزىنى غىدىقلاپ، ئىشتىھا پەيدا قىلىدۇ. ئاشقازاننىڭ چىقىش ئېغىزىنى غىدىقلاپ، كەيلوسقا ئايلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازاندىن چىقىرىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئاچىدۇ، ھەم ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىمە ھەركىتىنى باشقۇرغۇچى نېرىپلارنى غىدىقلاپ ئاشقازاننىڭ نورمال لۆمۈلدىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەرقانداق ئەزادا بولىدىغان تۇتۇش قۇۋۋىتىنىڭ نورمال خىزمەتتە بولىشى مۇۋاپىق قۇرۇقلۇقنى شەرت قىلىدۇ. يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرىدا تۇرۇشى شۇ ئەزادا بولىدىغان تۇتۇش قۇۋۋىتىنى شەرت قىلىدۇ. بۇ قۇۋۋەت قۇرۇقلۇقنى شەرت قىلىدۇ. بۇ قۇرۇقلۇق دەل تۇپراقنىڭ كەيپىيات جەھەتتىكى قۇرۇقلۇقىدىن ئىبارەت تۇپراق ئۇندىن باشقا ھەزىم قىلىش سېستىمىسىدىكى ماددىلارنىڭ ئالمىششىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ توشۇلىشى ساقلىنىشى، يەنىلا ئۇنىڭ رولىسىز ئەمەس، شۇنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا بولىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، تۇپراق ھەزىم قىلىش سېستىمىسى بىلەن يۇقۇردا ئيتقاندەك مۇناسىۋەتكە ئىگە .