تۇپراقنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
تۇپراق تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق مەۋجۈدادلارنى تۈزگۈچى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇپ، يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكەندەك روللىرى ئارقىلىق تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق مۇرەككەپ شەئىيلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىشىدۇ. تۇپراقنى ئارەزى قىسىمىنىڭ خېمىيىلىك تەركىبى ھەرگىز يەككە ھالەتتە مەۋجۈد بولماسىتن مۇئەييەن قانۇنىيەتلەر ئارقىلىق بىرىكىپ، مۇرەككەپ شەيئىلەرنى شەكىللەندۇرىدۇ. ئومۇملاشتۇرپ ئېيتقاندا تۇپراقنىڭ تەركىبىنى ئانئورگانىك (جانسىز ) ماددىلار توپى ۋە ئورگانىك (جانلىقلار) ماددىلار توپى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.
تۇپراقنىڭ ئانئورگانىك ماددىسى دەپ تۇپراقتا مەۋجۈد بولغان ھەرخىل يەككە ياكى نىسپى مۇرەككەپ ھالەتتىكى ئېلمىنتلارغا قارىتىلغان . تۇپراق ئورگانىك ماددىسى دەپ تۇپراقتىكى جانلىق مەۋجۈدادلاردىن كەلگەن ماددىلارغا قارىتىلىدۇ. تەبىئىي تۇپراقتىكى ئورگانىك ماددىلار ئاساسەن تۇپراقتا ئۆسۋاتقان يوقۇرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئۇندى قالسا تۇپراقتا ياشاۋاتقان مېكرو ئورگنىزىم ۋە ھايۋاناتلاردىن كېلىدۇ. ئورگانىك ماددىلارنىڭ تۇپراققا قوشۇلۇش مىقدارى قوشۇلۇش ئورنى، ئۆسۈملۈكلىكلەرنىڭ تۈرىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن تۇپراققا كىرگەن ئورگانىڭ ماددىلار تۇپراقتىكى ھايۋانلارنىڭ خۇسۇسەن تۇپراقتا ياشىغان جاراسىملارنىڭ، ئۈزلۈكسىز پارچىلىشىغا ئۇچىرغانلىقىدىن تۇپراقتىكى ئورگانىڭ ماددىلارنىڭ ھالىتىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. ئۇلار يىلتىز، غول يۇپۇرماق قاتارلىق پارچىلانمىغان يېپيىڭى ئورگانىڭ ماددىلار، ۋە يېرىم پارچىلانغان ئورگانىڭ ماددىلار ۋە چىرىندى ماددىلار، ئۇندىن باشقا تىرىك ھايۋانلار، جاراسىملار توپلىرى ھەم تۇپراققا سىڭگەن ئاددى ئورگانىك بىرىكمىلەردىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئىچىدە چىرىندى ماددىلار ئەڭ مۇھىم بولۇپ، تۇپراق ئومۇمىي ئورگانىڭ مىقدارى %85 تىن %95 تىن كۆپرەكىنى ئىگەللەپلە قالماستىن بەلكى ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق ، ئاستا پارچىلىنىدۇ، شۇڭا تۇپراقتىكى ئورگانىك ماددىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ھېسابلىنىپ، تۇپراقنى فىزىكىلىق، خېمىيىلىك ۋە بىئولوگىيلىك خۇسۇسىيىتىگە نىسبەتەن ياخشى تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تۇپراق چىرىندى ماددىسى بىر خىل قارا رەڭلىك كوللوئىد ماددابولۇپ، غايەت زور سىرتقى يۈزى مەيدانىغا ئىگە، بۇ سىرتقى يۈزى مەيدانىدا زور مىقداردا مەنپىي زەرەت بولىدۇ.
چىرىندى ماددىنىڭ يېپشتۈرۈش كۈچى، قېتىشىش كۈچى سېغىز دانىچىلارنىڭكىدىن ئاجىز كېلىدۇ. سېغىز دانىچىلارنىڭ سىرتىغا چىرىندى ماددا يېپىشقاندا، سېغىز دانىچىلارنىڭ قېتىشىش كۈچى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ.شۇڭا چىرىندى ماددا كۆپەيسە، سېغىز تۇپراقنىڭ يېپىشقاقلىقى ئاجىزلاپ، ئىلىنىشچانلىقى ياخشىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈسىتگە چىرىندى ماددا تەركىبىدە ئازوت مىقدارى كۆپ بولۇپ، بۇ تۇپراقتىكى ئازوت ئېلېمېنتلار (بېرىلگەن ئازوتلۇق خېمىيىۋى ئوغۇتتىن باشقا) نىڭ بىردىنبىر كېلىش مەنبىئىدۇر.
تۇپراق چىرىندى ماددىسى ئورگانىك قالدۇق جىسىملار ياكى باشقا ئورگانىك ماددىلارنىڭ چىرىندىلىشىشى جەريانىدا شەكىللەنگەن بىر خىل ئالاھىدە يۇقىرى مولېكۇلىلىق ئورگانىك بىرىكمە بولۇپ، ئۇنىڭ مولېكۇلا قۇرۇلمىسى ۋە چىرىندىگە ئايلىنىش جەريانى تېخى ئېنىق تەتقىق قىلىنمىدى. ئادەتتە، چىرىندى ماددىنىڭ مولېكۇلىسى ئارۇماتىك بىرىكمىلەرنىڭ يادروسى، ئازۇتلۇق ئورگانىك بىرىكمە ۋە كاربون سۇ بېرىكمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
بىرىنچى باسقۇچىدا ئورگانىك قالدۇق جىسىملار پارچىلىنىش داۋامىدا چىرىندى ماددا مولېكۇلىلىرىنى ھاسىل قىلىشقا قاتنىشىدىغان كۆپ ئاتوملۇق فېنول، ئازوتلۇق ئورگانىك بىرىكمىلەر (مەسىلەن، پېپتىد قاتارلىقلار) ھاسىل بولىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچتا، ھەرخىل مىكرو ئورگانىزىم (مەسىلەن، باكتىرىيە، پاختىلاتقۇچىلار، سىتروفىتومىسىن مىكروبى قاتارلىقلار) سىكرىتسىيەلەپ چىقىرىدىغان فىنول ئوكسىد ئىنىزىمنىڭ رولى ئارقىلىق كۆپ ئاتوملۇق فىنولنى ئوكسىدلاپ خىنونغا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ ئوخشاش بولمىغان شارائىتتا يەنىمۇ ئىلگىرلەپ بىرىكىپ، مولېكۇلا چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشاش بومىغان چىرىندى ماددىلارغا ئايلىنىدۇ. نۇرغۇن تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلاندىكى ئورمان ئۆسۇملۇك يېپىچىلىرى بولغان رايوننىڭ سۈيى كۆپ تىزاپلىق (كىسلاتالىق) شارائىتتا شەكىللەنگەن چىرىندى ماددىنىڭ مولېكۇلىسى ئاددى، كىچىكرەك بولىدۇ. سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يېپىنچىسى تارقالغان رايوننىڭ نېيترال ياكى ئىشقارلىق شارائىتتا شەكىللەنگەن چىرىندى ماددىنىڭ مولېكۇلىسى مۇرەككەپ چوڭراق بولىدۇ. چىرىندى ماددىلارنى كۆپىنچە رەڭگى ۋە ھەرخىل ئېرىتكۈچىلەردە ئېرشچانلىقىغا قاراپ، قارا چىرىندى ماددا، قوڭۇر چىرىندى ماددا، سېرىق چىرىندى كىسلاتا دەپ ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىشقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ رولى بولسا تۇپراقتىكى ئۆسۈملۈك ۋە مېكرو ئورگانىزىملارنىڭ ياششىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەم ئانئورگانىك ماددىلارنىڭ ئۆسۈملۈك ۋە مېكرو ئورگانىزىملارغا بولغان تەسىرلىرىنى تەڭشەيدۇ.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا تۇپراق ئورگانىك ۋە ئانئورگانىڭ ماددىلارنىڭ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىش مەيدانى ياكى ئورگانىك ۋە ئانئورگانىك ماددىلارنىڭ ئۆز ئارا بىرىكىش ۋە پارچىلىنىش ئورنىدۇر.
يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكەن تۇپراق تەركىبىدىكى ئورگانىك ماددىلار تۇپراقنىڭ سۇنى ساقلىشىغا ئىنتايىن مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار زىرائەتلەر ۋە دەل-دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىنىڭ نەپەسلىنىشى، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىشى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشىنى، چوڭىيىشىگە پايدىلىق. ئۇندىن باشقا بارلىق ھايۋاناتلار تۇپراق ئۈسىتدە پائالىيەت ئېلىپ بارغاچقا تۇپراقنىڭ ھەرخىل تەسىرلىرىگە (بولۇپمۇ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا) ئۇچراپ ھايۋاناتلارنىڭ دائىرلىك تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەم بەدەن قىياپەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۇپراق يەنە ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان مەيدانى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇ جانلىقلارغا زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇقلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا ساقلايدۇ، تۇپراقنىڭ تۈرى ۋە فىزىكىلىق ھالىتى ئىنسانلارنىڭ تۇرالغۇ ـ جاي ۋە تۇرمۇش شارائىتىغا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۇپراق ئېكىلوگىيە سېستىمىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوزۇقلۇق زەنجىرى ئارقىلىق مېكرو ئورگانىزىملاردىن تارتىپ، ئادەمگىچە ئۆز ئارا بىر –بىرىنى باغلاپ تۇرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ كىيىم- كېچەك، يېمەك –ئىچمەك ، تۇرالغۇ ـ جاي ۋە باشقا پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى تۇپراق بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. جۈملىدىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئېنىرگىيە سۈپىتىدە پايدىلىنىدىغان كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گازلارنىڭ ھەممىسى تۇپراقتىن كېلىدۇ. ئۇندىن باشقا ئىنسانلار ۋە باشقا ھايۋاناتلارنىڭ ماددا ئالمىشىش قالدۇق مەھسۇلاتلىرى مۇھىتقا چىقىرىلىپ تۇپراقنىڭ ئۆزگەرتىش تەسىرلىرى ئارقىلىق ئۆسۈملۈكلەر سۈمۈرىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرىكتۇرۈش نەتىجىسىدە ھەرخىل ئادەم ۋە ھايۋاناتلارنىڭ بەدىنىگە كېرەكلىك بولغان ماددىلارغا ئايلىنىپ يەنە ئادەم ۋە ھايۋاناتلار تەرىپىدىن ئىستىمال قىلىنىپ ئۇلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
تۇپراقتا ھەم شۇنداق ساقلاش، تازلاش، ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى باردۇر.
ئۇندىن باشقا تۇپراقنىڭ سۇنىڭ ئارتۇقچە نەملىكىنى تەڭشەش، ئوتنىڭ ئارتۇق ھارارىتىنى پەسەيتىش، خۇسۇسىيىتى بولۇپ، بۇ خۇسۇسىيەت ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش، نورمال پائالىيىنى داۋاملاشتۇرۇشقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
يەنى ئوتنىڭ ئارتۇق ھارارىتىنى پەسەيتىش رولى بولسا، تۇپراقنىڭ قۇياش رادىئاتسىيىسىنى قايتۇش رولىدىن بولغان . ئۇ يەنە قۇياشتىن قوبۇل قىلغان ئىسىقلىقنى مۇۋاپىق مىقداردا تەڭشەپ ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلار بەدىنىگە لايىقلاشتۇرۇپ يەتكۈزۈپ بىر تەرەپتىن ئۇلارنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن سۇنى ئۆزىگە سۈمۈرۈپ ئۆسۈملۈكلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىپ ئۇلارنى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يېتەرلىك قوبۇل قىلىپ نورمال ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەگەر تۇپراق ئۆزىنىڭ يۇقارقى رولىنى جارى قىلدۇرمىسا، ئېكىلوگىيلىك سېستىمىنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ، ھاياتلىقنى نورمال داۋاملىششى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. مانا بۇ تۇپراقنىڭ تەبىئەت دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدۇر .