سۇنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
قان ئايلىنىش سېستىمىس يۈرەك، قىزىل قان تومۇر، كۆك قان تومۇر ۋە قىل قان تومۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . سۇ بۇ سېستىمىدىكى ئەزالار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ سېستىمىدىكى ئەزالارنى بىر ماددا سۈپىتىدە تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. تېگى ماھىيىتىدىن ئېيتقاندان سۇدا بىر خىل يىلىملىك (يېپىشقاقلىق) خۇسۇسىيەت بولغاچقا باشقا ماددىلارنى (ئوت، ھاۋا، تۇپراق) تۇتاشتۇرۇپ (يەملەپ) شەكىلگە كىردۈردۇ. ئۇ كىرگەن شەكىل شۇ مەزمۇنغا ماس كەلگەن بولىدۇ، شۇڭا ئۇيغۇر تىبابەت پىشىۋالىرى ‹‹ شەكىل مەزمۇننىڭ ئىپادىلىنىش ›› دەپ توغرا ئېيتقان .
يېقىنقى زامان تەبىئىي پەنلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا سۇ يەنە بىرخىل ئالاھىدە قۇرۇلما ياكى ھالەتنى شەكىللەندۈرگۈچى ماددا، ئۇ خۇددى بىرخىل چاپلاشقاق ماتىريالدەك بەدەندىكى توقۇلما ئەزالارنى بىر –بىرىگە مەھكەم چاپلاپ تۇرىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان .
شۇڭا ئېيتىمىزكى سۇ قان ئايلىنىش سېستىمىسى ۋە باشقا ئەزا-سېستىمىلارنى تۈزۈشكە تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە قاتنىشپ ئۇلارنى بىر پۈتۈن ئورگانىك سېستىمىغا ئايلاندۇرىدۇ .
يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ %79ى سۇ تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئۇ سۇ بىرىككەن ھالەتتە مەۋجۈد، ئۇنداق كۆپ سۇ بولۇشى يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاش ئیچۈندۇر. يۈرەك بىلەن يۈرەك قېپىنٍڭ ئارلىقىدا مەلۇم مىقداردا سۇ بولۇپ بۇ سۇ يۈرەك بىلەن يۈرەك قېپٍنىڭ سۈركۈلىشىنى ئازايتىدۇ. (يۈرەك قېپى سۇيۇقلۇقىنىڭ %95ى سۇ، %5ى ئورگانىڭ يېپىشناق ماددىدىن تەركىب تاپقان) قان تومۇرلار تەركىبىدىمۇ (تۈزۈلۈش تەركىبىدە) %70 ئەتراپىدا سۇ بولىدۇ.ئۇنىڭ مۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى، قان-تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاپ نورمال تارىيىپ-كېڭىيىشى ئیچۈن پايدىلىق شاصائىت بىلەن تەمىنلەشتۇر. سۇنىڭ يەنە قان-تومۇرلارنىڭ ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى نورماللاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بولۇپ، ئۇ پۈتۈن بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشقا كېرەكلىك بولغان ماددىلارنى قان-تومۇر ئارقىلىق ئېقىتىپ كېرەكلىك ئورۇنغا يەتكۈزىدۇ. ماددا ئالمىشىش كېرەكسىز مەھسۇلاتىنى بولسا سۇنىڭ ئېرىتىش، ئاققۇزۇش رولى ئارقىلىق قان-تومۇرلارنىڭ ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى بىلەن چىقىرىش ئەزالىرىغا يەتكۈزىلىدۇ، ئەگەر قان –تومۇرلارنىڭ ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتسە، تولۇپ قېلىش (ئىمتىلا) خارەكتىرلىك كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ، ئەگەر قان تومۇرنىڭ ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى بەك كۈچىيىپ كەتسە، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە ئالاقىدار كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ئىستىفراغ بىلەن ئېھتىباس تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى يەنىلا سۇ تەڭشەپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى كېلىپ چىقىشىمۇ يەنىلا بەدەندىكى سۇنىڭ تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى (سەرىپ قىلىشنىڭ توغرا بولماسلىقى) بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ھازىرقى زامان تىببى پەن تەتقىقات نەتىجىللىرىگە قارىغاندا يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ باش جىنايەتچىسى بەدەنگە سۇ يېتىشمەسلىك ۋە سۇ تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى ئىكەن. بەدەنگە سۇ يېتىشمىگەندە ياكى بەدەندە قۇرۇقلۇق غالىپ ئورۇندا تۇرغاندا بىرىنچى بولۇپ تەسىرگە ئۇچرايدىغان ئورۇن قان-تومۇر ، بۇنىڭ ئىچىدىمۇ تەسىرى ئەڭ چوڭ بولىدىغىنى قىل-قان تومۇرلار بولۇپ ئۇلارنىڭ ئېلاستىكىلىقى يوقۇلۇپ توسىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يوقۇرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ كېلىپ چىقىشى ئۈچۈن مۇھىم بىر سەۋەب ھازىرلىنىدۇ.
ئۇندىن باشقا سۇنىڭ قاندىكى ماينى تەڭشەش –تۆۋەنلىتىش رولى بولۇپ، بەدەندە سۇسىزلىنىش ئېغىر بولغاندا قاندىكى ماينىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ، سۇنىڭ قاندىكى ماي (بولۇپمۇ خولسترىن) نى تەڭشەش رولىنىڭ بارلىقى نۇرغۇن تەجىربىلەن ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. ھازىرقى زامان ئەركىن رادىكال تىببى ئىلمىنىڭ بىر تارماق پەن سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىشىغا ئەگىشىپ، ‹‹ سۇ كۆپ ئىچكى مۇھىت›› تا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىردىغان نۇرغۇنلىغان ئەركىن رادىكاللارنىڭ پاسسىپلىشىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سۇ بەدەننىڭ، بولۇپمۇ يۈرەك قان-تومۇرنىڭ ئەڭ ياخشى مۇھاپىزەتچىسى، قان سۇيۇقلۇق تەركىبىدە سۇ نورمال قىممەتتىن ئازلاپ كەتسە، قۇيۇق قاننى شەكىللەندۈرىدۇ. قان قۇيۇقلىشىپ قالسا يەنە يۈرەك قان-تومۇرلارنىڭ يۈكى ئېشىپ شۇنىڭغا ئالاقىدار ھەرخىل كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. سۇ قان سۇيۇقلىقىنىڭ قىيامىنى تەڭشەشتە يەنە ئالاھىدە روللىرى بولۇپ، يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك قان بەك سۇيۇلۇپ كەتسە، (قان تەركىبىدىكى سۇ بەك كۆپ بولۇپ كەتسە) قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى تۆۋەنلەپ، ئىستىفراغ كۈچىيىپ كېتىشكە ئالاقىدار ھەرخىل كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ، ئەگەر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى سۇنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ، قان قۇيۇقلىشىپ قالسا، توسۇلۇش (سۈددە)، تولۇپ قېلىش (ئىمتىلا) قا ئالاقىدار ھەرخىل كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ نورمال قىممەتتە ساقلىنىشى يەنىلا سۇنىڭ يۆتكەش، ئېرىتىش، ئاققۇزۇش رولىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا سۇ قان ئايلىنىش سېستىمىسىدىكى ئەزالارنى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. ھەم ئۇلارنىڭ بارلىق فىزىئولوگىيلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ نورمال بېجىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.