ھاۋانىڭ نېرۋا سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى
نېرۋا سىستىمىسى ئاساسلىقى، مەركىزى نېرۋا سىستىمىسى ئەتراپ نېرۋا سىستىمىسى دىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بولىندۇ، ئۇ ئاساسلىقى روھى نەپسانىنىڭ نېرۋا ئايلىنىش روھنىڭ نېرۋا ئەسەبلەردىكى ئايلىنىشقا خاس بولغان قىسمىنىڭ پائالىيەت رايۇنى بولۇپ ئۇنىڭ تۇزلىشى شۇ خىل پائالىيەتكە ماسلاشقاندۇر، ھاۋانىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكى ۋە خۇسۇسىيتى يۇقىردا بايان قىلىنغىندەك بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ يۇقىردىكى خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق نېرۋا سېسىتىمىسىگە تەئەللۇق ئەزالاررنىڭ تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۇ ئەزالارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتىگە ماسلاشقان تۆۋەندىكىدەك خۇسۇسىيەتلىرى بولىدۇ. يەنى نېرۋا تۇقۇلمىلىرىنىڭ ئوكسىگېنغا بولغان ئېھتىياجىي باشقا ئەزا توقۇلمىلىرىغا قارىغاندا بەش ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، ئۇ يۇقىرى قۇيۇقلۇقتىكى ئوكسىگېن ئاساسىلىقى نەپەسلەنگەندە قىزىل قان ئاقسىلى تەركىبىگە سىڭگەن ئوكسىگېندىن كېلىدۇ. ئۇ ئوكسىگېن يەنىلا ھاۋانىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ھاۋادىن كېلىدۇ.
نېرۋا تۇقۇلمىلىرىنىڭ ئوكسىگېنغا بولغان ئېھتىياجىنى كۈچەيتىدىغان ئامىللارنى قارشىسىدىن چىقىپ ئىسپاتلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىسپاتلىغاندا ئۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى مېتابولىزىم ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن بولىدۇ. مېتابولىزىم ئېھتىياجىنىڭ ئۇنداق يۇقىرى قۇيۇقلۇقتىكى ئوكسىگېننى تەلەپ قىلىشى مىڭە ھۈجەيرىلىرى ئاساسىي ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ ئەڭ ئاسان پارچىلىنىدىغان لەتىف قىسىمى بولغان ئەزا توقۇلمىلار بىۋاستە پايدىلىنالايدىغان ھالەتتىكى بىر خىل ماددىغا ئەڭ ئېھتىياجلىقتۇر، بۇ ماددىنىڭ ئۆز ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچ خىل بولۇپ، ئوكسىدلىنىش، ھىدروزلىنىش، باشقا ماددىلار بىلەن بېرىكىپ تويۇنغان ھالەتتىكى ماددىلارنى ھاسىل قىلىش (پولىمىرلىنىش) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئوكسىدلىنىش ھالىتىدە ئەزا توقۇلمىلارنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھېدروزلىنىش ھالىتىدە بولسا، باشقا ماددىلارغا ئايلىنىپ ئېنىرگىيىنى زاپاس ساقلايدۇ. بۇنىڭدا باشقا ماددىلار ئېنىرگىيىسىن پايدىلىنىدۇ. تويۇنغان ماددىلارنى ھاسىل قىلىش ھالىتى بولسا كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىدۇ. (بۇ يەردە سۆزلىنىۋاتقان ماددىنىڭ خۇسۇسىيىتى غەرب تىبابىتىدە سۆزلىنىۋاتقان ئادىنوزىن ترېپوسفات ( ATP ) نىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئوخشايدىغان بىرخىل ماددا بولۇپ، ئوكسىگېننىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭدىنمۇ تېز پارچىلىنىدىغان بىرخىل ماددا قەدىمكى تىببىي كىتابلاردا «خەمىرەئى دىماغ» دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل ماددا بايان قىلىنغان، لېكىن بۇ ماددا توغرىسىدا ھازىرغىچە غەرب تىبابەت ماتىرياللىرىدا بولسۇن ھېچقانداق مەلۇمات يوق ) .
ھاۋا ئۇندىن باشقا يەنە مىڭى يۇلۇن ئىچكى بېسىمىنى تەڭشەش خۇسۇسىيىتى بار. ئادەمنىڭ روھى پائالىيىتى نورمال ۋاقتىدا مىڭە سۆڭىكى بىلەن مىڭە پوستلىقىنىڭ ئارلىقىدا مەلۇم بوشلۇق بولىدۇ. بۇ بوشلۇقنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. (فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋال) بۇ بوشلۇقنى ئادەتتە سۇيۇقلۇقمۇ ئەمەس، پەردىمۇ ئەمەس، بىر خىل ماددا ئوراپ تۇرىدۇ. ئادەم روھىي جەھەتتىن جىددىيلەشكەندە مىڭە ھەجمى نورمال ھەجىمدىن چوڭىيىپ، شۇ پەردىسىمان ماددىنى بېسىپ، مىڭە ماددىسىنىڭ كۆز قۇلاق قاتارلىق سىرتقى مۇھىت بىلەن بىۋاستە تۇتاشقان ئەزالارغا بېسىم كەلتۈرۈپ قويىشىدىن توسىدۇ. ھاۋا ئۆزىنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن بۇ بوشلۇق (بۇ بوشلۇق ئادەم بالاغەتكە يەتكەندە ئېنىق ئايرىلىدۇ. ئۇ نورمال قىممەتكە ئىگە بولۇپ بۇ بوشلۇقنىڭ بەك چوڭىيىپ كېتىشى مىڭە يىگىلەش كېسەللىكىنىڭ ئالامىتى، بەك كىچىك بولىشى مىڭە سۇلۇق ئىششىق كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەگەر بۇ بوشلۇق ئىچىدىكى ماددا سەۋدا خارەكتىرلىك غەيرىي تەبىئىي ئۆزگەرسە، قارا بېسىش، جۆيلۈش، ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ) مىڭە ئىچكى بېسىمىنى تەڭشەيدۇ. ھاۋانىڭ يەنە مىڭە ۋە نېرىپلاردىكى روھ ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ يەتكۈزۈلىشىنى تەڭشەش خۇسۇسىيىتى بولۇپ، نېرۋا سېستىمىسىدىكى روھ ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ يەتكۈزۈلىشىنىڭ بىنورماللىششى يەنىلا ھاۋانىڭ ماددىنىڭ ئومۇمىي ھالەتلىرىنى تەڭشەش خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىنورماللىششىدىن كېلىپ چىقىدۇ. (بۇ خىل تەڭشىلىش بىر خىل تەبىئىي جەرياندۇر)
يۇقىرقىلار ھاۋانىڭ نېرۋا سىستېمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت .