سەھىپە ئايرىلمىغانھاۋا ھەققىدە

ھاۋانىڭ قانتومۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلاربىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

،قان خلىتى بەدەندىكى ھاۋانىڭ ۋەكىلى بولۇپ ئۇنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيەتلىرى ھاۋانىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن كەلتۇرۇپ چىقىرىلغان ۋە تەجىربىدىن يەكۇنلەنگەن شۇڭا ئېيتىمىزكى ھاۋا قان تەركىبىدىكى روھ  (بارلىق ئەزا ئىھتىياجلىق بولغان قۇۋەتنى پەيدا قىلغۇچى ئامىل) بارلىققا كەلتۇرگۇچى ئاساسى ئامىلدۇر ، قۇۋۋەت رھدىن مەدەت ئالمىغۇچە ئۆزرولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ ، روھ ھاۋادىن مادەت ئالمغۇچە پەيدا بولمايدۇ،ھەم ئەزانى ئوزۇقلاندۇرالمايدۇ ھەم پەرۋىش قىلالمايدۇ.ھاۋا ھاۋا بىلەن قانتومۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى روھ،قۇۇۋەت بىلەن باغلانغان بولىدۇ.قانتومۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق قان ھۇجەيرسى، قان پىلازمىسىغابۆلىندۇ،قان ھۇجەيرىسى قىزىل قان ھۇجەيرىسى ،ئاق قان ھۇجەيرىسى،قان پىلاستىنكىسى دىن تۇزۇلگەن قان پىلازمىسى بولسا سۇ،ئىرىتمە ماددىلاردىن تۇزۇلگەن ئىرىتمە ماددىلار قان زەردابى ئاقسىلى، ئىيۇنلوق ماددىلار ،گاز ھالەتتىكى ماددىلار شۇنداقلا بىر قىسىم ئورگانىك ماددىلاردىن تۇزۇلگەن بولۇپ ھاۋا تەركىبىدىكى ئوكسىگىن ۋە باشقا ماددىلار بەدەندە روھنىڭ بارلىققا كىلىشىگە تۇرىتكە بولىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئوكسىگىن، ئازۇت قان قىزىل ئاقسىلى بىلەن بىرىكىپ ھەممە ئەزالارنى ساپ ھاۋا بىلەن تەمىنلەپ ھەرقايسى ئەزالارغا ئىھتىياجلىق بولغان ئوكسىگىنىنى يىتەرلىك دەرىجىدە يەتكۇزۇپ بىرىدۇ ، باشقا گازلار(ئازۇت، ئىېنرىت گاز  ) بولسا بەدەنگە زۆرۇر بولغان ماددىلارنىڭ پارچىلنىپ كىتىشنى توسىيدۇ،ماددا ئالمىشىشنىڭ نورمال ئىلىپ بىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. يۇقارقىلار ھاۋانىڭ قان ئايلىنىش سىستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بولۇپ ھاۋا تەركىبىدىكى باشقا ماددىلار (ئازۇت ، ئېنرىت گازلار…) نەپەس ئارقىلىق قۇبۇل قىلىنغان قىسمىنىڭ ئورگانىىزىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زادى قانداق ئىكەنلىكى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس بۇ تەتقىق قىلىپ بىقىشقا تىگىشلىك مەسىللەرنىڭ بىرى بەزىلەر ھاۋا تەركىبىدىكى ئۇ ماددىلارنىڭ يۇرەك قانتومۇر ۋە ئۆپكە توقۇلمىللىرىنىڭ ئاكتىپ ماددىلار تەسىرىدە سۇپەت ئۆزگىرىشنى توسۇش رولى بار دەپ قارايدۇ ، بۇ خىل قاراش « شەرھى ئەسباب»تا .بايان قىلىنغان ،لىكىن ئۇنىڭ ئىلمى ئاساسى ئانچى مۇۋاپىق ئەمەس

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button