ھاۋانىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
ھەزىم قىلىش ئەزالىرى ئاساسلىقى ئىغىز بوشلۇقى، تىل، يۇتقۇنچاق، بوغۇز، قىزىل ئۆڭگەچ، جىگەر، ئۆت، ئۆت خالتىسى، ئاشقازان كىرىش ئىغىزى، ئاشقازان، ئاشقازان چىقىش ئىغىزى، 12 بارماق ئۈچەي، ئاشقازان ئاستى بىزى، بوغماق ئۈچەي، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە، قارىغۇ ئۈچەي، ئاچچىق ئۈچەي، Sسىمان ئۈچەي، تۈز ئۈچەي، مەقئەت قاتارلىقلار بولۇپ، ئاساسلىقى مىزاجى سوغۇق بولىدۇ. (جىگەر ۋە ئۆتتىن باشقىسى) ئۇلارنىڭ بۇنداق مىزاجىدا بولىشى ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيلىك خىزمىتىگە ماسلاشقان، جىگەرنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، ئۇ ھاۋادىن ئۆز مىزاجقغا يارىشا قۇۋۋەت ئالمىغىچە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. ھەم ھەرقايسى ئەزا توقۇلمىدا بولىدىغان تۆت قۇۋۋەتنىڭ ئىچىدىمۇ ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتىنىڭ نورمال فىزىئولوگىيلىك خىزمىتى ھۆل ئىسسىق كەيپىياتقا ماسلاشقان بولۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولىشى، سۈمۈرلۈش ئەھۋالىنىڭ ھەممىسى ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، تۆت ماددا ئالەم ۋە ئادەم بەدىنىنى تۈزۈشتىكى دەسلەپكى خام ئەشيا بولغانغا ئوخشاش ھەممە ئەزا توقۇلمىلاردا بولىدىغان تۆت خىل قۇۋۋەت شۇ ھاياتلىقنىڭ مەۋجۈدىيىتىدە تۆت چوڭ ماددىدەك مۇھىم . ئۇلارنىڭ بىرەرسىنى يوق دەپ پەرەز قىلساق ھاياتلىقنى پەرەز قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.
ھاۋانىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بولسا، ھاۋا يۇقىرىدا ئېيتىلىپ ئۆتكەندەك تۆت خىل قۇۋەت نورماللىقىنى ساقلاش ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ نورمال فىزولوگىيلىك خىزمىتىنى تەڭشەيدۇ، بۇنداق ساقلاش روھنىڭ تۇرىتكىسىدە بولۇپ ، رۇھ، قۇۋۋەتلەرنىڭ پەيدا بولىشىدا بىۋاستە ئامىلدۇر، خۇددى ھاۋا روھنىڭ پەيدا بولىشىدىكى ئامىل بولغانغا ئوخشاش قۇۋەتنىڭ پەيدا بولىشىدىكى ئامىلدۇر، ھاۋا ئۆزىنىڭ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش خۇسۇسىيتى ئارقىلق ھەزىم ئەزالىرىنىڭ نورمال ھەجىمىنى ساقلايدۇ، ھاۋا كاتىگوريىسىگە تەۋە ھەزىم ئەزالىرىنىڭ كاۋاكلىرىدا يىمەك-ئىچمەكتىن ئاجىرلىپ چىققان بىرخىل بوخارى جىسىم (تەبئيى يەل) بولۇپ بۇخىل بۇخارى جىسىم ھەزىم ئەزالىرىنىڭ لۆمۇلدىمە ھەرىكەتلىرىنى (ئاساسلىقى ئاشقازان ئۈچەي) كۇچەيتىپ يىمەك-ئىچمەكنىڭ ھەزىم بولىشنى، سۈمۇرلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھۆل ئىسسىق تەبئيتى بىلەن بەدەندىكى تۇپراقنىڭ ۋەكىلى بولغان سەۋدا خىلتىنى كەيپىيات جەھەتىتن مۇتلەق تەڭشەيدۇ، سەپرا، بەلغەم خىلىتلىرىنى تەبئىي تەڭشەپ ئۇلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرىغا بولغان ئارتوق تەسىرىنى تۇسىيدۇ.
ھەزىم قىلىش سىستىمىسىغا تەۋە ئەزالارنىڭ نورمال بىسىمىنى ساقلايدۇ، ھەزىم قىلىش ئەزالىرىدىكى ھەم ئۇلارنى تۇزگۇچى توقۇلمىلار ئوتتۇرسىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل بىسىملەرنى پەيدا قىلىدۇ ياكى تەڭشەيدۇ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلش ئەزالىرىنى ئارتوقچە غىدىقلاشنى توسىيدۇ، نورمال غىدىقلىنىش پەيدا قىلىپ ئاشقازان ئۈچەيلەرنىڭ نورمال لۆمۇلدىمە ھەركىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، جىگەرنىڭ ھەزىم پائالىيتىگە قاتنىشىپ ياكى تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنىڭ نورمال پائالىيەتلىرىنى باشقۇرىدۇ ھەم جىگەرنىڭ خىزمىتىگە ماسلاشقان مىزاجىنى نورمال ساقلاپ خىلىتلارنىڭ نورمال ئىشلىنىپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھەم ھەزىم ئەزالىرىنىڭ نورمال تۇزلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ ھەزىم ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىگە ماسلاشقان ئەڭ مۇكەممەل شەكىلنى ھاسىل قىلىش ۋە ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ھاۋا يۇقىرقىدەك رولى ئارقىلىق ھەزىم ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ،ھەم ھەزىم ئەزالارنىڭ خادىمىيلىك رولىدىن ئىبارەت رولىنى تولۇق ئورۇندىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئەگەر ھاۋا ئۆزىنىڭ يۇقىرقىدەك تەسىرىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمىسا ياكى ھەزىم ئەزالىرى ھاۋانىڭ تەسىرلىرىنى قۇبۇل قىلمىسا ھەرخىل كىسەللىك ئۆزگىرىشى كىلىپ چىقىدۇ،ئىبىن سىنا ئۆزىنىڭ«يۇرەك دورىلىرى» ناملىق ئەسىرىدە «تەبىئەت خۇسۇسىيەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەيدۇ شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولدۇكى ھاۋا ۋە باشقا ماددىلار (ئوت،سۇ،تۇپراق)نىڭ پۇتۇن خۇسۇسىيەتلىرى ئۇنىڭ كەيپىياتىغا توپلاشقان بولۇپ بۇخىل خۇسۇسىيەت كەيپىيات، ھەقىقەتتە خۇسۇسىيەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. يۇقىرقىلار ھاۋانىڭ ھەزىم سىستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت.