ھاۋا ھەققىدە
ھاۋا بوشلۇقلارنى (ۋاكوئۇملارنى) ۋە بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ تۇرغۇچى مىكرو دانىچىلىق ماددىلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھەكىم سۇلتانى ئەلى «دەسترۇلئىلاج» ناملىق ئەسىرىدە « ھاۋا ئاددى ماددا بولۇپ، ئورنى سۇدىن يۇقىرى ئوتتىن تۆۋەندۇر، تبىئىتى ھۆل ئىسىسىق، ھاۋا سۇدىن لەتىفراقتۇر، ئۇ نەرسىلەرنى سۇدەك ھۆل قىلمايدۇ، ھاۋا بەك لەتىف بولغاچقا ھېچقانداق نەرسىلەرنى بۇلغىمايدۇ » دېيىلگەن. ھاۋا بوشلۇقلارنى ھەم بوشلۇقلارنى تولدۇرغۇچى ماددىلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان بولۇپ، باشقا ماددىلار (ئوت، سۇ، تۇپراق) نىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغۇچى ھەم ئۇلارغا نىسپى تەسىر كۆرسەتكۈچى ماددىلاردۇر.
ھاۋانىڭ ئەسلى زاتى- بوشلۇقتىن ئىبارەت، ياكى بوشلۇققا تارقىلغان ماددىلارنىڭ مېكرو زەرىچىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق، ئورنى ئوتنىڭ ئاستىدا، سۇنىڭ ئۈستىدەدۇر. ۋەزىنى نىسپى يەڭگىل .
ھاۋا پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھەممە قىسمىغا زىچلىقى ئوخشاش بولغان دەرىجىدە تارقالغان بولۇپ، تارتىش كۈچى كۈچلۈك، تېمپراتۇرىسى مۇۋاپىق بولغان مۇھىتلاردىكى ھاۋانىڭ زىچلىقى چوڭ، ئەكىسچە بولغاندا كىچىك بولىدۇ.
ئەبۇ ناسىر فارابى ئۆزىنىڭ «ئېھسال ئۆلۈم» ناملىق ئەسىرىدە، «ئالەمدە ماددىسىز بوشلۇق يوق (ئەمەلىي ماددا ئىگەللىمىگەن بوشلۇق) ، ئۇ بوشلۇقنى ۋە شۇ بوشلۇق ۋە تولدۇرۇپ تۇرغۇچى دەل ھاۋادۇر » دەپ بايان قىلىنغان، ئۇيغۇر تىبابىتىدە دېيىلىۋاتقان ھاۋا ئىككى خىل مەنىدە چۈشىنىلىدۇ. تارمەنىدە يەرشارىنى ئوراپ تۇرغان ئاتموسفېرا كۆزدە تۇتۇلسا، كەڭ مەنىدە پۈتكۈل ئالەم بوشلۇقىدىكى ماددىنىڭ ھەرىكەت ئورنى بولغان بوشلۇقلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئادەتتە ئۇيغۇر تىبابىتىدە دېيىلىۋاتقان ھاۋا بوشلۇقلارنى ۋە بوشلۇقلارغا تارقلالغان باشقا ماددىلارنىڭ مېكرو بۆلەلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇ نىسپى شالاڭ ھەم لەتىف جىسىمدۇر. ئۇ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش، ئوتنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەتكە ئىگە بولغان قىسىمى (شامال) تۇپراق تەبىقىلىرىنى ئۆزگەرتىش، سۇغا ۋاستىلىك ھەرىكەت بېغىشلاش، ئوتنىڭ سۇ ۋە تۇپراققا بولغان ئارتىق تەسىرلىرىنى توسۇش ياكى تەڭشەش، جىسىمغا پۇراق پەيدا قىلىش، ماددىلارنىڭ قۇرۇلما ھالەتلىرىنى تەڭشەش تەسىرى بولۇپ، ئالەم ۋە ئادەم تۈزۈلىشىدە بىر ماددا سۈپىتىدە قاتنىشىپ ئالەمنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلايدۇ. ئۇ نىسپى يەڭگىل بولغاچقا ئورنى ئوتنىڭ ئاستىدا، سۇنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىقتۇر، ئۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىدەك:
ھاۋا بوشلۇقلارنى كۆرسىتىدۇ دېگەن خۇسۇسىيىتى بولسا، ھەر قانداق ماددىنىڭ ھەرىكىتى مەلۇم بوشلۇقتا مەلۇم ماددىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولىدۇ. شۇ بوشلۇق دەل ھاۋادۇر.
نىسپى، شالاڭ، لەتىف جىسىم دېگەن خۇسۇسىيىتى بولسا، شالاڭ، لەتىف بولۇشى ئادەم ۋە ئالەم تۈزۈلمىسىدىكى روللارغا ماسلاشقان بولغاچقا يەنى ئالەم تۈزۈلمىسىدە زىچ جىسىملارنى بىر بىرىگە كىرىشتۈرۈش، باشقا ماددىلار ( ئوت، سۇ، تۇپراق) نىڭ پارلىنىشچان تەركىبىلىرىنى ئۆز تەركىبىگە تارقالدۇرۇپ، ئالەمنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاش ئۈچۈندۇر، ئادەم بەدەن تۈزۈلمىسىدە بولسا، بەدەننىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى (شەكلى، ھالىتى ۋە خىزمىتى) مۇكەممەللىكىنى ساقلاشتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان. بەدەن تۈزۈلمىسى توغرىسىدا ئىبىنسىنا ئۆزىنىڭ «يۈرەك دورىلىرى» ناملىق ئەسىرىدە، «ئەزالار خىلىتلارنىڭ قۇيۇق، كەسىف قىسمىدىن پەيدا بولغىنىغا ئوخشاش، روھ خىلىتلارنىڭ لەتىف ئۇچۇچان قىسمىدىن پەيدا بولغان. ئۇلارنىڭ نىسبىتى ئوخشاشتۇر» دەپ بايان قىلغان.
تۆت خىلىت تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى بولغاچقا، بەدەن تۈزۈلىشىدە ئالەم بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە.
ھاۋا بەدەندىكى روھ –قۇۋۋەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدە، ئۆزىنىڭ شالاڭ، لەتىف خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇقراتنىڭ نەزىرىدە ھاۋا روھتىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ چۈشەندۈرىلىدۇ. ئىبىنسىنا «ئەلقانۇن» ناملىق ئەسىرىدە، روھ خىلىتلارنىڭ ئۇچۇچان قىسمى بىلەن ھاۋايى نەسمى(ساپ ھاۋا) نىڭ بىرىكىشىدىن يۈرەك سول قېرىنچىسىدا بارلىققا كېلىدۇ. بەدەندىكى روھلارنىڭ مەنبىئىي شۇدۇر » دەيدۇ. ھاۋانىڭ روھنى بارلىققا كەلتۈرىشىدىكى سەۋەب ھاۋا ئىنتايىن لەتىف، نىسپى شالاڭ جىسىم بولغاچقا ئوتنىڭ تەسىرىدە مىكرو تەركىبلەرگە سىڭىپ كىرەلەيدۇ. ئۇنداق بولغاندا روھ بەدەننىڭ ئەڭ ئىنچىكە تەركىبلىرىگىمۇ سىڭىپ كىرىپ ، بەدەننى پەرۋىش قىلىش، ئۆستۈرۈش، رولىنى ئوينايدۇ. ھەم بەدەندە ئېلىپ بارغان ھەرخىل ماددا ئالمىشىش پائالىيەتلىرىنى نورمال تەرتىپكە سېلىپ، ھاياتلىقنىڭ نورمال داۋاملىششىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ھاۋانىڭ شالاڭلىق، لەتىفلىك خۇسۇسىيىتى ئۆسۈملۈكلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئوتنىڭ تەسىرىدە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاش ئۈچۈن فوتوسىنتز ئېلىپ بېرىپ، ئۆز ھاياتىنى داۋام قىلىدۇ.
ئومۇملاشتۇرپ ئېيتقاندا ھاۋانىڭ شالاڭ، لەتىفلىك خۇسۇسىيىتى ئۇنىڭ زۆرۈر بولغان روللىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
ھاۋانىڭ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش خۇسۇسىيىتى بولسا، ھاۋا ئوتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچى ناھايتى ئەركىن ماددا بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق ئۆزى ئورۇنلاشقان بوشلۇقلارنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا تارقىلىپ، شۇ بوشلۇقنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلايدۇ. بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش خۇسۇسىيىتى ئۇنىڭ ئىنتايىن مىكرو تۈزۈلۈشكە ئىگە شالاڭ جىسىم ئىكەنلىكىنى ، ھەم ئۇنىڭ ئىنتايىن مىكرو تۈزۈلۈشلەرگىمۇ سىڭىپ كىرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى شالاڭ مىكرو تۈزۈلۈشكە ئىگە ھەرقانداق ماددا ئۆز زىچلىقىنى تەڭشەش ئۈچۈن ، ئۈزلۈكسىز ھالدا باشقا ماددىلاردىن ئوزۇق ئېلىپ تۇرىدۇ (مىكرو تەركىبلەر پالىنىپ شۇ بوشلۇققا تارقىلىپ تۇرۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ، بۇ خۇددى سۇنىڭ يۇقىردىن تۆۋەنگە ئېقىشىغا ئوخشاش بىر خىل جەرياندۇر )، ۋە ئۇ بوشلۇق يېپىق بولسا شۇ بوشلۇققا قاپسېلىپ ئۆز خىزمىتىنى بېجىرىدۇ. ئۇنىڭ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش خۇسۇسىيىتى ئىختىيارى ياكى مەجبۇرىي بولىدۇ. ئاقار جىسىملار فىزىكىسىدىن مەلۇمكى « مەجبۇرلانغان ھەرىكەت شۇ سېستىمىغا قارىتا ماددىلار ئوتتورىسىدا بولىدۇ. ئاقار جىسىملار ئېنىرگىيە تەسىرىدىن مەجبۇرىي ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ ، ئۆزى ئېنىرگىيەگە ئېرىشىپ ئۇ ئېنىرگىيىنى زاپاس ساقلايدۇ. مەجبۇرلانغان كۈچنىڭ تەسىرىگە يوقالغاندا، شۇ سېستىما ئىچىدە ئۆز ئېنىرگىيىسىنى سەرەپ قىلىدۇ. مەسىلەن قار يامغۇرلارنىڭ يېغىشى » .
يۇقىردا دېيىلغاندەك ئىختىيارى بولىدىغان ھەرىكەت مەجبۇرىي بولىدىغان ھەرىكەتنىڭ ئەكسى بولۇپ، ھاۋاغا قارىتا بولىدىغان بۇ خىل ھەرىكەتلەردە يەنىلا بولشۇقلارنى تولدۇرۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەكس ئەتكەن.
ئەبۇ ناسىر فارابى ئۆزىنىڭ «ئېھسال ئۆلۈم» نامىلىق ئەسىرىدە، ھاۋا ئۈستىدە توختىلىپ، « … ئالەمدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرغۇچى دەل ھاۋادۇر. ھاۋا ئوتنىڭ مەجبۇرىي ھەرىكەتلەندۈرىشى بىلەن شامال ۋە بورانلار پەيدا بولىدۇ. ئۇ ھەرىكەت ئارقىلىق بوشلۇقلارغا تارقىلىدۇ» مانا بۇ ھاۋانىڭ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش رولىدىن ئىبارەت، بولۇپ، جانلىقلار ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلىشىدە ھاۋانىڭ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش خۇسۇسىيىتى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرمىسا نورمال قىياپەت (فېگورا) ئىستىتىكىغا (گۈزەللىككە) لايىق شەكىللەنمەيدۇ.
ھاۋانىڭ ھەرىكەتكە ئىگە بولغان قىسمىنىڭ تۇپراق تەبىقىسىنى ئۆزگەرتىش، سۇغا ۋاستىلىق ھەرىكەت بېغىشلاش خۇسۇسىيىتى بولسا، ھەرىكەت كۈچنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولىدۇ. جىسىمدا ھەرىكەت پەيدا قىلغۇچى كۈچ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. جىسىم ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلغۇچى كۈچ قارىشىلىق كۈچ دېيىلىدۇ. ھاۋا ئوتنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەتكە ئىگە بولغاچقا تۇپراق تەبىقىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، شەكىلنى ئۆزگەرتىپ، ھەرخىل تەبىئىي ھۆنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياسايدۇ. «دۇنيادىكى تەبىئى ھەيكەلتراشلار » دېگەن كىتابتا شامال، سۇ ۋە بىر قىسىم ھايۋاناتلارنىڭ رولى ئۈستىدە تەپسىلى توختالغان. شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى شامال ئوت تەبىقىسىنىڭ ھاۋاغا ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى رولى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. شامال ئىسسىق ھاۋا بىلەن سوغۇق ھاۋانىڭ ئۆز ئارا ئۇچرىشىشىدىن پەيدا بولغان بىر خىل تەبىئى كونۋېكسىيىلىك ( كونۋېكسىيە ئاقار جىسىملارنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىدىكى ماددىلارنىڭ نىسپى ئېقىمى ئارقىلىق ئىسسىقلىق ئالماشتۇرىدىغان جەريان، ئاقار جىسىملارنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشچانلىقى ناھايتى كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش شەكىلى ئارقىلىق ئىسسىقلىق تارقىتىش ئىقتىدارى ئىنتايىن ناچار بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ماددىلار كونۋېكسىيىلىك جەريان ئارقىلىق ئىسسىقلىق تارقىتىدۇ، ئاقات جىسىملارنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىنىڭ نىسپى ئېقىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، تەبىئىي كونۋېكسىيە ۋە مەجبۇرىي كونۋېكسىيە دەپ ئىككى خىل بولىدۇ) جەرياندۇر.
شامالنىڭ سۇ تەبىقسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بولسا ۋاستىلىق تەسىر بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى ھاۋا، ئوتنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، شامالغا ئايلىنىپ شامال سۇ يۈزىدىن ئۆتكەندىن كېيىن سۇ بىلەن سۈركىلىش ھاسىل قىلىپ، سۇ دولقىنىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئوتنىڭ ھاۋاغا بولغان تەسىرى تۇپراققا ۋاستىلىك ئۆتىدۇ. مانا بۇ ھاۋانىڭ تۇپراق تەبىقىلىرىنى ئۆزگەرتىش، سۇغا ھەرىكەت بېغىشلاش تەسىرىدىن ئىبارەت.
ھاۋانىڭ ئوتنىڭ تۇپراق تەبىقىلىرىگە بولغان ئارتۇقچە تەسىرىنى توسۇش خۇسۇسىيىتى بولسا، تۇپراق ۋە سۇ تەركىبلىرىنىڭ ئارەزى ھالەتتە پارچىلنىشنى توسۇش خۇسۇسىيتىگە قارىتىلغان بولۇپ ئوت سۇنى قىزدۇرۇش، تەركىبلەرگە ئايرىش، تۇپراققا بولسا تۇپراقنى پاچىلاش، يىمىرلىشنى تىزلىتىش قاتارلىق تەسىرلىرىنى كۆرسەتكەچكە ھاۋا ئوتنىڭ ئۇلارغا بولغان ئارتۇق تەسىرلرىنى (سۇ تۇپراقنى ئوراش ياكى قورشاش) توسىدۇ، ھەم بۇ ئارقىلىق ئېكىلوگىيلىك مۇھىتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەيدۇ، ئۇنىڭ بۇ خۇسۇسىيىتى سىليوۋ لاپاس (پارنىك) نىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئوخشايدۇ. سىليوۋ لاپاس قىش ۋاقتىدا لاپسنىڭ تېمپراتۇرىسىنى تەڭشىپ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە لايىق تېمپراتۇرا بىلەن تمپراتۇرا ھازىرلاپ بېرىدۇ. ھاۋامۇ شۇنداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ماددىلار ئوت تەركىبىدىكى زىيانلىق تەركىبلارنى سۈزىدۇ، ياكى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
نۇرغۇن گازلار مىزاجى بىر خىللىق ئاساسىدا ھاۋا كاتىگورىيىسىگە جەملەنگەن بولۇپ، ئوتنىڭ سۇ ۋە تۇپراق تەبىقىلىرىگە بولغان ئارتۇق تەسىرىنى تەركىبىدىكى گازلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق توسۇپ، ناھايتى ئاز قىسمىنىلا ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل خۇسۇسىيىتى تۇپراق ۋە سۇنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ماسلاشقاندۇر، بۇ نى مۇنداق چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى تېرە سىرتقى مۇھىتتىكى باشقا ماددىلارنىڭ تەسىرى سېزىمىنى ئاجىزلاشتۇرپ، بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سىرتقى پوسىتىدىمۇ، ھايۋاناتلارنىڭ تېرىسى ھەتتا تۈكلىرىدىمۇ، شۇنداق خۇسۇسىيەت بولىدۇ. ھاۋانىڭ يۇقارقى خۇسۇسىيىتىنى ئادەم ھايۋاناتلارنىڭ تېرىسى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پوستىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا ئوتنىڭ تۇپراققا، سۇغا بولغان ئارتۇقچە تەسىرىنى توسۇش رولى ھاۋنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتىدۇر.
ھاۋانىڭ جىسىمغا پۇراق پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتى بولسا، ھەرقانداق جىسم ئازدۇر كۆپتۇر بولسۇن مۇھىت ئىچىگە تارقىلىپ تۇرىدۇ. شۇ جىسىمنىڭ پۇراقلىرى ھاۋا ئارقىلىق تارقىلىدۇ. ھاۋانىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق پۇراش ئورۇنلىرىغا يېتىپ بېرىپ، جىسمدا پۇراقتىن ئىبارەت بىر سېزىمنى پەيدا قىلىدۇ. ئادەتتە كۆرۈش سېزىمى مۇھىتقا مۇھتاج ئەمەس، يورۇقلۇق چۈشكەن ھەرقانداق ماددىنى كۆرەلەيدۇ، ئۇندىن باشقا بارلىق سەزگۈلەر مۇھىتنى ۋاستە قىلىپ ئاندىن تارقلىدۇ. مەسىلەن ئاۋاز سېزىمى ھاۋا زىچلىقى چوڭ جايدا كۈچلۈك ئاڭلىنىدۇ. ھاۋا زىچلىقى شالاڭلاشقانسېرى چاستوتىسى، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئاۋاز مەنبىئىنىڭ ئوخشاش بولىشىغا قارىماي ئاجىزلايدۇ. قوۋۇس بوشلۇقىدا بولسا تارقىلالمايدۇ. ئاۋازنىڭ ۋە پۇراقنىڭ تارقىلىش ۋاستىسى يەنىلا ھاۋادۇر، ئۇلارمۇ قوۋۇس بوشلۇقىدا تارقىلالمايدۇ. شۇڭا ئېيتىمىزكى ھاۋا كۆرۈش سېزىمىدىن باشقا سېزىم پائالىيەتلىرىنى سېزىش ئەزالىرىغا ۋاستىلىق يەتكۈزگۈچىدۇر. ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ يۇقىردا دېيىلىپ ئۆتكەندەك ، روھ ساپ ھاۋانى مەنبە قىلىپ پەيدا بولۇپ، گەۋدەنى ۋاستە قىلىپ پۈتۈن ئەزالارغا تارقىلىدۇ.
ھاۋانىڭ ماددىلارنىڭ ئومۇمىي ھالەتلىرىنى تەڭشەش خۇسۇسىيىتى بولسا، ماددىلارنىڭ ئومۇمىي ھالەتلىرى ئۇنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇن ھالەتلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، شەكلىنىڭ مەزمۇنىغا خاس ھالەتتە ياكى مەزمۇنىنىڭ شەكلىگە مۇناسىپ پەيدا بولىشى، ھاۋانىڭ ماددا ھالەتلىرىنى تەڭشەگۈچىلىك رولىدىن ئايرىلالمايدۇ. يەنى مۇكەممەللىككە ئىنتىلىشنىڭ سموۋولى ھاۋادۇر. ھەر قانداق بوشلۇق (ھېچقانچىق نەرسىنىڭ يوقلىقى) مۇكەممەلسىزلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. مۇشۇنداق مۇكەممەلسىزلىكنى تۈزەتكۈچى دەل ھاۋادۇر. مانا بۇ ئۇنىڭ ماددىلارنىڭ ئومۇمىي ھالەتلىرىنى تەڭشەش خۇسۇسىيەتلىرىدىن ئىبارەت. ئادەم بەدەن تۈزۈلىشىدە بولسا، يەنىلا شۇ مۇناسىۋەت ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، روھتىن ئىبارەت بىر ماددىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئۇ بەدەننىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يېتىپ بېرىپ، گەۋدە ھەرىكىتىنى تولۇق كامىل ئورۇنلاپ، ئادەم بەدىنىدىكى خاس مۇكەممەللىكنى شەكىللەندۈرگەن، .
ھاۋا ئالەم ۋە ئادەمنىڭ تۈزۈلىشىدە ئۇنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلايدۇ دېگەن خۇسۇسىيىتى بولسا، ئۇنىڭ مىكرو بوشلۇقلارغا سېڭىپ كىرىش ۋە ئۇلارنى تولدۇرۇش خۇسۇسىيتىگە قارىتىلغان بولۇپ، ماددا تۈزۈلۈشىدە ئاساسىي زىچلىقنى نورماللاشتۇرۇش ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ.
ھاۋانىڭ كەيپىياتى ھۆل ئىسسىق دېگەن خۇسۇسىيتى، ئۇنىڭ يۇقىردا ئېيتىلغان بارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ھاۋا بوشلۇقلارنى ۋە بوشلۇقلارغا تارقلالغان باشقا ماددىلارنىڭ مېكرو بۆلەلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇ نىسپى شالاڭ ھەم لەتىف جىسىمدۇر. ئۇ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش، ئوتنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەتكە ئىگە بولغان قىسىمى (شامال) تۇپراق تەبىقىلىرىنى ئۆزگەرتىش، سۇغا ۋاستىلىك ھەرىكەت بېغىشلاش، ئوتنىڭ سۇ ۋە تۇپراققا بولغان ئارتىق تەسىرلىرىنى توسۇش ياكى تەڭشەش، جىسىمغا پۇراق پەيدا قىلىش، ماددىلارنىڭ قۇرۇلما ھالەتلىرىنى تەڭشەش تەسىرى بولۇپ، ئالەم ۋە ئادەم تۈزۈلىشىدە بىر ماددا سۈپىتىدە قاتنىشىپ ئالەمنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلايدۇ. ئۇ نىسپى يەڭگىل بولغاچقا ئورنى ئوتنىڭ ئاستىدا، سۇنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىقتۇر دېگەن خۇسۇسىيەتلىرى ئارقىلىق ئالەم ۋە ئادەم بەدىنى تۈزۈلمىسىگە قاتنىشىدۇ. ھازىرقى زامان يېزا-ئىگىلىك ئىلمىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغان ئەگىشپ، ئاتموسفېرانى‹‹ ھاياتلىققا ئىگە›› دەپ تەرىپلەيدۇ. مانا بۇلار ھاۋا ھەققىدىكى قىسقىچە چۈشەنچىدىن ئىبارەتتۇر