ئوت ھەققىدەسەھىپە ئايرىلمىغان
ئوت تەلىماتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
بۇ يەردە ئېيتىلغان ئوت، قۇياش ۋە ئادەتتىكى ئوتقا قارىتىلغان بولۇپ ئۇ، ئىنتايىن ئىسسىق، شالاڭ، رەڭسىز، ئەڭ يەڭگىل بىر ماددا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوتنىڭ ۋەزنى مۇتلەق يەڭگىل بولغاچقا، دائىم يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. يەر شارىنى قاپلاپ تۇرىدىغان ھاۋا تەبىقىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. ئوت ( قۇياش)، 4 پەسىلە ۋە كېچە – كۈندۈزلەردە يەر شارىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا مۇۋاپىق ئىسسىقلىق يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. ئۇ، ئۆتكۈر قىزىتىش، نەرسە ۋە جىسىملارغا ھاۋا ئۆتكۈزۈش، ئۇلارنى تەركىبلەرگە ئايرىش، يۇشۇرۇش، سۇ ھەم تۇپراقنىڭ سۇغاقلىغىنى تەڭشەش، قاتتىق نەرسىلەرنى ئېرىتىپ ئۆزگەرتىش ۋە ماددىلارغا رەڭ بېرىشتەك روللارغا ئىگە. ئوت ئورۇن جەھەتتە ھەممىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. كەيپىياتى قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ.