ئوت ھەققىدە

 ئوتنىڭ نىرۋا سىستىمىسىغا بولغان مۇناسىۋىتى.

نىرۋا سىستىمىسنى ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا مەركىزى نىرۋا سىستىىمىسى ۋە ئەتراپ نىرۋا سىستىمىسى دەپ ئىككى تۇرگە بولىندۇ ،مەكىزى نىرۋا سىستىمىسى مىڭە ،يۇلۇنى ئەتراپ نىرۋا سىستىمىسى ،مىڭە ۋە يۇلۇندىن شاخلاپ چىققان نىرۋىلارنى ۋە ئاداشقان نىرۋىلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .ئوتنىڭ نىرۋا سىستىىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاساسلىقى ئوت تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇش سۇپىتى بىلەن  ئۇلارنى تۇزىشكە قاتنىشىدۇ ،ھەم مىزاجىنى تەڭشەپ سەزگۇرلىكى ئاشۇرۇپ نورمال فىزۇلوگىيلىك خىزمىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا ھەرخىل شەرىتلىك ۋە شەرىتسىز رىفلىكىس (قوزغىلىش) لەرنى شەكىللەندۇرىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، بەدەندە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۇزبەرگەندە يەرلىك ئورۇندىكى كىسەللىك ماددىسى نىرۋا ئۇچلىرىنى كۇچلۇك غىدىقلاپ ئاغرىش سىزىمى پەيدا قىلىدۇ، روھى نەپسانى ۋە قۇۋىتى نەپسانىنىڭ تەبئىي ھالەتتە ھەرقايسى ئەزا سىستىمىلارغا تولوق يىتىپ بىرىشىغا   كاپالەتلىك قىلىدۇ.  نېرۋاسىستىىمىسىدىكى ھەممە ئەزالارنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بولۇپ ئوت ئۇلانىڭ مىزاجىنى تەڭشەپ فىزلوگىيلىك خىزمىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ،ھەم بۇ سىستىىمىدىكى ئەزالارنىڭ ئۆزىدىكى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۇرۇپ نىرۋا سىستىمىسنىڭ نورمال تۇزلىشى ۋە رەئىس ئەزالىق رۇلىنى جارى قىلدۇرۇشتا مۇھىم روللارنى ئوتەيدۇ.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئىيىتقاندا ئوت ئۆزىنىڭ يۇقىرقىدەك تەسىرلىرى ئارقىلىق نىرۋا سسىتىمىسىدىكى ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button