ئوتنىڭ قان ئايلىنىش سىستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
قان ئايلىشى سىستىمىسى يۈرەك، قىزىل قانتومۇر، كۆك قانتومۇر، قىل قانتومۇر، ۋە قوشۇمچە لىمفا كاناللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يۈرەك، قىزىل قانتومۇر، كۆك قانتومۇر، قىل قانتومۇر، ۋە قوشۇمچە لىمفا كاناللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە قانتومۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى دەپ ئىككى جەھەتتىن چۈشىنىشكە بولىدۇ.
① ئوتنىڭ يۈرەك، قىزىل قانتومۇر، كۆك قانتومۇر، قىل قانتومۇر، ۋە قوشۇمچە لىمفا كاناللىرىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى:
ئوت ئۆزىنىڭ يۇقىرىقىدەك تەسىرلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپتىن يۈرەكنىڭ نورمال قىسىقىرىش كۈچىنى ساقلىسا يەنە بىر تەرەپتىن قانتومۇر ۋە لىمفا كاناللىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقچانلىقى ۋە ئۆتكۈزۈشچاقلىغىنى نورماللاشتۇرىدۇ، ئۇيغۇر تېبابتىدە يۈرەك بەدەننىڭ قۇياشى سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ، قۇياشقا ئوخشاش ئۆزىدىن ئىسسقلىق چىقارالايدىغان يۇلتۇزلار ئالەمنىڭ ئىسسقلىق مەنبىيى بولغانغا ئوخشاش يۈرەكمۇ بەدەننى ئىسسقلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ، يۈرەك بەدەندىكى ئەڭ ئىسسىق ئەزا بولۇپ ئىسسىق سوغۇقلۇققا بولغان سەزگۈسى ناھايىتى يۇقىرى،سىرتنىڭ تەسىرى ئىسسىقلىقى بولسۇن ياكى بەدەننىڭ ئىچكى ئىسسىقلىقى بولسۇن يۈرەكتە ناھايىتى تىز ئەكىس ئىتىدۇ. ئىبىنسىنا «ئەلقانۇن فىتتىب» ناملىق ئەسىرىدە يۈرەكنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى سۆزلەپ «يۈرەكتە ئىسسىقتىن ئىششىق بولسا كىسەللەنگۈچى دەرھال ئۆلىدۇ، سوغۇقتىن ئىششىق بولسىمۇ ساقىيىشى قىيىن ياكى ئۆلىدۇ» دەپ بايان قىلغان مانا بۇ قاراشتىنمۇ يۈرەكنىڭ ئىسسىقلىققا بولغان تەسىرىنىڭ ياكى يۈرەكنىڭ ئىسسىقلىققا قانچىلىك سەزگۈرلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. يۈرەك بەدەندىكى ئەسلى ھارارەتنىڭ مەنبىيى بولۇپ ئۆزىدىكى تەبىئىي ئىسسىقلىق ئارقلىق بەدەننىڭ نورمال فىزولوگىيىلىك پائالىيىتنى تەرتىپكە سالىدۇ. ئوتنىڭ قانتومۇر ۋە لىمفا كاناللىرىغا بولغان تەسىرى بولسا قانتومۇر لىمفا كاناللىرىدا ئىنتايىن ئۇششاق توشۇكچىلەر (غەلۋىرنىڭ توشىكىسىمان) بولۇپ ئۇئارقىلىق قانتومۇر ۋە توقۇلمىلار ئارسىدا ماددا ئالمىشىپ تۇرىدۇ، ئادەم سوغۇقتا قالغاندا بۇتۇشۇكچىلەر ئىتىلىپ ياكى كىچىكلەپ ماددا ئالمىشىش سۇسلايدۇ،ئەگەر ئىسسىق تەسىر قىلسا توشۇكچىلەر كىڭىيىپ ماددا ئالمىشىش جانلىندۇ. ئەگەر ئوتنىڭ قانتومۇرلارغا بولغان تەسىرى ئاجىزلىسا قانتومۇر بىلەن توقۇلمىلار ئوتتۇرسىدا ماددا ئالمىشىش توسقۇنلىققا ئۇچىراپ ئىمتىلا ‹توسۇلۇپ قىلىش› خارەكتىرلىك ھەرخىل كىسەللىكلەر كىلىپ چىقىدۇ.يەنە بىرتەرەپتىن قانتۇمۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ساقلاپ قان بىسىمىنى تەڭشەشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. لىمفا ئايلىنىشقا تەسىر كۆرسىتىپ لىمفا كاناللىرى ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلارنى ھەرىكەتلەندۇرۇپ بەدەن تەبىئەت كۇچىنى بەرپا قىلىدۇ.
② .قان تۇمۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلارغا بولغان تەسىرى.
قان تۇمۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلار بەدەننى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان ھەرخىل تەركىبلەرنى ئۇزئىچىگە ئالغان بولۇپ قانتۇمۇر ئىچىدىكى تەركىبلەر ئوتنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئوزىنىڭ نورمال قىيامىنى ساقلاپ ئەزا ،توقۇلمىلارغا لايىقىدا سۇمۇرلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ،ھەم قانتۇمۇر ئىچىدە بىرقىسىم ماددىلار بىرىكىپ (سىنتىزلىنىپ) زۆرۇر بولغان روللارنى ئوينايدۇ. ئوت ئۆزىنىڭ يۇقىردا بايان قىلىنغىنىدەك روللىرى بىلەن قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ قان تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ئەزا،توقۇلمىلارنىڭ مىكرۇبۆلەكچىلىلىرىگىچە سىڭدىرىدۇ،ھەم ئەزا توقۇلمىلاردا تۇرۇپ قالغان فەزلات(بۇزۇق ماددىلار ) لارنى ئۆزىنىڭ ئېرىتىش خۇسۇسىيتى ئارقىلىق تازلايدۇ، قان خىلىتىنىڭ تەركىبى قىسىمى بولغان قىزىل قان ھۇجەيلىرىنىڭ كۆپىيىشنى ئىلگىرى سۇرىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئېيتقاندا ئوت ئۆزىنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيتى ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ بەدەندىكى پۇتكۇل ئەزالارنىڭ فىزۇلوگىيلىك خىزمىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ، مانا بۇ ئوتنىڭ قان ئايلىنىش سىستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى