(1) ئوتنىڭ ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
ھەزىم قىلش ئەزالىرى ئىغىزدىن تارتىپ مەقەتكىچە بولغان بەدەننى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىلىگۈچى خادىمى ئەزا بولۇپ ئوت ئۇلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە، ئوت ئالدىن بىلەن ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇش بىلەن تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ ھەم ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ يىمەكلىكلەرنى پارچىلاش بەدەنگە كىرەكلىك بولغان ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى بىرىكتۈرۈش، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلىرىنىڭ ئاجرىلىشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ھەم ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ مىزاجىنى تەڭشەشتە موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئوتنىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتىن چۈشۈنىشىكە بولىدۇ.
①ھەزىم قىلىش ئەزالىرىغا ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش رولى: ئادەم بەدىنىدىكى تىمپىراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى ئەزا يۈرەك ئۇندىن قالسا جىگەر ئۇندىن قالسا ئۆت ئۇندىن قالسا كۆز…..ئەڭ سوغۇق ئەزا سۆڭەك ئۇندىن قالسا ئۇرۇقدان….بولۇپ ئۇلارنىڭ ئۇنداق بولىشى نورمال فىزولوگىيىلىك خىزمىتىگە ماسلاشقانلىقىدىندۇر. ھەزىم قىلىش ئەزالىرى ئاساسلىقى ئىغىز بوشلۇقى، تىل، يۇتقۇنچاق، بوغۇز، قىزىل ئۆڭگەچ، جىگەر، ئۆت، ئۆت خالتىسى، ئاشقازان كىرىش ئىغىزى، ئاشقازان، ئاشقازان چىقىش ئىغىزى، 12 بارماق ئۈچەي، ئاشقازان ئاستى بىزى، بوغماق ئۈچەي، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە، قارىغۇ ئۈچەي، ئاچچىق ئۈچەي، Sسىمان ئۈچەي، تۈز ئۈچەي، مەقئەت قاتارلىقلار بولۇپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە ماسلاشقان تىمپىراتۇرا ھەرخىل بولىدۇ. بۇ ئورۇنلارنىڭ تىمپىراتۇرىسى ئوتنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق شۇنداق تەڭشىلىدۇ. ئوتنىڭ يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتىكىنىمىزدەك ماددىلارنى ئىرىتىش، قىزدۇرۇش، تەركىبلەرگە ئايرىش رولى بولغاچقا ھەزىم ئەزالارنىڭ نورمال تىمپىراتۇرىسى ( خىزمىتىگە ماسلاشقان ئىسسىقلىقى ) ساقلاش ئارقىلق يىمەكلىكلەرنىڭ نورمال ھەزىم بولىشىنى كاپالەتكە ئىگە قلىسا يەنە بىر جەھەتتىن ھەزىم قىلىش بەزلىرىنىڭ ھەزىم قىلىش خەمىرەسى نورمال ئىشلەپ چىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ( خەمىرە بىئولوگىيىلىك ئاكتىپچانلىققا ئىگە خىميىلىك ماددا بولۇپ ئۇ تاللاشچانلىققا خاسلىققا ئىگە ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى مەلۇم تىمپىراتۇرا شارائىتى ئاستىدا ئىلىپ بىرىلىدۇ چۈنكى خەمىرەلەرنىڭ ئاساسى تەركىبى زۇلال ‹ئاقسىل› بولغاچقا زۇلال يۇقىرى تىمپىراتۇرادا قىتىشىپ سۈپەت ھالىتىنى ئۆزگەرتىدۇ زۇلالنىڭ سۈپەت ئۆزگەرتىشى قايتىلما جەريان ئەمەس، خەمىرەنىڭ خۇسۇسىيىتى پۈتۈنلەي توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ نەتىجىدە خەمىرەلەرنىڭ نورمال ئەفئالى ‹فىزولوگىيىسى› توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ھەزىم قىلىشقا ئالاقىدار ھەرخىل كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ )
② ئوتنىڭ خلىتلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىلىشىغا ۋە باشقا ئەزالارغا كۆرسەتكەن تەسىرى:
خلىتلار بەدەننىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىدە ئۆزلىكسىز ئىشلەپ چىقىلىرىلىدىغان ئاساسى سۇيۇقلۇقلاردىن ئىبارەت، بەدەننىڭ ئاساسى فىزولوگىيىلىك ئەھۋالى ۋە كىسەللىنىشى ئۇلاردىن تاشقىرى ئەمەس، ئوتنىڭ يۇقاردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك ماددىلارنى بىرىكتۈرۈش تەركىبلەرگە ئايرىش خۇسۇسىيىتى بولغاچقا يىمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقلار ماسارىقا تومۇرلار ( جىگەردىن ئۈچەيگە تارقلغان سۈمۈرگۈچى ۋىنالار ) ئارقىلىق سۈمۈرلۈپ جىگەرگە يىتىپ كەلگەندىن كىيىن ئوتنىڭ يۇقىرى خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق پىشىپ يىتىلىپ سان سۈپەتكە لايىق تۆت خىلىت ( سەپرا، سەۋدا، بەلغەم، قان خىلىتلىرى ) ئىشلىنىپ ( سىنتىزلىنىپ ) چىقىدۇ، خلىتلارنىڭ نورمالنى ئىشلىنىشگە ئۆت سۇيۇقلۇقنىڭ تەسىرى ئىسسىقلىقى جىگەرنىڭ ئۆزىدىكى ۋە يۈرەكتىكى ھارارىتى غەرىزىيە ( بەدەننىڭ ئەسلى ئسسقلىقى يەنى ئۇرۇقلانغان تۈخۈم ھاسىل قىلغان ئىسپىرما بىلەن تۇخۇمدىن كەلگەن ئىسسىقلىق ياكى ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا بار بولغان بىرخىل ئىسسقلىققا قارتىلغان بولۇپ بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى غايىپتىن كەلگەن ئىسسقلىق دىگەن بولىدۇ ) نىڭ تەسىرى ئارقىلىق بۇ خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ، ئەگەر ئوتنىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرىغا بولۇپمۇ جىگەرگە بولغان تەسىرى بىنورمال بولسا ئىشلىنىپ چىققان خىلىتلاردا غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىش بولۇپ ھەرخىل كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نورمال ئشلنىپ چققان سان-سۈپەتكەلايقلاشقان خىلتلارنىڭ بىر قسمى زۆرۈربولغان روللارنى (زۆرۈر بولغان روللار ئەزا توقۇلمىلارنى تۈزەش ۋە ئوزوقلاندۇرۇش رولىغاقارتىلغان ) ئۆتەش ئۈچۈن قان ۋە لىمفا ( ھەكىم غۇلام گىلانخان ئوزىنىڭ «مەخزىنول جاۋاھىر» ناملىق ئىزاھلىق لوغىتىدە بەلغەم خىلتىنى لىمفا سۇيۇقلىقى دەپ چۈشەندۈرگەن ) ئايلىنشغا قاتنىشىپ ئۆزنىڭ نورمال فىزولوگىيىلىك خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ، زۆرۈر بولمىغان قىسمى ( زۆرۈر بولمىغان قىسمى بولسا سۈپەتكە لايىق لىكىن ئىھتىياجدىن ئاشقان قىسمى بولۇپ مەخسۇس ئورۇنلاردا ساقلىنىدۇ، بەدەن ئىھتىياجلىق بولغان ۋاقىىتتا قان ئايلىنىش لىمفا ئايلىنىش ۋە باشقا ئۆتكۈنچى يوللار ئارقلىق بەدەننىڭ فىزولوگىيىلىك خىزمىتلەرنى بىجىرىدىغان قىسمىنى كۆرسىتىدۇ ) مەخسۇس ئەزالاردا ساقلنىپ شۇ ئەزا ۋە باشقا ئەزالارنىڭ خىزمىتىگە ماسلاشقان بولىدۇ.
بۇنداق تەركىبلەرگە ئاجرىلىش ۋە بىرىكىش يەنىلا ئوتنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ئاندىن داۋاملىشىدۇ،
ئومۇملاشتۇرۇپ ئىيىتقاندا ئوت ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ نورمال خىزمىتىنى ساقلاش ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تەكىبلەرگە ئايرىش يىمەكلىكلەردىن قوبۇل قىنمىغان قىسمىنى ( ھەرخىل ھاياتىنلار، بىر قىسىم تىزابى زۇلالى ‹ئامىنىوكىسلاتلىرى› …..) بەدەندە بىرىكتۈرۈش قاتارلىق ماددا ئالمىشىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ھەزىم قىلش ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ، مانا بۇ ئوتنىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئبارەت.