ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكى
ئۇيغۇر تىببى- دورىگەرلىك ئىلمى ۋەتەن تىببى- دورىگەرلىك ئىلمى غەزىنىسىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسىمى. ئۇيغۇر ئەمگەكچى خەلقلىرىنىڭ قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بىرگە ئۇزۇندىن بۇيان كېسەللىكلەرگە قارشى قىلغان كۈرەشلىرىنىڭ ئومومى يەكۈنى.
دورىلار ئىلمى ۋە ياسالما نۇسخلىرى ئىلمى، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان، ئەمىلىي سىناقلاردىن ئۆتۈپ پەيدىن- پەي مۇكەممەللەشكەن بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ پۈتۈن باسقۇچلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
دورىلار ئىلمى، دورا ماتىرىياللىرىنى تونۇش، ئۆستۈرۈش، يېغىش، ساقلاش، ئىش قوشۇپ پىششىقلاش قاتارلىقلارنى تەپسىلى تونۇشتۇرغاندىن سىرت، دورىلارنى خۇسۇسىيتى، كېسەللىكلەر ۋە ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارغا تەسىر قىلىشىغا قاراپ 20نەچچە تۈرگە ئايرىيدۇ ھەمدە تۈرلەر بويىچە ھەربىر دورىنىڭ تەبىئىتى، خۇسۇسىيتى، تەسىرى، ئىشلىتىلىشى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى، قوشۇمچە تەسىرى، قوشۇمچە تەسىرلىرىنى تۇزىتىش چارىلىرى، دورىلارنىڭ بەدىلى(ئورۇن باسارى)، دىققەت قىلىدىغان ئىشلىرىنى تەپسىلى ئېنىق تونۇشتۇرىدۇ.
ياسالما نۇسخىلىرى ئىلمى جەھەتتە، تارىخىي خاتىرىلەردە خاتىرلىنىشىچە بۇنىڭدىن 1400يىل ئىلگىرىلا ئۇيغۇر تىۋىپلىرى دورىلارنىڭ ياسالما شەكىللىرىنى داۋالاش ئىھتىياجىغا قاراپ ساقلاش، ئىشلىتىش ۋە ئىچىشكە ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن، ھەب، سۈپۈپ، قۇرس، قايناتما، چىلانما، قىيام، شەرۋەت، رۇپ، مەجۈنات، ئەرەقىيات، زىماد، مەلھەم، قەترە (كۆزگە تامغۇزۇلىدىغان)، پەرزىجە، ھوقنە شياف، ۋە باشقا ياسالمىلارنى ياساپ ئىشلەتكەن ۋە ئۇلارنى ساقلاش تېخنىكىلىرىغا ئىگە بولغان. زەھەرلىك دورىلار، كۈچلۈك تەسىر قىلغۇچى دورىلار ۋە ئادەتتىكى دورىلارنى بىر- بىرىدىن پەرىقلەندۈرگەن. دورىلارنىڭ ئىشلىتىش مىقدارىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. ھەمدە ئەمىلىي ئىمكانىيەتكە ئاساسەن، دورىلارنى ئاددى ياكى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش قائىدىلىرىنى بىلگەن. جۈملىدىن ئاساسى دورا، ياردەمچى دورا ۋە بەدەل دورىلارنى قوللىنىش قائىدىلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش نەزىرىيىۋى ۋە ئىلمى بىلىملىرى بولغان. ئۇيغۇر تىبابىتى ھازىرمۇ دورا ياسالما شەكىللىرىنى چوڭ جەھەتتە خىمىر دورىلار، قاتتىق دورىلار، تالقان دورىلار، سۇيۇق دورىلار، سىرىتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلار دەپ 5تۈرگە، ھەر تۈرىنى نەچچە خىللارغا ئايرىيدۇ. يەنى خېمىر دورىلارنى: ئىتىرپىل، ئايارەج، تەرياق، لوئوق، جاۋارىش، مەجۈنات، لوبوپلارغا؛ قاتتىق دورىلارنى: بانادۇق، ھەب، قۇرسلارغا؛ تالقان دورىلارنى: سۇپۈپ، سۇنۇن، سۈرمە ۋە سەپمىلەرگە؛ سۇيۇق دورىلارنى: شەرۋەت، ئەرق، مۇراببا، گۈلقەن، چىلانما، لوئاپلارغا؛ سىرىتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى: ياغ مەلھەم، زىماد، ھوقنە، تامچىلارغا ئايرىيدۇ. ئۇلارنىڭ تەركىۋى، مىقدارى، ياساش ئۇسۇلى، تەبئىتى، خۇسۇسىيتى، ئىشلىتىلىشى، ئىچىش مىقدارى ۋە ئۇسۇلى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلىرى، دورا سۈرىگى، ساقلاش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تەپسىلى تونۇشتۇرىدۇ. رېتسىپ تەركىۋىدە زەھەرلىك دورا ۋە ئىش قوشۇشقا تېگىشلىك مەدەنلەر بولسا، ياسالمىنى ياساشتىن بۇرۇن زەھەرلىك دورىلارنى قانداق مۇدەپپەر (زەھەرسىز) قىلىش، مەدەنلەرنى قانداق كۈشتە قىلىشنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ.
يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك ساھەسىدىكى تىببى ساغلاملىق تۈرىدىكى دورىلار بازارغا يۈزلىنىپ، كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتى، لىكىن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان دورىلارنىڭ رولى، داۋالىرىغا قارىتا تەشۋىقات يىتەرسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئاممىنىڭ تونۇشى ئاجىز، ئۇيغۇر تىببى دورىگەرلىك مەنبەسى مول، مەزمۇنى باي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر ئاساسىدا تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ۋارىسلىق قىلىش، جارى قىلدۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ تەجىربىلەرنى يەكۈنلەپ، كۆپلىگەن ئىلىم- پەننىڭ كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر تىبابەت ئىلمىنى ۋە دورىگەرلىك ئىلمىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇچۈن يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كىلىدۇ. ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكمىز تېخى قىزىلمىغان ”كۆمۈكلۈك“ بايلىقتۇر.
ئۇيغۇر تىبابەت قامۇسى» (بىرىنجى توم)
مۇرەككەپ (پىششىقلاپ ئىشلەنگەن) دورىلارغا نەزەر
دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرگە نەزەر