قارىئۆرۈك
قارىئۆرۈك
ئىلمىي نامى: Fructus Prunus domisticca
باشقا ئاتىلىشى: ئالوسىيا، ئالو بۇخار، ئالۇ بالۇ.
تۈركچە نامى: Siyah erik
ئىنگىلىزچە نامى: Garfen plun
خەنزۇچە نامى:酸梅(suan mei)
تونۇش: بۇ، ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك قارىئۆرۈك دەرىخىنىڭ مېۋىسى.
چىقىش ئورنى: شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەردىن چىقىدۇ.
يېغىپ ساقلاش: مېۋىسى پىشقاندا يېغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.
لايىقلاشتۇرىلىشى: قۇرۇتۇش ئارقىلىق لايىقلاشتۇرۇلىدۇ.
تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
خۇسۇسىيىتى: غەيرىي تەبىئىي سەپرا ۋە قان خىلىتىنى تەڭشەش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى، قىزىتما، زۇكام، كۆپ ئۇسساش، كۆڭۈل ئىلىشىش، قۇسۇش، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 20 ~ 50 گىرامغىچە.
زىيانلىق تەسىرى: سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەردە باش ئاغرىقى، باش قېيىش پەيدا قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: گۈلقەنت، ھەسەل.
ئورۇنباسارى: تەمرىھىندى، گىلاس.