ئەللامە ئالائىدىن مۇھەممەد خوتەنى
ئەللامە ئالائىدىن مۇھەممەد خوتەنى 12- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مەركىزىي شەھرى يوتقان كەنتى (ھازىر بۇ يەر «ئەسكەنتى»، يەنى كونا شەھەر دىيىلىدۇ.)دە، غوجا مۇھەممەد ئىسىملىك بىر دىننىي زات ئائىلىسىدە توغۇلغان. بۇ ۋاقىتتا خوتەن ۋىلايىتىئىسلام دىنىنى يېڭىراق قوبۇل قىلىپ، قەشقەردىكى قاراخانىلار ھاكىمىيتىگە قارايتتى. مانا شۇ چاغدا ئالائىدىن خوتەنىگە ئوخشاش ئىلىم تەلەپكارلىرى قەشقەر ساچىيە مەدرىسىدە ئوقۇپ دىننىي ئىلىم تەھسىل قىلىپ خوتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەردرىسلەرنى ئېچىپ نۇرغۇن شاگىرتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ۋە ئىبنىسىنانىڭ «ئەلقانۇن» ئەسىرىنى ئوقۇپ ئۆگىنىپ، تېۋىپلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. بۇ كېشى ئۆز ئەۋلاتلىرىغا تىبابەت ئۆگەتكەن. ھازىر خوتەندە تېبابەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى شۇ كىشىنىڭ شاگىرتلىرىدۇر.
ئەللامە ئالائىدىن شۇ مەزگىلدە ئىسلام دىنى ئەھكاملىرىغا مۇۋاپىق « ئەلفىقھۆتىببىيە»(تېببىي قانۇن) دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققان. بۇ كىتابقا تېببىي خادىملارنىڭ قەستەن ياكى سەۋەنلىك بىلەن سادىر قىلغان خاتالىقلىرىنى شەرىئەت ھۆكىمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا بىر نەچچە ماددىلىق قانۇن بەلگىلەنگەن. بۇ كىتابتا يەنە يالغان تېۋىپلار ۋە باشقىلارنىڭ ئادەملەرنىڭ سالامەتلىكىگە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزگەن جىنايەتلىرى ئۈچۈن بىرىلىدىغان جازا بېكىتىلگەن. ئەپسۇسكى ئەللامەنىڭ تارىخى، ئەللامە مازىرى تەزكىرىسى ۋە ئۇنىڭ يازغان ئەسىرى «زۇبدەتۇل قاۋانىل ئىلاج»،«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدە، ئۇنىڭ ئەۋلادى بولغان ئاتاقلىق تېۋىپ تۇردى مۇھەممەت ئاخۇن ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن كېتاپلار قاتارىدا كۆيدۈرۋېتىلگەن.