كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكى
ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ يېمەك- ئىچمىگى
ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ تېنىدە ئېنىرگېيەنىڭ خورىشى تېز بولىدۇ. شۇڭا، ئىمكان قەدەر ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، ئاقسىل ۋە ۋىتامىنلار مول ھەرخىل يىمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، تۇخۇم، سۈت، گۆش، بېلىق قاتارلىق كالتسىي ماددىسى كۆپ يىمەكلىكلەرنى ۋە كۆكتات، مېۋە، پۇرچاق قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى لازىم. ھاراق، تاماكا، لازا قاتارلىقلار قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. قان تۈكۈرگەندە سامساقنىمۇ كۆپ يېمەسلىك كېرەك.
يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتا بولغانلارنىڭ يېمەك- ئىچمىگى
ئانار، دولانا، بولجۈرگەن، تۇرۇپ، سەۋزە قاتارلىقلارنىڭ يۈرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رولى بار. مايلىق يىمەكلىكلەر، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، ئاچچىق-چۈچۈك يىمەكلىكلەر، قېنىق چاي، ھاراق قاتارلىقلارنى ئاز ئىستېمال قىلىش لازىم.
قان بېسىمى يۇقىرىلاپ كەتكەنلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىگى
قان بېسىمى يۇقىرى كېسەللەر، تەركىۋىدە ۋىتامىن، كۆپرەك بولغان يېڭى كۆكتاتلارنى، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، مېۋە-چېۋە، قوغۇن-تاۋۇزلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى لازىم. خەيدەي قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قان تومۇرلار قېتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش رولى بار. شۇڭا دائىم يەپ تۇرۇش كېرەك. ھايۋانات مايلىرىنى يېمەي، ئۆسۈملۇك مايلىرىنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا قاندىكى خولېستېرولنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چىڭسەي قاتارلىقلارنىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش رولى بار. تۇزنى ئازراق ئىستېمال قىلىش، ھاراق ئىچمەسلىك لازىم.
جىگەر كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ يېمەك- ئىچمىگى
جىگەر كېسىلىگە يېڭىدىن گىرىپتار بولغانلار سۈت، تۇخۇم، بېلىق، گۆش، پۇرچاق قاتارلىق ئاقسىل ماددىسى مول يىمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك. شېكەر، گىلۇكوزا، مۇراببا، ھەسەل قاتارلىق ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يىمەكلىكلەرنى ئادەتتىكىدىن كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. سوزۇلما خاراكتىرلىك جىگەر كېسەللىكلىرى ھەرخىل كۆكتاتلار، مۇراببا قاتارلىقلار ۋە مايسىزراق يىمەكلىكلەرنى يىيىش كېرەك. ئاچچىق- چۈچۈك نەرسىلەرنى يېمەسلىك، ھاراقنى مۇتلەق ئىچمەسلىك كېرەك.