سۈيدۈك يولى ياللۇغىنى ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش
خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى، سۈيدۈك يولى تازلىقىغا دىققەت قىلماسلىق ، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، يۇقىرىقى نەپەس يوللىردا يۈز بەرگەن ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرى، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرى، ئاياللاردىكى سىرىتقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان، سۈيدۈك يولىدا ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ ، پات – پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، سىيگەندە ئېچىشىش، كۆيگەندەك سېزىم بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
1) يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاش پرىنسىپى:
دەسلەپكى مەزگىلدە مايسىز، لەتىف غىزالار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم. ئاچچىق، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە غىزالارنى چەكلەپ، ۋىتامىنلار مول بولغان، ئاقسىل مىقدارى كۆپ بولغان، ياللۇغ قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان يېمەكلىكلەردىن نوقۇت، تېرىق، ماش، ئارپا، ئاق قوناق، سەۋزە، تۇرۇپ، چامغۇر، پىياز، كاۋا، شوخلا، كەرەپشە، ئوسۇڭ، يېسىۋىلەك، يۇمغاقسۈت، كاكىنەچ، بەدىيان، نەشپۈت، ئاپېلسىن، ھەسەل، قىزىل چاي، يېشىل چاي قاتارلىقلار ۋە ئۇلاردىن تەييارلانغان ھەرخىل غىزالارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش لازىم .
2) يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاش
(1) يالپۇز تەملىك ئۇماچ: يالپۇز 30 گرام، بەدىيان ئون گرام، كاكىنەچ ئون گرام، بادام مېغىزى 40 گرام، نوقۇت 60 گرام. يۇقىرقى ئۈچ خىل دورىلىق تەركىبنى بىر كىلوگرام قايناق سۇدا 4~3 سائەت چىلاپ تۇرغۇزۇپ، ئاندىن l5 مىنۇت قاينىتىپ سۈزۈپ، 500 گرام دورا سۈيى ئېلىنىدۇ. بادامنىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىپ ئېزىپ، يۇيۇپ تازىلانغان نوقۇت بىلەن قوشۇپ، دورا سۈيىدە 45~30 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، ئۇماچ تەييارلاپ، ھەر كۈنلۈكى ناشتىدا ياكى چۈشلۈك تاماقتا بىر ۋاخ ئىستېمال قىلىنىدۇ .
(2) ئاق قوناق ئۇمىچى: ئاق قوناق يارمىسى 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. قوناق يارمىسى بىلەن قائىدە بويىچە ئۇماچ تەييارلاپ، ھەر كۈنلۈك ناشتىلىقىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ .
(3) سەۋزىلىك نوقۇت ئېشى: سەۋزە 70 گرام، غولپىياز 30 گرام، تەرخەمەك 30 گرام، نوقۇت l00 گرام، تۇز ئاز مىقداردا. كۆكتاتلارنى پاكىز تازىلاپ، يۇيۇپ قائىدە بويىچە توغراپ، نوقۇت بىلەن بىللە مۇۋاپىق سۇدا ئۇزاق قاينىتىپ پىشۇرۇپ تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ .
3) يېمەك-ئىچمەك پەرھىزى :
كالا گۆشى، لازا، سۈرلەنگەن گۆش، لەڭپۇڭ، سېرىقئاش، قارىئۆرۈك، كۆكسۇلتان، لىمون قاتارلىق تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى ، زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.