ئۇزۇقلۇق ۋە كېسەللىكلەر

سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈشنى ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش

بۆرەك، دوۋساق ۋە سۈيدۈك يولىدىكى ھەر خىل ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر تەسىردىن ياللۇغلۇق ماددىلارنىڭ توپلىشىپ قېلىشى، سۈيدۈك يولىدىكى ھەر خىل توسۇلۇشلۇق كېسەللىكلەر تەسىرىدىن سۈيدۈكنىڭ يىغىلىپ قېلىشى ۋە تەركىبىدە ۋىتامىن A كەم بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، قالقانسىمان يان بېزى خىزمىتىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن بۆرەك ۋە دوۋساققا تاش پەيدا بولۇپ، كلىنىكىدا بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىش، ئاغرىق كىندىك ئەتراپى، ئۇرۇقدان ۋە سىرتقى جىنسىي ئەزالارغا تارقىلىش، بەزىدە تۇيۇقسىز بەل سانجىلىپ ئاغرىپ بىمار ناھايىتى بىئارام بولۇش، سوغۇق تەرلەش، بەزىدە كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، ئاغرىق بىرقانچە مىنۇتتىن بىر قانچە سائەتكىچە تۇتۇپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە قان سىيىش كۆرۈلۈش، ئەگەر تاش تۆۋەنگە سىلجىپ دوۋساققا چۈشسە، سۈيدۈك راۋان كەلمەسلىك ياكى سىيىۋاتقان سۈيدۈك ئۈزۈلۈپ قېلىش، سىيگەندە كىندىك ئەتراپى ئاغرىش، ئاغرىق سىرتقى جىنسىي ئەزاغا تارقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

1)  يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاش پرىنسىپى:

لەتىف غىزالار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم. بەك مايلىق، يۇقىرى ئاقسىللىق ۋە كالتسىيلىق يېمەكلىكلەرنى چەكلەش، سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىش لازىم. تەركىبىدە ۋىتامىن A نىسبەتەن مول بولغان، سۈيدۈك ھەيدەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، تاش چۈشۈرۈش، پارچىلاش، خۈسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان يېمەكلىكلەردىن نوقۇت، تېرىق، ماش، ئارپا، ئاق قوناق، سەۋزە، تۇرۇپ، چامغۇر، پىياز، كاۋا، شوخلا، كەرەپشە، ئوسۇڭ، يېسىۋىلەك، يۇمغاقسۈت، كاكىنەچ، بەدىيان، نەشپۈت، ئاپېلسىن، ھەسەل، قىزىل چاي، يېشىل چاي قاتارلىقلار ۋە ئۇلاردىن تەييارلانغان ھەرخىل غىزالارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش لازىم.

2)  يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاش

(1)  مېغىزلىق ئۇماچ: چامغۇر ئۇرۇقى 20 گرام، ياڭاق مېغىزى 80 گرام، قۇشقاچ گۆشى بىر دانە، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قوناق ئۇنى ھەربىرى 30 گرامدىن. چامغۇر ئۇرۇقى بىلەن تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزىنى چالا سوقۇپ، مۇۋاپىق سۇدا قاينىتىپ سۈزۈپ، ئۈستىگە قۇشقاچ گۆشىنى پارچىلاپ سېلىپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ، پوستى ئاقلىۋېتىلىپ، سوقۇلغان ياڭاق مېغىزى، قوناق ئۈنلىرىنى ئاز-ئازدىن سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، پىشۈرۈپ ئۇماچ تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم ئىسسىق ھالەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(2) سۈيدۈك ھەيدىگۈچى ماش ئېشى: ماش 80 گرام، سەۋزە 100 گرام، تاۋۇز شاپىقى 30 گرام، تۇز مۈۋاپىق مىقداردا. سەۋزىنى پاكىز يۇيۇپ، ئاقلاپ، تاۋۇز شاپىقى بىلەن ئۈششاق توغراپ تەييارلىۋېلىپ، پاكىزلانغان ماش بىلەن قوشۇپ، ئۈچ كىلوگرام سۇدا 30 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، تۇزنى ئارىلاشتۈرۇپ تەييارلاپ خالىغان ۋاقىتتا بىر ۋاخ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(3)  ماش ئېشى: ماش 60 گرام، توخۇ تاشلىقى 15 گرام، يالپۇز تالقىنى 15 گرام. توخۇ تاشلىقىنى ئېزىپ، يالپۇز، ماش بىلەن بىللە قوشۈپ قاينىتىپ، سۈيۇق ھالەتتە ئاش تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم ئىسسىق ھالەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(4)  كەرەپشە ئۇرۇقى ئېشى: كەرەپشە ئۇرۇقى 30 گرام، ياڭاق مېغىزى 70 گرام، كاسىنە ئۇرۇقى 15 گرام، چامغۇر 60 گرام، گۈرۈچ 100 گرام، ئاش تۇزى مۇۋاپىق مىقداردا. كەرەپشە ئۇرۇقى بىلەن كاسىنە ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق سۇدا قاينىتىپ، تەمىنى ئېلىپ سۈزۈپ، سۈيىگە ئاقلاپ، توغرالغان چامغۇر ۋە گۈرۈچنى سېلىپ، مۇۋاپىق سۇ قوشۇپ،45~30 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئۇماچ تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم ئىسسىق ھالەتتە خالىغان ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(5)  كاۋا پوستى ئىچىملىكى: كاۋا پوستى 50 گرام، سىيادان ئون گرام، ھۆل زەنجىۋىل ئون گرام، قارا شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا. كاۋا پوستى بىلەن زەنجىۋىلنى ئۇششاق توغراپ، سىيادان بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ پىشۇرۇپ، سۈزۈپ، تىرسىنى ئېلىۋىتىپ سۈيىگە قارا شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىملىك تەييارلاپ، كۈندە بىر نەچچە قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3)  يېمەك-ئىچمەك پەرھىزى:

تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، ئاچچىق – چۈچۈك يېمەك- ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. مەسىلەن : تونۇر كاۋىپى، زىغ كاۋاپ، ئات گۆشى، لازا، قارىمۇچ، ھاراق… قاتارلىقلار، ئۇسسۇز ھالەتتە ئۇزاق يۈرۈشتىن، كالتسيلىق دورىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button